بېكەت ھەققىدە

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى بىزگە زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرىدۇ
 

     يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ھەر قايسى شەھەر، ناھىيە، يېزىلارنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بۇ توغرىسىدا تۈرلۈك يىغىنلار ئېچىلدى، بۇ جەھەتتە قۇرۇق شوئار توۋلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ ھال ھەر ساھەدە ئىشلەۋاتقان كەڭ كەسپ ئىگىلىرىدىن، ئاددىي پۇقرالاردىن قانۇن ساۋادىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك پۇقرالارنىڭ قانۇن ئۆگىنىپ كەسپىي خادىم بولۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش، دېگەنلىك ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى قوغداش يولىدا بولسىمۇ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ قويۇش تەلىپىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، ئەلۋەتتە كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئەسلىدىنلا يېتىشمەيۋاتقان ئادۋوكاتلارنى ئاۋارە قىلىپ ۋاقتىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇيغۇر تورچىلىق ساھەسىدە ئۆزلۈكسىز يېڭىلىپ تۇرىدىغان، سەھىپە ۋە مەزمونلىرى تولۇق بولغان قانۇنغا ئائىت بىر تور بېكەت بەرپا قىلىش تەخىرسىز زۆرۈر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى. يېڭىلىنىش سۈرئىتى تېز بولغان قانۇننى ئومۇملاشتۇرىدىغان، خەلقنى يېتەكلەش رولىنى ئۆتەيدىغان قانۇنچىلىق، ئادۋوكات تورىنىڭ بولماسلىقىدىن ئىبارەت بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ ئۆزقۇت سودا چەكلىك شىركىتى 2015 – يىلى فېۋالدا شىنجاڭ ئادۋوكات تورى (www.xjadwokat.com) نى قۇرۇپ چىقتى.
     شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدە 10 يىلدەك ئىشلىگەن، 2010 - يىلى دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن، قانۇنچىلىق ئاخباراتى، مۇھەررىرلىك، قانۇنچىلىق تەرجىمانلىقى، قانۇن مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان مۇھەممەت ئابلىمىت ئۆزقۇت تور بېكەت سەھىپە ۋە مەزمونلىرىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنتىرنېت تورىغا چىقارغاندىن كېيىن، ئۆزلۈكسىز تۈردە تورغا دۆلىتىمىز 1954 – يىلىدىن بۇيان ئېلان قىلغان تۈرلۈك قانۇن – نىزام، ئەدلىيەلىك ئىزاھات، بەلگىلىمە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك نىزام– قائىدىلىرىنى ئىزدەپ سوراپ تېپىپ، ئۇرغۇزۇپ ياكى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېكەتكە يوللىدى، نۆۋەتتە تور بېكەتكە يوللانغان قانۇن – نىزام، بەلگىلىمىلەر ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق بولدى.
     ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا يەنە تىپىك دېلو ئۆرنەكلىرى، دېلو مىساللىرى، قانۇندىن مەسلىھەت، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ساۋات خاراكتېرلىك سوئال – جاۋابلار يوللاندى. بۇنىڭدىن كېيىن تور بېكەتكە داۋاملىق تۈردە يۈكسەك ئاخبارات سەزگۈرلۈكى بىلەن جەمئىيەتتە ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان قانۇنىي مەسىلىلەر بىرىنچى ۋاقىتتا يوللىنىدۇ. دېمەك، شىنجاڭ ئادۋوكات تورى نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ مۇكەممەل بىر ئادۋوكات تورى ھېسابلىنىدۇ. مەيلى ئادۋوكات بولۇڭ، ياكى سودىيە، پىروكورۇر، خەلق ساقچىسى بولۇڭ، ياكى ئاددىي پۇقرا بولۇڭ سىز ئىزدىمەكچى بولغان قانۇنىي مەسىلە ياكى قانۇنىي ئاساس شىنجاڭ ئادۋوكات تورىدىن تېپىلىدۇ.
     پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ھايات مۇساپىسىدە يولۇققان قانۇنىي مەسىلىلەردىن مەسلىھەت سورىيالايدۇ، چۇنكى بېكەتتە ھەر قايسى ئادۋوكاتلارنىڭ سۈرىتى، ئالاھىدىلىكى، كەسىپ بىلەن شوغۇللانغان ۋاقتى، ئالاقىلىشىش نومۇرى قاتارلىقلار بار، خالىغان ئادۋوكاتتىن مەسلىھەت سورىسا ياكى دېلوسىنى ئىشلەشكە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. تور بېكەتكە ئەزا بولۇپ سۈرىتىنى چىقىرىپ قويغان ئادۋوكاتلار بولسا زور مىقداردىكى دېلو مەنبەسىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. چۇنكى بۇ تور بېكەت كەلگۈسىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قاپلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تور بېكەت جەمئىيەتتىكى كارخانا پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئارلىشىدۇ، ئىلغار پائالىيەتلىرىنى تور يۈزىدە ئېلان قىلىدۇ ھەم قانۇن جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماتىرىيال يوللاش سەھىپىسىگە قەلەمگە ئانچە – مۇنچە ئىشقى بار ئەزالار ئۆز ئەسەرلىرىنى يوللىيالايدۇ. تور بېكەت بۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە ئورۇنلىرى ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن زىچ ئويۇشۇپ، مەزمون دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. شىنجاڭ ئادۋوكات تورىنىڭ پۈتكۈل مەزمونىنى يانفوندىمۇ ئوخشاشلا كۆرگىلى ھەم باشقىلارغا تارقاتقىلى بولىدۇ.
تور بېكەتنىڭ ئاساسلىق سەھىپىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. تىزىملىتىش: بېكەتنىڭ سول تەرەپ چوققىسىغا ئابونتلار تور بېكەتكە ئەزا بولىدىغان كۆزنەك تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۆزنەك ئارقىلىق ئابونتلار بېكەتكە ئەزا بولالايدۇ، ئەزا بولغاندىن كېيىن بارلىق مەزمونلارنى تولۇق كۆرەلەيدۇ.
2. ئادۋوكات تىزىملىتىش: ھەر قايسى ئادۋوكاتلار بۇ تىزىملىك ئارقىلىق ئۆز ماتىرىياللىرىنى تەپسىىلىي يوللىيالايدۇ، تەستىقلانغاندىن كېيىن باش بەتتە سۈرىتى بىلەن قوشۇلۇپ كۆرىنىدۇ.
3. مەسلىھەت سوراش: بېكەتكە ئەزا بولغان ئابونتلار  تۈرلەر بويىچە قانۇندىن مەسلىھەت سورىيالايدۇ.
4. ماتىرىيال يوللاش (ئەسەر يوللاش): بېكەت ئەزالىرى ئۆز ئەسەرلىرىنى يوللىيالايدۇ، دەۋاگەرلەر ئۆز دېلوسىغا ئائىت ماتىرىياللىرىنى مۇشۇ كۆزنەك ئارقىلىق ئادۋوكات تورىغا يوللىسىمۇ بولىدۇ. ئادۋوكاتلار، ساقچىلار، تەپتىشلەر، سودىيەلەر ئۆز ئىشلىگەن تىپىك دېلو مىساللىرىنى يوللاپ قويسىمۇ بولىدۇ.
5. ئادۋوكاتخانا تىزىملىتىش: ھەر قايسى ئادۋوكاتخانىلار ئۆز ئادۋوكاتخانىسىنى تىزىملاتسا بولىدۇ.
6. بېكەت ئۇچۇرى: ئەزالارغا ئۇقتۇرۇشقا تېگىشلىك مەزمونلار يوللىنىدۇ.
7. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار: گوۋۇيۈەن، ئاپتونوم رايون چىقارغان تۈرلۈك سىياسەت، كارخانا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، پايدىلىق ئۇچۇرلار بىرىنچى ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ.
8. ئادۋوكاتلار: ئادۋوكاتلارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە خاسلىقى يوللىنىدۇ.
9. ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى: ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ ماتىرىيالى يوللىنىدۇ.
10. قانۇن نىزاملار: بارلىق قانۇن – نىزاملار يوللىنىدۇ.
11. ئەدلىيەلىك ئىزاھات: ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلار بىرىنچى ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ.
12. كارخانا ۋە ئەمگەكچى:
‹1›. كارخانىغا ئائىت قانۇن: كارخانىغا ئائىت بارلىق قانۇنلار جەملەنگەن.
‹2›. ئەمگەكچىگە ئائىت قانۇن: ئەمگەكچىگە ئائىت بارلىق قانۇنلار جەملەنگەن.
‹3›. كارخانىغا ئائىت ساۋات: كارخانىچى ئېھتىياجلىق كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر يوللىنىدۇ.
‹4›. ئەمگەكچىگە ئائىت ساۋات: ھەر قايسى ئورۇن، كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەر ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا ئائىت دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر يوللىنىدۇ.
‹5›. كارخانا پائالىيىتى: شىركەت، كارخانىلار ئۆتكۈزۈگەن تۈرلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرى، ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىگە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ خەۋەر قىلىنىدۇ.
‹6›. ئىلغار ئەمگەكچى: كارخانىلاردىكى مۇنەۋۋەت خادىملارنىڭ ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
‹7›. مۇنەۋۋەت كارخانىچى: يېتەكچىلىك خاراكتېردىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغان كارخانىچى ئۇستازلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
‹8›. سەركە كارخانا: باشلامچىلىق رولىنى ئۆتەۋاتقان كارخانىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
13. ئەدلىيە ئىمتىھانى: دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا ئائىت تۈرلۈك مەزمونلار يوللىنىدۇ.
14. قانۇن ھۆججەتلىرى: كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك توختام، ئەرزنامەقاتارلىق قانۇن ھۆججەت ئۆرنەكلىرى يوللىنىدۇ.
15. سوئال جاۋابلار: پۇقرالار كۆپ ئۇچرايدىغان ساۋات خاراكتېرلىك سوئال – جاۋابلار يوللىنىدۇ.
16. قانۇن ۋە پۇقرا: قانۇن ۋە پۇقرا پىرگراممىسى ئۇلاپ يوللىنىدۇ.
17. قاتناش ۋە قانۇن: يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، يېڭى چىققان بەلگىلىمىلەر ۋە شۇنىڭغا ئائىت مەزمونلار يوللىنىدۇ.
18. ماقالىلەر: قانۇنغا ئائىت، ھەر ساھەگە ئائىت ماقالىلەر يوللىنىپ تۇرىدۇ.
19. دېلولار: جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي جازا، مىراس، نىكاھقا ئائىت دېلولار يوللىنىدۇ.
 بېكەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن مەسلىھەت سوراش ئۈندىدار نومۇرى: 542570244

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى خاس ئۈندىدار نومۇرى: 858909268
يانفون نومۇرى: 18999174577

 

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىي ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولىدىكى ئەڭ ئاقىلانە تاللىشىمىز بولۇپ قالغۇسى!!

كۆپچىلىككە رەھمەت

سۆز قالدۇرۇش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.