جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 9107 قېتىم كۆرۈلدى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى
8 W! \, O: e* c4 N继承法
8 d' r0 x- I6 c1 r1 n7 k% X& K6 V; B1 C9 r7 n+ b" Y! N1 H

   1985 -يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان
. ~- ^* _9 G- j7 s, W. V: y       1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ
7 ^9 k/ C5 U- k+ f, f# p. E1 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلۈككە بولغان ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈلدى.
" b) w3 r, p ? l6 t9 {' T8 [ p           2   -ماددا مىراسقا ۋارىسلىاق قىلىش مىراس قالدۇرغۇچى ۋاپات بولغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ
/ r: q9 l* h" T8 Q4 |2 o: z' x 3-ماددا مىراس پۇقرالارنىڭ ۋاپات بولغاندا قېپقالغانشەخسىي قانۇنىي مال-مۈلكىدۇر، ئۇ مۇنۇلارنىا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
# X/ {& B" R: Z# C پۇقرالارنىڭ دارامىتى؛
8 x8 x( ~7 u' [( B% `: j. ](2) پۇقرالارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئامانەت قويغان پۇللىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى؛
% z' F* e {& X7 U6 O% b0 ~4 u8 Q(3) پۇقرالارنىڭ دەل-دەرەخلىرى، چارۋا ماللىرى ۋە ئۆي قۇشلىرى؛
) F0 i+ b5 V5 M(4)  پۇقرالارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى، كىتاب ماتېرىياللىرى؛
! M. q% Q) f! T/ U, ]# ] (5) پۇقرالارنىڭ قانۇندا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى؛
2 [; b) d. q) n- ]. g(6) پۇقرالارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقى دائىرىسىدىكى مال-مۈلۈك ھوقۇقى؛
# @3 N' ]0 L# _! q(7) پۇقرالارنىڭ باشقا قانۇنىي مال-مۈلۈكلىرى.
) r c: F+ c5 h# W5 O$ |         4 -ماددا شەخسىي ھۆددىگەرلىكتىن شەخسلەرگە تېگىشلىك بولغان تاپاۋەتكە ۋارىسلىق قىلىش مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. شەخسىي ھۆددىگەر ھۆددىگەەرلىكنىڭ قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ داۋاملىق ھۆددىگە ئېلىشىغا يول قويغانلىرى ھۆددىگەرلىك توختامى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
# \& L& R" O) Z" ], K/ C       5 -ماددا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچەئىش كۆرۈلىدۇ؛ ۋەسىيەت قىلىنغان بولسا، ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق ياكى ھەدىيە قىلىش ۋەسىيىتى بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇل ۋەسىيەت بىلەن ھەدىيە قىلىش يار-يۆلەك بولۇش كېلىشىمى بولسا، كېلىشىم بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ.
1 v( ~( A J0 _$ U5 X+ E        6 -ماددا ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشىلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى، ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى شۇ كىشىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.
; V: L/ c4 ^) \0 m b ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ۋە ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى شڭ كىشىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ ياكى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ يۈرگۈزىدۇ.
! r% z7 s! N6 E0 j2 b4 B         7 -ماددا ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ:
- S2 y$ r. B* A* Y7 w/ ^ (1) مىراس قالدۇرغۇچىلارغا قەستەن قاتىللىق قىلغانلار؛
1 \8 a) [5 I" ?% K1 ^( p% R1 N1 a(2) مىراس تالىشىش يۈزىسىدىن باشقا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا قاتىللىق قىلغانلار؛
( i: ]# a5 M$ w1 k/ c; k1 |7 F(3) مىراس قالدۇرغۇچىنى خارلاش ۋە تاشلىۋېتىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛
+ d/ f" m+ e- `( r (4) ۋەسىيەتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ياكى يوق قىلىۋېتىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار.
4 L k& ^* ~: ^6 B' G       8 -ماددا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا دائىر ماجىرالار ئۈستىدە دەۋا قىلىش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ؛ بۇ مۇددەت ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۆز ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلەگەن ياكى بېلىش زۆرۈر بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغان كۈندىن ھېسابلىغاندا 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا دەۋا قىلىشقا بولمايدۇ.
( a( n# C/ b% K! f3 ^ 2 -باب قانۇنىي ۋارىسلىق
) a& k4 j1 D6 f9 -ماددا ۋارىسلىق ھوقۇقىدا ئەر-ئاياللار باراۋەر.
8 l8 A8 w5 w0 m& W2 B10 -ماددا مىراسقا تۆۋەندىكى رەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ.
( Q7 B T9 N! u. K بىرىنچى رەتتىكىلەر: ئەر-خوتۇن، ئوغۇل-قىز، ئاتا-ئانا؛
/ L3 q. R* g- y; m" w: vئىككىنچى رەتتىكىلەر: ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، بۇۋا-مومىلار.
" C: }) X" z' e. M" iۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئىككىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋارىسلىق قىلمايدۇ، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىدىغان بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بولمىسا، ئىككىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋارىسلىق قىلىدۇ.
' P$ k" r& K) y$ K5 Y0 w          بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئوغۇل-قىزلار نىكاھلىق تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلارنى؛ نىكاھسىز تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلارنى؛ بېقىۋالغان ئوغۇل-قىزلارنى ۋە بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي ئوغۇل-قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- C g1 C- s& m9 n0 b         بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاتا-ئانىلار ئۆز ئاتا-ئانىسى، بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى ۋە بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي ئاتا-ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
" l8 g1 {2 l; b# R7 T# \! E         بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار بىر ئاتا-ئانىدىن بولغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنى؛ بىر ئاتا، باشقا ئانىدىن بولغان ياكى بىر ئانا باشقا ئاتىدىن بولغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنى بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنى ئۆز .ئىچىگە ئالىدۇ.
2 B3 x5 k5 H! q7 e E1 j" o' t% V        11 -ماددا مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، شۇ ئوغۇل-قىزلارنىڭ بىۋاسىتە قانداش ئەۋلادلىرى ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلغۇچى بولىدۇ. ئورۇن باسار ۋارىسلىق قىلغۇچى ئادەتتە، ئۆز ئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولغان مىراس ئۈلۈشىگىلا ۋارىسلىق قىلالايدۇ.
% R" V6 {: p; c' ~. S        12 -ماددا ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ۋە قېينانا-قېيناتىسىنىڭ ھالىدىن ئاساسلىق خەۋەر ئالغان كېلىنلەر، خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن قېينانا-قېيناتىسىنىڭ ھالىدىن ئاساسلىق خەۋەر ئالغان كۈيئوغۇللار بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچى بولىدۇ.
6 o2 \8 ^* J3 I1 z7 Z         13 -ماددا بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان مىراس ئۈلۈشى، ئومۇمەن تەڭ بولۇشى كېرەك.
E% P( c; V1 S p9 Y- l: w      تۇرمۇشىدا ئالھىدە قىيىنچىلىقى بولغان، ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا مىراس بۆلگەندە، ئېتىبار بېرىلىشى كېرەك.
- v2 w8 N8 x/ b5 x$ L/ c        مىراس قالدۇرغۇچى ئالدىدا ئاساسلىق بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان ياكى مىراس قالدۇرغۇچى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا مىراس بۆلگەندە كۆپرەك بۆلۈنسە بولىدۇ.
/ Y& e0 J+ f- X s9 O' p$ Q        بېقىش ئىقتىدارى ۋە بېقىش شارائىتى بار تۇرۇپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا مىراس بۆلگەندە، مىراس بۆلمەسلىك ياكى ئازراق بۆلۈش كېرەك.
' g! ?. G/ d" g# c5 T* c ۋارىسلىق قىلغۇچىلار كېڭىشىپ پۈتۈشسە، مىراس تەڭ بۆلۈنمىسىمۇ بولىدۇ.
: m6 S9 ~, J& u7 O       14 -ماددا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرمەيدىغان، مىراس قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدىكى ياردىمىگە تايىنىپ جان باققانم ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى كەم، شۇنداقلا تىرىكچىلىك يولى بولمىغان كىشىلەرگە ياكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرمەيدىغان، مىراس قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدا كۆپرەك باققان كىشىلەرگە لايىقىدا مىراس بۆلۈپ بېرىلسە بولىدۇ.
' d1 k X$ `# u        15 -ماددا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋارىسلىق مەسىلىسىنى بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش ۋە بىر-بىرىگە يول قويۇش، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش روھى بويىچە كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مىراس بۆلۈش ۋاقتى، چارىسى ۋە مىراس ئۈلۈشىنى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار كېڭىشىپ پۈتۈشىدۇ، پۈتۈشەلمەي قالغاندا، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى كېلىشتۈرۈپ قويسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
5 g; k* p4 L' V. W$ R ^; }3 -باب ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق ۋە ھەدىيە قىلىش ۋەسىيىتى
! B1 Z, U9 e' m d16 -ماددا پۇقرالار شەخسىي مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەسىيەت قىلسا ۋە ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلغۇچىنى بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ.
4 M7 j9 M0 h" v پۇقرالار شەخسىي مال-مۈلكىنى قانۇنىي ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بىر ياكى بىرقانچە كىشىگە مىراس قالدۇرۇش توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلسا بولىدۇ.
0 E( M+ v2 i5 B$ p# W% h        پۇقرالار شەخسىي مال-مۈلكىنى دۆلەتكە، كوللېكتىپقا ياكى قانۇنىي ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن باشقا كىشىلەرەە ھەدىيە قىلىش توغرۇلۇق ۋەسىيەتقىلسا بولىدۇ.
2 L3 H' j- n( r- ^+ |+ O! }       17 -ماددا ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ جامائەت ەۇۋاھلىقى ۋەسىيىتىنى جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگانلىرى بېجىرىدۇ.
" ]2 [( \( |8 Zۋەسىيەت يازغۇچىلار ۋەسىيەتنامىنى ئۆز قولى بىلەن يازىدۇ ۋە ئۆز ئىمزاسىنى قويۇپ، يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئېنىق يېزىپ قويىدۇ.
X y/ L0 b1 I9 O/ L) Y5 d ۋەسىيەتنى باشقىلارغا يازدۇرماقچى بولسا، ئىككىدىن ئارتۇق كىشى تۆپىدە شاھىت بولۇپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ بىرى قەلەم تۇتۇپ يېزىشى، ئۇنىڭغا يىل، ئاي،م كۈنلەرنى ئېنىق ئەسكەرتىشى ھەمدە ۋەسىيەتنامىغا قەلەم تۇتقۇچى، باشقا شاھىتلار ۋە ۋەسىيەت قىلغۇچى ئىمزا قويۇشى كېرەك.
! _! u! G* A: x7 _# K( `         ئۈنئالغۇغا ئېلىش يولى بىلەن ۋەسىيەت قالدۇرماقچى بولسا، ئىككىدىن ئارتۇق كىشى تۆپىدە شاھىت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك.
; y1 f) {/ b% `: e        ۋەسىيەت قىلغۇچى خەۋپلىك ئەھۋالدا قالغانبولسا، ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرسا بولىدۇ. ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرغاندا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى تۆپىدە شاھىت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك، ۋەسىيەت قىلغۇچى خەۋپلىك ئەھۋالدى قۇتۇلۇپ، يازما ياكى ئۈنئالغۇغا ئېلىش يولى بىلەن ۋەسىيەت قالدۇرالايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئاغزاكى قىلغان ۋەسىيىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
" u: i: R$ r& \ n" f' I            18 -ماددا تۆۋەندىكى كىشىلەر ۋەسىيەتكە شاھىت بولالمايدۇ:
5 W' ~9 s/ b2 H. w# O1 b% ^ (1) ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەر؛
7 d9 Z; T! a+ I+ k; G* Q3 [3 \# K (2) ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋە ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلار؛
% h2 z% J; ?9 m" u- G (3) ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلار بىلەن مەنپەئەتدار كىشىلەر.
% K" |5 _; `; } ?2 x. l: k           19 -ماددا ۋەسىيەتتە ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغا، شۇنداقلا تىرىكچىلىك يولى بولمىغان ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ تېگىشلىك مىراس ئۈلۈشىنى قالدۇرۇشى كېرەك.
4 e: P. I- b. }2 _. D5 b- H" n         20 -ماددا ۋەسىيەت قىلغۇچى ئۆز ۋەسىيىتىنى كۈچىدىن قالدۇرالايدۇ ۋە ئۆزگەرتەلەيدۇ.
/ d8 i. M! ^. b: |) a* Mقىلغان ۋەىسيەت بىرقانچە نۇسخا بولۇپ، مەزمۇنى بىر-بىرىگە زىت كەلسە ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيەت ئاساس قىلىنىدۇ.
J' b! Q# K' k0 e! D+ I2 d# I& N6 j0 p         جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەتنى ئۆزى يازغان، باشقىلارغا يازدۇرغان، ئۈنئالغۇغا ئالدۇرغان ۋە ئاغزاكى قالدۇرغان ۋەسىيەت بىلەن كۈچتىن قالدۇرۇۋېتىشكە ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
2 D, P1 n' b" n* l       21 -ماددا ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىقتا ياكى ھەدىيە قىلىش ۋەسىيىتىدە مەجبۇرىيەت قوشۇمچە شەرت قىلىغان بولسا، ۋارىسلىق قىلغۇچى ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى شۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى لازىم.
5 S( S0 A+ X$ y2 H* T       ئورۇنسىز سەۋەپ بىلەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمايدىغانلار بولىدىكەن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇلرنىڭ مىراس ئېلىش ھوقۇقىنى ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىلتىماس بويىچە ئېلىپ تاشلىسا بولىدۇ.
- o S' C. m1 [4 j- A         22 -ماددا ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەر قىلغان ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە ئەمەس.
7 v2 L- k- a1 e' _+ f# G' I j+ k8 ]       ۋەسىيەتتە ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ھەقىقىي پىكىرى ئىپادىلەنگەن بولۇشى شەرت، تەھدىت سېلىش ۋە ئالداش ئارقىلىق قىلىنغان ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە ئەمەس.
! _8 {1 y- |' X. x( L        ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئۆزگەرتىۋېلىنغان ۋەسىيەتنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەزمۇنى كۈچكە ئىگە ئەمەس.
! U6 v3 F' h& }1 h4 -باب مىراسنى بىر تەرەپ قىلىش
+ ^# {. h. |$ h" D 23 -ماددا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۇنى باشقا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا ۋە ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلارغا ۋاقتىدا ئۇقتەۇرۇشى كېرەك. مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەرقايسىسى خەۋەت تاپمىغان ياكى خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئۇقتۇرۇش قىلالمىغان بولسا، مىراس قالدۇرغۇچى ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ئورۇن ياكى ئولتۇراقلاشقان جايدىكى ئاھالە كومىتېتى ۋە مەھەللە كومىتېتى ئىگە بولۇپ ئۇقتۇرىدۇ.
! o% C, }- K" A( \         24 -ماددا مىراسنى ساقلىغۇچىلار ئۇنى ئوبدان ئاسراپ ساقلىشى كېرەك. ھەرقانداق كىشىنىڭ مىراسنى يەپ كېتىشىگە ياكى تالان-تاراج قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
/ b/ [ e; A1 [+ y; k        25 -ماددا ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، مىراستىن ۋاز كەچكۈچى ۋارىسلىق قىلغۇچى مىراستىن ۋااز كېچىدىغانلىقىنى، مىراس بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئىزھار قىلىشى كېرەك. ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلمىغانلار مىراس قوبۇل قىلغۇچى دەپ ھېساپلىنىدۇ.
a) {0 D* `: N# ^/ q& `$ v& f          ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلار ھەدىيە ئالىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئىككى ئايغىچە ھەدىيىنى قوبۇل قىلىدىغانياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشى كېرەك. شۇ قەرەل توشقىچە ئىزھار قىلمىغانلار ھەدىيە قوبۇل قىلىشتىن ۋاز كەچكۈچى دەپ ھېسابلىنىدۇ.
0 Z9 |3 j" s2 v8 v& w2 p$ k        26 -ماددا مىراسنى بۆلگەندە، ئەر-خوتۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە تاپقان ئورتاق مال-مۈلۈكنىڭ پۈتۈن بارلىرىدىن باشقىلىرىنى بۆلۈشكە توغرا كەلسە، ئاۋۋال ئورتاق تاپقان مال-مۈلۈكنىڭ يېرىمى جورىسىغا تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن، قالغىنى مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ مىراسى بولىدۇ.
% B- }- I$ M- I1 @% J: P% Z         مىراس ئائىلىنىڭ ئورتاق مال-مۈلكىگەئارىلاش بولسا، مىراس بۆلۈش ۋاقتىدا، ئالدى بىلەن باشقىلارغا تەئەللۇق قىسمىنى ئايرىېىتىش كېرەك.
, [2 b9 P. w. z; }/ ~5 o+ R          27 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، مىراسنىڭ ئۇنىڭغا ئالاقىدار قىسمى قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
, R5 Z, S: O4 ^. D, Y3 [    (1) ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىقتىن ۋاز كەچسە ياكى ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيە قوبۇل قىلىشتىن ۋاز كەچسە؛
+ t! j- Y6 f( F! a3 v+ P(2) ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان بولسا؛
& r ^2 O7 T w8 Y- ^3 p4 z z7 d   (3) ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋە ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىكىشى ۋەسىيەت قىلغۇچىدىن ئاۋۋال ئۆلۈپ كەتسە؛
2 @- i- Y: R/ y- |8 v6 @  (4) ۋەسىيەتنىڭ كۈچكە ئىگە بولمىغان قىسمىغا دائىر مىراسلار؛
t* V9 {( H$ @* S   (5) ۋەسىيەتتە بىر ياقلىق قىلىنمىغان مىراسلار.
! m* M8 F. Z' f# P         28 -ماددا مىراس بۆلۈش ۋاقتىدا قورساقتىكى بالىغا تېگىشلىك مىراس ئۆلۈشى ساقلاپ قويۇلۇشى كېرەك.
5 ^/ ?/ u4 w8 `! } قورساقتىكى بالا ئۆلۈك تۇغۇلسا، ساقلاپ قويۇلغان مىراس ئۈلۈشى قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
6 _) k8 R+ W9 E1 m: K* c: B        29 -ماددا مىراس بۆلۈش ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا پايدىلىق بولۇشى، مىراسنىڭ ئۈنۈمىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
2 B @3 [2 U- Z& [ k        بۆلۈش ئەپسىز بولغان مىراسلارنى باھاغا سۇندۇرۇش، لايىقىدا ھەق بېرىش ياكى ئورتاق مۈلۈك قىلىپ قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
X' _ J( Y* Y+ Z M        30 -ماددا ئەر-خوتۇن ئىككىيلەندىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە بىر قايتىدىن نىكاھلانسا، ئۇ ئۆزى ۋارىسلىق قىلغان مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
: U5 W8 B8 \3 t        31 -ماددا پۇقرالار ئۆزىنى باققۇچىلار بىلەن ھەدىيە قىلىش-بېقىش كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ. باققۇچى كېلىشىم بويىچە ئاشۇ پۇقرانى ھايات ۋاقتىدا بېقىش، ئۆلگەندە دەپنە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
5 s: G7 Q8 L/ Z, V" R I, M         پۇقرالار كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى تەشكىلات بىلەن ھەدىيە قىلىش-بېقىش كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ ۋە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى تەشكىلاتلار كېلىشىم بويىچە ئاشۇ پۇقرانى ھايات ۋاقتىدا بېقىش، ئۆلگەندە دەپنە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
: @! X- _/ ?8 G/ K1 ?2 ]5 z        32 -ماددا ۋارىسلىق قىلىدىغان ھەم ھەدىيە قوبۇل قىلىدىغان ئادىمى يوق مىراس دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ؛ ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغان بولسا، ئاشۇ مىراس كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى تەشكىلاتقا تەۋە بولىدۇ.
0 i1 i' Z, |/ i        33 -ماددا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتا مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزى تۆلىنىشى كېرەك. بۇ باج ۋە قەرزنى تۆلەشتە ئۇنىڭ مىراسىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى چەك قىلىنىدۇ. مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرسا بۇنىڭغا چەك قويۇلمايدۇ.
- \# Z; `8 ^- z4 N! l/ Z         ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كەچسە مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
% t2 |! @: A1 E1 e; x         34 -ماددا ھەدىيە قىلىش ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلىش ئىشى ۋەسىيەت بىلەن ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەشكە دەخلى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.
3 a) K" f' M" O% E5 F! T- n3 T8 Q 5 -باب قوشۇمچە پرىنسىپ
; b" J7 G3 z6 l* A) Y) M a35 -ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى مۇشۇ قانۇندىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتىكى كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بەزى جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگخلىمىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلارنىڭ بەلگىلىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.
5 w& X1 R3 d9 Z          36 -ماددا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ سىرتىدىكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشىدا ياكى ئۇلارنىڭ چەت ئەللىك كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشىدا تۇراقسىز مۈلۈككە مىراس قالدۇرغۇچى تۇرغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. كۆچمەس مۈلۈككە مۈلۈك جايلاشقان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.
\/ j4 {# A4 [ a3 t* `3 G          چەت ئەللىك كىشىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشىدا ياكى ئۇلارنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ سىرتىدىكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشىدا، تۇراقسىز مۈلۈككە مىراس قالدۇرغۇچى تۇرغان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. كۆچمەس مۈلۈككە ئۇ مۈلۈك جايلاشقان جاينىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزگەن بولسا، شۇ شەرتنامە ياكى كېلىشىم بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ.
8 N3 ?7 Y: s) u% s4 [: |# u        37 -ماددا بۇ قانۇن 1985-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يىولغا قويۇلىدۇ.

$ S; ^, N1 J. Z3 P- `0 u: s & j0 j: M7 C1 G9 g

 

/ f1 S1 Y( U, R3 [# J b7 N4 u% W3 `. N0 ]- V5 R, v- [$ b
 
& Q* p) Z" V6 E3 J6 I6 b & Z7 R& U9 ^( z0 e! L( Z$ [

 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.