شىنجاڭ قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى تەبرىكلەندى
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 5712 قېتىم كۆرۈلدى

شىنجاڭ قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى تەبرىكلەندى

0 p! ]! F: K$ R$ Y + ]$ |7 C0 x% [$ b: |3 P% [) }. J

/ }7 q+ q5 g; [( s$ ?* E' I* N2 G % w( V$ |! J) f* S2 ]8 Z8 [) L

2016 - يىلى 18 - ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا چوڭ بازار زىياپەت زالىدا شىنجاڭ قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىلللىقى تەبرىكلەش، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

" O5 s7 k8 ]# w: d8 }' t9 n 0 `% [* a( T9 W

 يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاپپار ھەبىبۇللا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەدلىيە نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئابلىز ھوشۇر ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سابىق مۇئاۋىن باش تەپتىشى ئابدۇراخمان مەمەت ئەپەندى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت رېھىم ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى قانۇن ياردەم باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئادۋوكاتلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىز رېشىت ئەپەندى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئەپەندى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەنۋەر ئەپەندى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ خۈيمىن ئەپەندى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ھەر قايسى ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى ۋەكىللىرى، شۇنداقلا تاراتقۇلار بولۇپ 500 گە يېقىن مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلدى.

+ n8 K3 }8 h, l) U' B+ b% v/ M4 t% d % b9 @; Z& |* _! X

شىنجاڭ قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى قاسىم ئەپەندى مۇنداق دېدى :
6 y; u$ a' }3 R شىنجاڭ قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنى بۇ ئون يىل مابەينىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، شۇنداقلا بۈگۈنكى يىغىنغا كەلگەن بارلىق مېھمانلارنىڭ غەمخورلىقىدا، كەسىپداشلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، بارلىق ئادۋوكاتلىرىمىز پارتىيە 18-قۇرۇلتاي 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىننىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىنىڭ يېتەكچىسى قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىلىك ئۇلۇغۋار پىلانىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، شۇ ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسى، شىنجاڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، كەسپىمىزدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەققانىيەتنى ياقلاش يولىدا ھارماي-تالماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. 
. Q2 y, d! b* ?7 y7 M2 tشىنجاڭ قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنى 2006-يىلى شەھىرىمىزدە قۇرۇلغان تۇنجى ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىرىنى ئاساس قىلغان شېرىكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئادۋوكاتلىق ئورنى بولۇپ، بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىدا ھازىر 27 نەپەر ئىشچى خىزمەتچى خىزمەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، بەزىلىرى جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئادۋوكاتلار بولۇپ، ئادۋوكاتلارنىڭ ھەممىسى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى قانۇن بىلىمىگە ئىگە، كەسىپتە پىشقان ئادۋوكاتلاردۇر.
7 G$ `4 X* B' e, a( i) ^2 }  بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشى شەھىرىمىزدە ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىرى بولۇش، ئەمما ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ بولماسلىقتەك بوشلۇقىغا خاتىمە بەرگەن، بۇ ئورۇن قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي قېرىنداش ئۆلكىلەرنىڭ ئىتتىپاق خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئارقا-ئارقىدىن بۇ ئورۇندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى. بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇلۇپ دەسلەپكى مەزگىلدە شەھىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ، كان-كارخانا، مەھەللە-كومىتېت، يېزا-قىشلاقلاردا دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن مائارىپقا يۈزلىنىپ، ئوقۇشى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. نازۇك مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ، مەيدانى مۇستەھكەم تۇتۇپ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالدى. شىنجاڭ قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىردى، شەھىرىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ %40 دەل مۇشۇ ئورۇندا يېتىلگەن ھەم پىشقان ئادۋوكاتلاردۇر.
$ f6 T5 _: m- L. S" C$ P  بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى 2015-يىلى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈنلۈكى ئون سائەتتىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەپ، 60-50 كىلومېتىر يىراقلىققا يول يۈرۈپ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىغا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ قىسمەن رەھبەرلىرى قەدەم بېسىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇنىڭ شەرىپىگە بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى قىسمەن ئادۋوكاتلار ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئادۋوكات ۋە مۇنەۋۋەر ئادۋۇكاتلىق ئورنى مەيدانغا كەلتۈردى، ئادۋوكاتلىق ئورنىمىز قۇرۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە 2016-يىلى 5-ئايدا ئادۋوكاتلىق ئورنىمىزنىڭ تەشەببۇسى ھەم تىرىشىشى ئارقىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئاز سانلىق مىللەت، ئادۋوكاتلار خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇلدى. 
9 u; r3 V$ ~* u# t7 c3 }ئادۋوكاتلىق ئورنىمىز 2006-يىلدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى قوبۇل قىلىپ ئىشلىگەن ھەق تەلەپ دېلوسى 750 پارچە، جىنايى ئىشلار دېلوسى 510 پارچە، ھەقسىز بېجىرگەن دېلو 855 پارچە بولۇپ، جەمئىي 2115 پارچە دېلو قوبۇل قىلىپ ئىشلىدى، بۇ ئون يىل جەرياندا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى،شىنجاڭ مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ، 14-ئوتتۇرا مەكتەپ، ليۇداۋان ئوتتۇرا مەكتەپ، باداۋان باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەردە جەمئىي 15 قېتىم قانۇندىن لېكسىيە سۆزلىدۇق، ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەردۇق، لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار نەچچە ئونمىڭ ئادەمگە يەتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى شىمالىي كەڭ كوچا مەھەللىسى قاتارلىق سەككىز مەھەللە كومىتېتىغا ۋە مۇشۇ رايوندىكى باشقا مەھەللە كومىتېتلىرىغا جەمئىي 60 قېتىم، يېڭى شەھەر رايون تەۋەلىكىدىكى مەھەللە كومىتېتىغا 10 قېتىم، سايباغ رايونى تەۋەلىكىدىكى مەھەللە كومىتېتىغا توققۇز قېتىم، داۋانچىڭ رايون تەۋەلىكىدىكى مەھەللە كومىتېتىغا ئىككى قېتىم، قەشقەردە سەككىز ئادۋوكات ئۇدا تۆت كۈن بولۇپ جەمئىي 85 قېتىم قانۇندىن لېكسىيە سۆزلىدۇق. لېكسىيەنى ئاڭلىغۇچىلار نەچچە ئونمىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتتى، بىز يەنە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى يەرلەردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش بولسۇن شەھىرىمىزدىكى ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا بولسۇن ۋە ياكى تۇرمۇشتا قىينالغان كېسەل، ئاجىزلار بولسۇن ئوخشاشلا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، جەمئىي 16 قېتىم ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەردۇق، بۇ جەرياندا ئادۋوكاتلىق ئورنىمىزغا ئاپتونوم رايون بويىچە بىر قېتىم مۇنەۋۋەر ئادۋوكات ئورنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئورنى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ئورنى، ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپىدىكى جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، شەھەر بويىچە سەككىز قېتىم ئىلغار پارتىيە ياچېيكىسى، توققۇز قېتىم ئىلغار كوللېكتىپ، ئىككى قېتىم ئىستىل جەھەتتىكى ئىلغار كوللېكتىپ، بىر قېتىم ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالاندى، ئۇندىن سىرت يەنە ئادۋوكاتلىق ئورنىمىزدىن بىر نەپەر ئادۋوكات «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئادۋوكاتلار كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى» دە «ئىلغار پارتىيىلىك ئادۋوكات نەمۇنىچىسى»، ئاپتونوم رايون بويىچە بىر قېتىم «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»، «مۇنەۋۋەر ئادۋوكات» شەھەر بويىچە بەش مۇنەۋۋەر ئادۋوكات «مۇنەۋۋەر پارتكوم پارتىيە ئەزاسى» بولۇپ باھالاندى. بۇ جەرياندا ئادۋوكاتلىق ئورنىمىز جەمئىي 29 قېتىم شەرەپكە ئېرىشىپ، جەمئىيەتكە، خەلققە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي كومىتېت، 16-قېتىملىق يىغىندا ئادۋوكاتلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
3 K1 n) c- Y8 [" b8 v& v ئادۋوكاتلىق ئورنىمىز ھەققانىيەت يولىدا مەڭگۈ تەۋرەنمەي داۋاملىق تىرىشىپ، قانۇننىڭ ئادىللىقىنى، باراۋەرلىكىنى دۆلەت ئورگانلىرىغا، جەمئىيەتكە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا، مائارىپقا، كان-كارخانىلارغا، پۇقراۋىي كارخانىلارغا ۋە پۇقرالارغا يۈزلەندۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇقىملىقى، مەڭگۈلۈك ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئىناقلىقى، باياشاتلىقى، دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسات ئۈچۈن خىزمەت قىلىش رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا تىرىشتى. يۇقىرى خىزمەتلەرنى ئىشلەش جەريانىدا ئادۋوكاتلىق ئورنىمىزنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ج خ، تەپتىش، سوت، مائارىپ، كارخانا، يەككە تىجارەتچىلەر، ئەل-ئاغىنە دوستلار، كەسىپداشلار، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قانۇن ۋە جەمئىيەت پروگراممىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئالاھىدە قوللىدى، ئاخىرىدا ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

2 S; }- ?) ]: W4 ^! X% I- ?3 {" k ) D* N# P- ^1 g& {! {

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.