ئاتا، ئاپا ماڭا پۇلۇڭلار كېرەك ئەمەس، ماڭا كېرىكى مۇھەببەت
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 15907 قېتىم كۆرۈلدى

ئاتا، ئاپا ماڭا پۇلۇڭلار كېرەك ئەمەس، ماڭا كېرىكى مۇھەببەت

3 N3 N% }, Q0 n; B" }6 |( _ $ H( ]* ~1 ^: P' ]2 H

نۇرتاي ھاجىم دادا، مېنى باغرىڭىزغا باسقايسىز

" L3 t2 |& U7 l K, X4 V $ X/ a8 r0 Z3 E" S+ Z- {# r& E. f

بىر سەبىينىڭ نۇرتاي ھاجىغا يازغان خېتى

+ t2 Q. W% `3 p- J0 k1 Y { * g' u: a- b% u: R l3 g3 x

13 ياشلىق نۇرئەلى

* D) m* Y. g- M [0 S" o( u& @ , P9 L- y# j% j- q$ Q

 

' v* I% {- c5 S ^ # ]( k3 F% u1 W& Y$ ~) o$ t- h

ئاتاسى بار ئاناسى بار،

) S. \; R+ J I! O8 p) C: G 3 T' ~4 H- T% g3 d$ M1 F

پۇرەكلىگەن گۈل ئىكەن،

- S0 @( h+ r- v3 r* N: r4 c 5 X- F- e. x5 ?( p4 ]7 J

ئاتاسى يوق، ئاناسى يوق،

( C; Q( D/ f5 H* T" w, }. f7 Q+ M9 { 6 n; i2 q, v) m* ^

كۈيۈپ ئۆچكەن كۈل ئىكەن

9 D) h! ?8 _& z7 }4 M: G4 X2 x6 v$ _ g9 Y) D; d

نۇرتاي ھاجىم دادا ياخشىمۇ سىز

* u# W. N7 x4 H: V" Y+ j" W/ d* @& f7 x; t) m9 `& h

  بىز گەرچە يۈز — تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ ھەم سىز مېنى تۇنۇمىسىڭىزمۇ، ئەمما مەن نەچچە يىللاردىن گېزىت –ژۇرنال، تلېۋىزورلاردىن سىزنىڭ ئۆز يېنىڭزدىن پۇل چىقىرىپ نۇرغۇن ئاتا - ئانىسىز يېتىم بالىلارنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇقۇتۇپ، بېشىنى سىلاپ غەمخورلۇق قىلغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ، سىزدەك بىر ئىنسانپەرۋەر، ئالىيجاناپ داداشنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايتى سۈيۈنگەن ئىدىم. ھەتتا باشلانغۇچ 4 - يىللىقتىكى بىر قىتىملىق ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم <<مىنىڭ ئارزويۇم>> تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۈتكۈزگەندە، مەن:

2 m, T; ?& J( x7 C 7 k$ n( Q- _; p# f! J9 m

- مەن چوڭ بولسام چۇقۇم جىق پۇل تېپىپ، نۇرتاي دادامدەك يېتىم بالىلارنىڭ بېشىنى سىلايمەن،- دەپ جاۋاپ سۆزلىگەندە مۇئەللىم مېنى ماختاپ كەتكەنىدى، مەنمۇ ھەم مۇشۇ ئارزو بىلەن ئىزچىل ياخشى ئۇقۇپ كەلگەنىدىم.

+ v+ D: h& l, T0 M$ f4 _2 M' A , }% ` ?/ m( W5 E0 l0 b

  ئەمدى بۈگۈن ئۇزۇن ئويلىنىپ گۈدەك بولساممۇ ئېرىنمەي خېتىمنى ئۇقۇيدىغۇ، مېنىڭ دەردىمنى ئاڭلاپ، ھالىمغا يېتىدىغۇ،  دەپ زور غەيرەتكە كېلىپ سىزگە بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھاجىم دادا، سىلەر مەخسۇس ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئىگە-چاقىسىز يېتىم بالىلارنىلا پاناھىڭلارغا ئالىسلەر ھەم ئۇلارغا ئاتا - ئانىسىدىنمۇ بەكرەك غەمخورلۇق قىلىسىلەر، نۇرتاي دادا، بۇنى بىر گۈدەكنىڭ خېتىكەن، دەپ ئويلىماي ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى ھەم ئازراق ۋاختىڭىزنى ئاجرىتىپ ماڭا جاۋاپ خەت يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

2 J( q4 C+ [4 o' ?# `6 }3 T 9 ?. e0 s- K! ]) \

 ئەمدى ئۆز ئەھۋالىم ئۈستىدە توختىلاي، مېنىڭ ئىسمىم نۇرئەلى (سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا ئوخشاپراق كېتىدۇ)، مەن بۇ يىل 13ياشقا كىردىم، تۇلۇقسىز  1- يىللىقتا ئوقۇيمەن، ئۆزۈم ئۈرۈمچىدىن، نەتىجەم ئەسلىي سىنپ بيىچە بىرىنچى ئىدى، ئەمما ھازىر 25 -ئورۇنغا چۈشۈپ قالدىم، مېنىڭ ئىككى ئاتا – ئانام بار،بىرى ئۆز ئاتا-ئانام، يەنە بىرى ئۆگەي، يەنى ئۇلار ئۈچ يىل بۇرۇن ئاجرىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قايتىدىن توي قىلىشقان، ئەمما مەن بىر تىرىك يىتىم، دادامنىڭ ئۆيىگە بارسام ئاپام يات، ئاپامنىڭ قىشىغا بارسام دادام يات، مەن تەڭتۈشلىرىم ئىچىدە ئەڭ باي، پۇلنى سۇدەك خەجلەيمەن، چۈنكى دادام چوڭ بىر شىركەتنىڭ خۇجايىنى، ئاپام بولسا داڭلىق ئارتىس، بالىلار ماڭا شۇنداق ھەۋەس قىلىپ كېتىشىدۇ، ئەمما مەن ماددىي جەھەتتە باي بولغان بىلەن روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن نامرات، دىلى سۇنۇق، بىچارە بالا ئىكەنلىكمنى كىممۇ چۈشەنسۇن، چۈنكى مەن باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئاتا - ئانامنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ خالىغانچە ئەركىلىيەلمەيمەن، ئۇلار بىلەن بىرگە باغچىلارغا، ساياھەتكە بارالمايمەن، چۈنكى ئۆز ئاتا - ئانام بىرى شىركىتىنى باشقۇرىمەن، دەپ، يەنە بىرى رېپىتىس قىلىش، چەت ئەللەرگە چىقىپ ئويۇن قويۇش، دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش، ئۇلارنىڭ ھەتتا كەچلىرىمۇ مەندىن <<ئوغلۇم ئۆگىنىشىڭ قانداقراق، نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسەن، بىز يېنىڭدا يوق قىينىلىپ قالامدىكەنسەن، نىمە ئارزويۇڭ بار>> دېگەندەك سۇئاللارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنى ھەپتىلەپ، ھەتتا بەزىدە ئايلاپ ئۇچرىتالمايمەن، ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۆگىنىشلىرىم بىلەن كارى يوق، ئىلگىرى مەن تېخى <<ياخشى ئۈگەنسەم، مەكتەپتە ئوخشاش يىللىقلار ئارا بىرىنچى بۇلۇپ ماڭسام ماڭا دىققەت - نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، كۆپرەك كۈڭۈل بۆلەمدىكىن، مېنى ماختاپ، مەندىن پەخىرلىنەمدىكىن>> دەپ ئويلاپ بېرىلىپ ئۆگىنىپتىكەنمەن، ئەمما ئۇنداق بولمىدى، ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئۇلارغا ھاياجان ئىچىدە كۆرسەتسەم، ئۇلار مىنى ماختاش تۈگۈل، ھەتتا نەزىرىنى سېلىپمۇ قويمىدى، مەن كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، نەچچە كۈن يىغلاپ يۈردۈم، مەن مەكتەپتە << ئاتا- ئانىلار يىغىنى ئېچىلمىسىكەن>> دەپ شۇنداق تىلەپ كېتىمەن، بۇ مېنىڭ نەتىجەمنىڭ ناچار چىققانلىقىدىن ئەمەس، چۈنكى ئاتا - ئانام ھەرگىزمۇ ۋاقىت ئاجرىتىپ يىغىنغا كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاتا-ئانامنىڭ بولسا <<تېخىمۇ ۋاقىتى يوق>>، چۈنكى كىممۇ ئۆز پۇشتى بولمىغان مەندەك بىچارىگە كۆڭۈل بۆلسۇن، باشقىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بالىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ئوقۇلغاندا قاتتىق ھاياجانلىنىپ بالىسىنى سۆيۈپ كېتىدۇ ۋە بالىسىنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەيدىغانلىقى توغرىلىق بەس -بەستە پىكىر قىلىشىدۇ، مەن ئاتا - ئانامنى ئەكىلەلمەي مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا تىرناق تاتلاپ تۇرغاننى ئاز دەپ، سىنىپتىكى پۈتۈن ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قىلىنىپ كۆڭلۈم ناھايتى يېرىم بۇلىدۇ، مەيۈسلىنىپ كېتىمەن، نۇرتاي دادا بىلەمسىز؟ ئۇلار مىنى تېپىپ قويغىنى بىلەن مەن بىلەن ئەسلا كارى يوق، ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەت ماڭا تۇتام -تۇتاملاپ پۇل بېرىشتىن ئىبارەت، مەن توغۇلۇپ ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئۇلار توختىماي ئۇرىشىدىكەن، مەن چوڭ بۇلۇپ خېلى ئىش ئۇقۇپ قالغاندا بولسا ئۇلار ئاجرىشىپ كېتىپ، ماڭا يېڭى دادا، يېڭى ئاپا تېپىپ بەردى، ئۇلار دائىم ئۆيدە بولالمىسا ھاجىم دادا دەپ بېقىڭە، مەن كىمنىڭ ئۆيىدە ئېچىلىپ يىيىلىپ تۇرالايمەن، چوڭ داداڭ، چوڭ ئاناڭ يوقمۇ، دەپ سورارسىز، يوق ئەمەس بار، ئاپامنىڭ ئاتا - ئانىسى مۇشۇ ئۈرۈمچىدە، ئەمما ئۇلارمۇ ئالدىراش، ئۇلار مېنى ئانچە – مۇنچە ئەركىلىتىپمۇ قويىشىدۇ، ئەمما قاتار چاي دەمدۇ، مەرىكە دەمدۇ، يا ساياھەتكە بارىدىغان بۇلۇپ قالدۇق، دەمدۇ ئىشقىلىپ، ماڭا ئاچقۇچنى تاشلاپ بېرىپ قاياقلارغىدۇر مېڭىشىدۇ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلارنىڭ ئۆمرى بىر يەرگە بېرىپتۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، <<چىشىنىڭ بارىدا گۆش يەپ>> ئوينىۋالمىسا كۆزلىرى ئۇچۇق كېتەرمىش، مەن ئادەمزاتسىز ئۆيدە قانداقمۇ تۇراتتىم، شۇڭا مەن دادامنىڭكىگە بارسام، ئۆگەي ئاپامنىڭ چىرايىغا قاراپ قالىدىكەنمەن، دەپ، ئاپامنىڭكىگە بارسام ئۆگەي دادامنىڭ چىرايىغا قاراپ قالىدىكەنمەن، دەپ ئۆيگە كىرگىم كەلمەي، مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلەشكە كۈنۈپ كەتكەن نەچچە ئادىشىمنى كەينىمگە سېلىپ كۈڭلۈم خوش بولغان يەرلەردە ئويناپ يۈرۈيمەن، ئەمما كۈن كەچ بولىشىغا ئۇلارمۇ <<ئاپاملار ئىزدەپ قالىدۇ>> دەپ مېنى تاشلاپ كېتىشىدۇ، مەن ئۇيەر - بۇيەرلەردە لاغايلاپ ھارغاندا ئاندىن دادام ياكى ئاپامنىڭكىدىن بىرەرسىنىڭكىگە بېرىپ يېتىپ قالىمەن، مۇشۇ سەۋەپلىك ئۆگەي دادام ھەم ئۆگەي ئانام مىنى چېقىشتۇرغانمۇ قانداق، كۆڭۈل بۆلىدىغان چاغدا كۆڭۈل بۆلمەي، مېنىڭ ئاشۇ خاتالىقمنى تۇتۇۋېلىپ ئىككىسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا مېنى يارامسىزدىن يارامسىزغا چىقىرىپ تىللاپ كېتىشتى، مەن راسا يىغلىدىم، كۈڭلۈمگە ئەڭ كەلگىنى ئۇلار مېنى يەنە مۇشۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسام، ئاپام مېنى دادامغا بېرىۋىتەرمىش، دادامنىڭ بولسا مەن بىلەن كارى بولماسمىش، ھاجىم دادا قېنى دەڭە، كىممۇ مەندەك بىچارىنىڭ ھالىغا يىتىدۇ، كىممۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئىللىق باغرىغا ئېلىپ، مېنىڭ دەردىمگە دەرمان بېرىپ ئاتا - ئانا مىھرىگە زار قەلبىمگە مەلھەم بۇلالايدۇ، مەن ھەمىشە ئۆزەمنى بۇ دۇنياغا زىيادە يارىلىپ قالغاندەكلا ھېس قىلىمەن، دەڭە مەن قاچانغىچە مۇشۇنداق يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك ئىككى ئۇتتۇرىدا قاڭقىپ يۈرىمەن، بۇ دۇنيادا مېنى باغرىغا باسىدىغان غەمگۈزار يوقمۇ؟ ئەگەر تاللاش ئىمكانىيىتىم بولغان بولسا پۇلى بولمىسىمۇ، مىھرىبان، كۆيۈمچان ئاتا - ئانىنى تاللار ئىدىم، ھاجىم دادا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئاشۇنداق بالىلىرىنى توغۇپ قويۇپلا كارى بولمىسا، پەقەت ئۆزىنىلا ئويلاپ، ئاجرىشىمەن، دەپلا ئاجرىشىپ، ئۆزلىرى باشقا ئەر، باشقا ئايالنى بىر ئۆيگە ئەكىرۋالسا بۇلامدۇ؟ ئۇلار ماڭا ئوخشاش بىچارىنىڭ كۆڭلى بىلەن قىلچىلىك ھىساپلاشمامدۇ؟ ئۇلار مېنىڭ ھەق - خىراجىتىمنى ئۆكسىتمىسىلا، يەيدىغىنمنى تەل قىلىپ بەرسىلا، كىيىم-كىچىكىمنى ئېسىل قىلىپ بەرسىلا ھىساپمۇ، ئەجىبا ئۇلار مېنىڭ ھىسىياتىمنى ئويلاشمامدۇ؟ مەن راستىنلا بىر ئارتۇق ئادەممۇ؟ مېنىڭ بارلىق ئاتا - ئانىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:

# S! f7 C: t- }1 Y ' g$ X+ I4 t/ u5 M4 ]) w

 - ھەي مېھرىبان ئاتا - ئانىلار بىر قۇش، ھەتتا ھايۋان جېنىدا بالىسىنى تۇققاندىن كېيىن، بالىسىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ئۇلارغا ئوۋنى قانداق ئوۋلاشنى، ھاياتىنى قانداق قىلىپ ساقلاشنى ئەستايىدىل ئۆگىتىپ، بالىلىرى مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولغاندىلا ئاندىن بالىسى بىلەن كارى بولمايدىكەن، سىلەرچۇ؟ پەرزەنتىڭلارغا زادى نېمىلەرنى ئۆگىتەلىدىڭلار؟ قانچىلىك مېھرىڭلارنى بېرەلىدىڭلار، بىزگە ھەقىقىي ئىنسان بولۇشنى، ئەجدادىمىزدىن ئەنئەنە قالغان ئادىمىيلىك ئەخلاقى مىزانلرىنى ئۆگەتتىڭلارمۇ يوق، بىز بالىلارغا ھەقىقىي زۆرۈر بولغىنى قانداقتۇر ھەممە نېمىسى تەل باياشات تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل، ئىناق، بەختىيار ئائىلە، سىلەرنىڭ چوڭقۇر مېھرى مۇھەببتىڭلار، بىز پەقەت شۇنىڭغىلا مۇھتاج، سىلەر دېگەن چوڭ ئادەم، ئەقىل ئىگىسى، ھەرگىزمۇ ئۆزەڭلەرنىلا ئويلاپ، يەڭگىللىك بىلەن ئاجرىشىپ بىزنى مۇكەممەل ئائىلىدىن مەھرۇم قىلماڭلار ھەم بىزنى تىرىك يېتىم قىلماڭلار!

) ^3 H$ m; b) O$ C, V 3 J0 K' Y+ P9 C" l( b. T

 ھاجىم دادا، سىزنىڭ يېتىم بالىلاردىن باشقىلارنى مەكتىپىڭىزگە قوبۇل قىلمايدىغانلىقىزنى بىلسەممۇ، ئەمما يەنىلا بۇ خەتنى يېزىپ سىزنىڭ پاناھىڭىزغا ئۈتۈشنى، مەكتىپىڭىزدىكى مېھرىبان مۇئەللىملەرنىڭ ماڭا ئۆز ئاتا - ئانام بېرەلمىگەن مېھرى- مۇھەببەتنى بېرىپ، مېنىڭ مىسكىن قەلبىمگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى مەن تېلېۋىزوردىن نەچچە قېتىم سىز بېشىنى سىلىغان ئاشۇ بالىلارنىڭ بەختىيار كۈلكىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ زوق –شوق بىلەن مەكتەپ ھاياتىنى سۆزلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا سىز مەندەك بىر تىرىك يېتىمغا رەھىم قىلىپ مېنىڭمۇ بېشىمنى سىلاپ قويۇشىڭىزنى، بولسا مەكتىپىڭىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش تىرىك يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاپ، غەمخورلۇق قىلىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۆتىنىمەن، مېنى دەرستە ياخشى ئەمەسكەن، دەپ ئالماي قويماڭ، مەن ئۆزەم كېرەك بولغان غەمخۇرلۇق ۋە كۆيۈنۈشكە ئېرىشسەملا چۇقۇم يەنە بۇرۇنقىدەك ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ كېتىمەن، سىزگە كاپالەت بېرەي!

4 m7 q/ u4 M8 d0 E4 M5 e ( X. v5 A" ~1 p; F& {: m

جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ: نۇر ئەلىدىن

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.