مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى
行政复议法
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 14055 قېتىم كۆرۈلدى

مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى

# t7 f' W: P3 O1 s; a7 } " J* v$ D: U# B# I

 

: \# N6 h0 S% T0 d- T1 d 8 U4 ]1 j3 K- r4 Q

(1999-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 1999-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 16-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ)
; ?0 [: |# C% [% [) K& `; J, N 1-باب ئومومىي پرىنسىپ 
$ V6 i# U4 W+ v; [2 z$ J 1-ماددا بۇ قانۇن قانۇنغا خىلاپ ياكى نامۇۋاپىق كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلدى.
" u8 D+ \$ b, i1 p5 m+ G 2-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قاراپ، مەمۇرىي ئورگانغا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان ۋە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارغاندا، بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
7 K* P; E9 m9 K% N3 A( A% m 3-ماددا بۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان بولىدۇ. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىشىنى كونكرېت بېجىرىدۇ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:
, c) m$ M4 |& Z(1) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش؛
" l9 x# U+ `4 l6 B5 h( h' l(2) ئالاقىدار تەشكىلات ۋە خادىملاردىن تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى كۆرۈش؛
. Y! o( K$ X; H0 O8 n% _8 p(3) قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماس قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنلۇق ۋە مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى تەييارلاش؛
\; J5 T. {, c Z# w (4) بۇ قانۇننىڭ 7-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛
" V; i# o9 X6 {3 S$ {- @) F (5) مەمۇرىي ئورگاننىڭ بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھەرىكىتىنى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش؛
( N0 S/ U6 U+ R4 s$ c (6) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولماي قىلىنغان مەمۇرىي دەۋالاردا دەۋاغا جاۋاب بېرىش ئىشلىرىنى بېجىرىش؛
, M e; I8 T5 @8 M(7) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.
" f" b% d/ ?7 @$ f+ k 4-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، قانۇنلۇق، ئادىل، ئاشكارا، ۋاقتىدا بولۇش، پۇقرالارغا قۇلايلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، خاتالىق بولسا تۈزىتىشى، قانۇن، نىزاملارنىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
: q# e8 A+ ^7 U" z6 H 5-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ، لېكىن قانۇندا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى ئاخىرقى قارار بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

$ u3 E3 @: M/ }. `) X4 n6 d% b/ c% X x0 j; M. T; q

2-باب مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش دائىرىسى
/ J6 ^! X i3 l$ R+ Q: |( ~
w' ^ X, e: B N9 d& x1 ?6-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار بۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
# R- @/ [6 g% d (1) مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، جەرىمانە قويۇش، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى توختىتىشقا بۇيرۇش، ئىجازەتنامىنى تارتىۋېلىش ياكى بىكار قىلىش، تىجارەت كىنىشكىسىنى تارتىۋېلىش ياكى بىكار قىلىش، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازا قارارلىرىغا قايىل بولمىسا؛
2 H+ a6 J0 { h4 Q% [. R7 C- ?6 E(2) مەمۇرىي ئورگاننىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ياكى مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىۋېتىش قاتارلىق مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدىكى قارارىغا قايىل بولمىسا؛
6 ^- J4 ^& D; L" V d$ q (3) مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئىجازەتنامە، تىجارەت كىنىشكىسى، سالاھىيەتنامە، سالاھىيەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش، توختىتىش، بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا قايىل بولمىسا؛
7 R1 Y" Z6 E3 [$ l2 r3 e (4) مەمۇرىي ئورگاننىڭ يەر، قېزىلما بايلىق، ئېقىن سۇ، ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاس يەر، ساھىل، دېڭىز تەۋەسى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ياكى پايدىلىنىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىغا قايىل بولمىسا؛
/ k7 C X* Y4 w# t(5) مەمۇرىي ئورگان ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق تىجارەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ قارىسا؛
1 Z' Y$ B, C! V8 X0 B (6) مەمۇرىي ئورگان يېزا ئىگىلىك ھۆددىگەرلىك توختامىنى ئۆزگەرتىپ ياكى بىكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ قارىسا؛
$ d' _" Q3 ~/ t (7) مەمۇرىي ئورگان قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەبلەغ توپلىدى، پۇل-مالنى ئېلىۋالدى، سېلىق سالدى ياكى باشقا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەلەپ قىلدى، دەپ قارىسا؛ 
& _9 ~+ u; J% k' I7 r0 p1 ]: N(8) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ، مەمۇرىي ئورگانغا ئىجازەتنامە، تىجارەت كىنىشكىسى، سالاھىيەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ۋە سالاھىيەتنامە قاتارلىقلارنى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ياكى مەمۇرىي ئورگانغا ئالاقىدار ئىشلارنى تەستىقلاش، تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە بېجىرىپ بەرمىسە؛
% V! D4 ~( n" \6 ]+ m2 { (9) مەمۇرىي ئورگاننىڭ جىسمانىي ھوقۇق، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم ئېلىش ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىسا؛
) U* ?: y1 ?3 d* s) t0 J7 D(10) مەمۇرىي ئورگانغا قانۇن بويىچە نەپىقە پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى ياكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا،مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە بەرمىسە؛
( u3 ^ O5 j6 ^% ](11) مەمۇرىي ئورگاننىڭ باشقا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتلىرى ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ قارىسا.
+ Q0 A6 H# C! Z 7-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىدە ئاساسلانغان تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانغا شۇ بەلگىلىمىنى تەكشۈرۈشنىمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
. L9 {+ u' J8 d2 P(1) گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى؛
9 `, k' S9 m+ y" U# B (2) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى؛
! }9 ~6 j3 z! f! r7 O7 ^7 [% x (3) يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى.
3 @, o/ k2 V5 `; r% D; w' Z5 d! gئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەر گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ قائىدىلىرىنى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، قائىدىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە بولىدۇ.
6 A+ H. I! Y7 V2 Q+ n# Y/ L( l 8-ماددا مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي چارە كۆرۈش ياكى كادىرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر قارارىغا قايىل بولمىغانلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەرز قىلىدۇ.
# ^, J, g4 a! }( A' y0 }( eمەمۇرىي ئورگاننىڭ ھەق-تەلەپ ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشى ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىدۇ.

" r, `1 g/ B2 J' Y% x) u * w' \# f7 Z1 e* \

3-باب مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش
: L6 g' K" g9 q& x: x4 T, y
X. ^) |" b. i/ C9-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتىن خەۋەردار بولغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىلتىماس سۈرۈكى 60 كۈندىن ئارتۇق بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
q4 k! x4 V& V: W/ Y- \5 T6 e: M يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ ياكى باشقا ئورۇنلۇق سەۋەب تۈپەيلىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىلتىماس سۈرۈكىگە دەخلى يەتكەندە، ئىلتىماس سۈرۈكى توسالغۇ تۈگىگەن كۈندىن باشلاپ ئۇلاپ ھېسابلىنىدۇ.
" U9 ^* l# x4 K: r |5 Q) o# H 10-ماددا بۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئىلتىماس قىلغۇچى بولىدۇ.
5 K6 s* Q6 H9 |9 F/ v; x& C+ O& I مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق پۇقرا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق پۇقرانىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن بولسا، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات خىزمەتتىن توختىتىلغان بولسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
) p. h4 }; P+ G3 Z1 Y+ wمەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماس قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان باشقا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى تەشكىلاتلار 3-تەرەپ سۈپىتىدە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشقا قاتناشسا بولىدۇ.
- Q: G6 x/ \) [ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگاننىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولماي مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان مەمۇرىي ئورگان ئىلتىماس قىلىنغۇچى بولىدۇ.
; w3 t1 `+ s' Y/ Dئىلتىماس قىلغۇچى ۋە 3-تەرەپ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشقا ۋاكالىتەن قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
6 z3 I$ `; X" L6 T) M# ]6 h 11-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى يازما ئىلتىماس قىلسىمۇ، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئاغزاكى ئىلتىماس قىلىنغانلىرىدا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش تەلىپى، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشتىكى ئاساسىي پاكىتى، سەۋەبى ۋە ۋاقتىنى شۇ جايدا خاتىرىلىۋېلىشى لازىم.
' g3 {3 u5 \/ d0 X2 A" [12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار قەيەرگە ئىلتىماس قىلىشنى ئۆزى تاللاپ، شۇ تارماق قاراشلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارماققا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.
+ t8 S, |% a+ h! P3 `! \" I تاموژنا، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت باج ئورگىنى ۋە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئورگىنى قاتارلىق تىك لىنىيە بويىچە رەھبەرلىك قىلىنىدىغان مەمۇرىي ئورگانلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارماققا ئىلتىماس قىلىدۇ.
. Z2 x* a' R/ K13-ماددا يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى بىر دەرىجە يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىدۇ.
4 \) G ]8 P3 t H& ~$ Tئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگىنىغا قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى شۇ ۋاكالەت ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىدۇ.
- ]( P) u+ p+ l- I; S- T" p' d 14-ماددا گوۋۇيۈەن تارمىقىنىڭ ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى گوۋۇيۈەننىڭ شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى قىلغان تارمىقىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىدۇ. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ: گوۋۇيۈەننىڭ قارار چىقىرىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. گوۋۇيۈەن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاخىرقى قارار چىقىرىدۇ.
8 E* r0 ^' r2 C4 h& l( w$ d15-ماددا بۇ قانۇننىڭ 12-، 13-، 14-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئورگانلاردىن باشقا مەمۇرىي ئورگان ۋە تەشكىلاتنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ:
! B2 s0 p8 V# Z8 ~7 \: W0 ]# Q4 z( \0 C(1) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگىنىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى شۇ ۋاكالەت ئورگىنىنى تەسىس قىلغان خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىدۇ؛
' g* v0 `; N+ k3 A* `' O (2) ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تارماقلىرى قانۇن بويىچە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ قانۇن، نىزام ياكى قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆز نامىدا قىلغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى شۇ ۋاكالەت ئاپپاراتىنى تەسىس قىلغان تارماققا ياكى شۇ تارماق قاراشلىق شۇ دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلىدۇ:
2 m0 H0 R* Q6 g: k8 N(3) قانۇن، نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلاتنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى شۇ تەشكىلاتنى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارمىقىغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ؛
& k5 |& p# K' R (4) ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئورتاق نامىدا قىلغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئۇلارغا ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانغا ئىلتىماس قىلىدۇ؛
+ V# b+ x8 f7 V$ ^2 V0 N (5) ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى قىلغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلار، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى شۇ ئورگاننىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەمۇرىي ئورگاننىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىدۇ.
0 K" h2 `1 e8 c" I% Iئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت سادىر بولغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىدۇ.
+ ^+ w; q. ]- a! {4 { 16-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان بولسا ياكى قانۇن، نىزاملاردا ئاۋۋال مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانغا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغاندا، ئاندىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلىش بەلگىلەنگەن بولسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلىشقا بولمايدۇ.
7 z/ J7 o) t" O* G dپۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە قىلغان مەمۇرىي دەۋاسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان بولسا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.

7 p" U. a0 ~. j$ ^4 P2 ~) e9 m - B( c: L2 R1 l6 u, P9 V0 V6 g

4-باب مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش
4 h+ w, a3 S5 w. o
; S( a; \( n7 e7 b4 _ 17-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى بەش كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، شۇ ئورگاننىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىرىنى، ئالاقىدار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانغا ئىلتىماس قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.
5 }. Z$ @4 e4 m5 l4 [ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان ھېسابلىنىدۇ.
: k @! N! U5 l8 k- ^ N2 C 18-ماددا بۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى باشقا ئورگاننىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرىدىغان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئالاقىدار مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم. ئۆتكۈزۈۋالغان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان بۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشى لازىم.
( h1 \ U2 [) @1 ~5 U2 Q0 S7 {19-ماددا قانۇن، نىزاملاردا ئاۋۋال مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگانغا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغاندا ئاندىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن ئىلتىماسنى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلغان بولسا ياكى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكى توشقۇچە جاۋاب بەرمىسە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قوبۇل قىلماسلىق قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ياكى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
3 @1 ^4 N$ w/ V 20-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە قىلغان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن قوبۇل قىلمىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان بىۋاسىتە قوبۇل قىلسىمۇ بولىدۇ.
- W4 d1 i/ a2 _; b& B! ]8 d7 m21-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ؛ لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە توختىتىلسا بولىدۇ:
" ~" v$ g' o3 ?1 l [, J. @ } (1) ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئىجرانى توختىتىش زۆرۈر، دەپ قارىسا؛
; f: n8 b4 X7 K. L2 m; c(2) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىجرانى توختىتىش زۆرۈر، دەپ قارىسا؛
/ G! x! I. ?/ ~4 V(3) ئىلتىماس قىلغۇچى ئىجرانى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئۇنىڭ تەلىپىنى مۇۋاپىق دەپ قاراپ، ئىجرانى توختىتىشنى قارار قىلسا؛
6 W# ?% a+ O0 N5 @: Y! h$ {, N" ` (4) قانۇندا ئىجرانى توختىتىش بەلگىلەنگەن بولسا.

% }0 b4 z# n0 S ! l' s1 a5 M# z z

5-باب مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى
i) G- G, {- ^6 O
5 ~8 ^, }# p8 q% c/ | 22-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشتا پرىنسىپ جەھەتتە يازما تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، لېكىن ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ قىلغاندا ياكى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى زۆرۈر دەپ قارىغاندا، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە خادىملاردىن ئەھۋالنى تەكشۈرسە، ئىلتىماس قىلغۇچى، ئىلتىماس قىلىنغۇچى ۋە 3-تەرەپتىن پىكىر ئالسا بولىدۇ.
7 X; L; M D/ m3 X3 {& o5 _% j23-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە، ئىلتىماسنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ياكى ئىلتىماس خاتىرىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا ئەۋەتىپ بېرىشى لازىم. ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئىلتىماسنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ياكى ئىلتىماس خاتىرىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى ھەمدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى دەلىل-ئىسپات، ئاساس ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم.
. `. u! }, d9 _, O5 G ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە 3-تەرەپ ئىلتىماس قىلىنغۇچى بەرگەن يازما جاۋابنى، قىلغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ دەلىل-ئىسپاتى، ئاساسىي ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرسە بولىدۇ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
% c" T& \/ |+ R- Z" n: {8 p2 _24-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە باشقا ئالاقىدار تەشكىلات ياكى شەخسلەردىن ئۆز ئالدىغا دەلىل-ئىسپات توپلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
; I9 A, D/ J$ R- b7 c 25-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى، ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ۋاز كەچسە بولىدۇ؛ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىدىن ۋاز كەچكەندە، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئاخىرلىشىدۇ.
( M: q6 I5 s { ~, R7 p26-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، بۇ قانۇننىڭ 7-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەكشۈرۈشنىمۇ ئىلتىماس قىلغان بولسا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان شۇ بەلگىلىمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولسا، 30 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق مەمۇرىي ئورگان 60 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم، بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلىدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى تەكشۈرۈش توختىتىلىدۇ.
1 ]5 V6 r1 s8 ?& } 27-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ ھەرىكەت ئاساسى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، شۇ ئورگان بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغانلىرىنى 30 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق دۆلەت ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم، بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلىدە، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى تەكشۈرۈش توختىتىلىدۇ.
' ~* K7 K+ C/ o& Y- J28-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ مەسئۇلى قوشۇلغان ياكى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىدۇ:
7 X4 A: X+ z5 w& w(1) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، ئاساسى توغرا، تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى مۇۋاپىق بولسا، كۈچكە ئىگە قىلىشنى قارار قىلىدۇ؛
; t" F7 `# v5 z6 ~ A (2) ئىلتىماس قىلىنغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۇنىڭ مەلۇم سۈرۈك ئىچىدە ئادا قىلىشىنى قارار قىلىدۇ؛
& |, X/ B8 ]# p, }(3) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى بىكار قىلىش، ئۆزگەرتىشنى ياكى قانۇنغا خىلاپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. شۇ مەمۇرىي ھەرىكەتنى بىكار قىلىش ياكى قانۇنغا خىلاپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش قارار قىلىنغان بولسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنى مەلۇم سۈرۈك ئىچىدە قايتا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ:
- k& Q, X% d1 f$ p" m) P) @0 q ① ئاساسلىق پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى تولۇق بولمىسا؛
# _/ Y4 I( u: R② ئاساسنىڭ تەتبىقلىشى خاتا بولسا؛
3 E8 j9 K' c3 r6 \% T, M3 i4 A# K③ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولسا؛
9 }5 Z8 I6 K9 v$ x! @④ خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتكەن ياكى خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلەتكەن بولسا؛
9 D0 n2 e3 O2 x6 T5 [, @⑤ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا.
6 U1 V# n' G6 h1 j5 f9 N(4) ئىلتىماس قىلىنغۇچى بۇ قانۇننىڭ 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يازما جاۋاب بەرمىسە، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان چاغدىكى دەلىل-ئىسپاتى، ئاساسى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرمىسا، بۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى دەلىل-ئىسپاتى ۋە ئاساسىي يوق دەپ قاراپ، بىكار قىلىشنى قارار قىلىدۇ.
# }: {: K, y( U R# Q+ Qمەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماس قىلىنغۇچىنى قايتا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئوخشاش بىر پاكىت ۋە سەۋەب بىلەن ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە ئوخشايدىغان ياكى ئاساسەن ئوخشايدىغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
2 L1 O) o6 J& b, h/ x29-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، مەمۇرىي تەلىپىنى بىللە ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان دۆلەتنىڭ تۆلەم قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىدا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى بىكار قىلىش، ئۆزگەرتىش ياكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەققىدە قارار چىقارغاندا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىشى ھەققىدىمۇ قارار چىقىرىشى لازىم.
& c8 N7 z' q- S0 U* r, w1 Gئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي تۆلەم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قانۇن بويىچە جەرىمانىنى بىكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشنى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەبلەغ يىغىش، پۇل-مالنى مۇسادىرە قىلىش، پۇل-مالنى ئېلىۋېلىش، سېلىق سېلىش ۋە مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىۋېتىش قاتارلىق مەمۇرىي ھەرىكەتلەرنى بىكار قىلىشنى قارار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنى مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇشقا، مال-مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىۋېتىش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشقا ياكى مۇناسىپ پۇل تۆلەپ بېرىشكىمۇ بۇيرۇشى لازىم.
$ f4 d* R* U5 U+ N30-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگاننىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن يەر، قېزىلما بايلىق، ئېقىن سۇ، ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاس يەر، ساھىل، دېڭىز تەۋەسى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ياكى پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، ئاۋۋال مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
* x8 a9 S/ C2 @, ~( [6 m# d7 q% C گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي رايونلارنىڭ چېگرىسىنى بېكىتىش، تەڭشەش ياكى يەر ئېلىپ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر، قېزىلما بايلىق، ئېقىن سۇ، ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاس يەر، دېڭىز تەۋەسى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى پايدىلىنىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى ئاخىرقى قارار ھېسابلىنىدۇ.
- \0 ^) ^. L8 {* X3 F 31-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى لازىم؛ لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكى 60 كۈندىن ئاز بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا، ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ، بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىش مۇمكىن بولمىسا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن سۈرۈكنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك؛ لېكىن ئۇزارتىلغان سۈرۈك ئۇزاق بولغاندىمۇ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.
" G: Y2 r5 y3 A/ F. d/ \مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشتا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسىنى تەييارلىشى، تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.
, [) c- N5 n. y( n& I6 T مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسى يەتكۈزۈلگەن ھامان قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
$ u3 P3 R& f( i X* t5 X7 J. P/ z* m32-ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى ئىجرا قىلىشى لازىم.
, |1 Y: w9 D4 u& r7 u ئىلتىماس قىلىنغۇچى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى ئىجرا قىلمىسا ياكى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئىجرا قىلىشنى كەينىگە سۆرىسە، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ياكى ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇشى لازىم.
/ {9 m9 b; }% u 33-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى سۈرۈك ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا ياكى ئاخىرقى قارار بولغان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
2 A. m) D- W3 m& |* O' G (1) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت كۈچكە ئىگە قىلىنغان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ؛
/ B9 T' H( i/ D8 l(2) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئۆزگەرتىلگەن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

+ e- L0 z( J, C- w: k # n0 L8 C& H3 Y1 Y$ [$ z! K) q

6-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق
1 a5 T2 I* o3 r j4 d2 d
5 b, H& V/ w+ @; t$ O, D6 c34-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە قىلىنغان مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن قوبۇل قىلمىسا ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەرمىسە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارمىسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇلسىمۇ قوبۇل قىلماي ياكى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەرمەي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ.
9 U8 J0 W8 \3 m& c2 I 35-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان خادىملىرىدىن مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش پائالىيىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، گۇناھ يېزىش ۋە چوڭ گۇناھ يېزىش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
2 t& v- ]5 G- i- E% ]36-ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يازما جاۋاب بەرمىسە ياكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى، ئاساسى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرمىسا ياكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلسا، باشقىچە ئۇسۇل بىلەن توسقۇنلۇق قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، گۇناھ يېزىش ۋە چوڭ گۇناھ يېزىش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ: ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغانلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
0 g% _+ }% f% ?' J; r9 I w 37-ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى ئىجرا قىلمىسا ياكى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئىجرا قىلىشنى كەينىگە سۆرىسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، گۇناھ يېزىش ۋە چوڭ گۇناھ يېزىش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلسىمۇ ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ.
0 V1 n5 b* x; ?" P$ H! \) S$ Z' O" E38-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي ئاپپاراتى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن قوبۇل قىلماسلىق، بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارماسلىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئۆچ ئېلىش ياكى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى ئىجرا قىلماسلىق ئەھۋاللىرىنى سەزسە، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانغا تەكلىپ بېرىشى، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان بۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

( [ w& ], j0 _* n" V; _9 }1 {! a 1 s: A3 `4 j3 j7 R8 [( z, t

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ
e: i. O' {, W3 g2 j7 V
8 r1 A2 ^- S& [8 d4 c: V P 39-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتا، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاننىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ھەر قانداق ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش پائالىيىتىگە كېتىدىغان خىراجەتنى شۇ ئورگاننىڭ مەمۇرىي خىراجىتىگە كىرگۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
2 x& Q' j2 l4 i 40-ماددا مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكىنى ھېسابلاش ۋە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزۈش ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى سۈرۈك يەتكۈزۈشكە دائىر بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
- H$ n! ~$ @' Q, z+ rبۇ قانۇندىكى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكى ھەققىدىكى «5 كۈن»، «7 كۈن» دېگەن بەلگىلىمىلەر خىزمەت كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
: w* F3 o" q [# B$ | 41-ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار ۋە چەت ئەل تەشكىلاتلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا، بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
1 K, C( e/ |* ^1 l% F6 j! K( m42-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان قانۇنلاردىكى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشقا دائىر بەلگىلىمىلەر بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن بىردەك بولمىسا، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىدۇ.
8 q# \( R! Z$ r8 F# r0 [43-ماددا بۇ قانۇن 1999-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1990-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلغان، 1994-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈزىتىپ ئېلان قىلغان «مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.