باشقىلارغا زەھەر چەكتۈرگەنلەر قانداق جازالىنىدۇ ؟
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 9302 قېتىم كۆرۈلدى

 دۆلىتىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇنى»دا باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەر چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل سالدۇرغانلارغا بېرىلىدىغان جازا ئېنىق بەلگىلەنگەن. قىزىقتۇرۇش، كۈشكۈرتۈش-باشقىلارغا زەھەر چەككەندىن كېيىن بەدىنىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىش، زەھەر چېكىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش ياكى قۇترىتىش ئارقىلىق باشقىلارغا زەھەر چەكتۈرۈش، ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئوكۇل قىلىپ سالدۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئالداش-باشقىلار بىلمىگەن ئەھۋالدا ئۇلارغا زەھەر چەكتۈرۈش، ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئوكۇل قىلىپ سېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

% t3 u. ~4 W7 x( [& K4 b" F 3 t9 T4 u$ d8 k9 O6 K3 s! e

    باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ، ئالداپ زەھەر چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

& [/ O8 c! _) ~5 x! T 8 g2 o6 a8 K- H& J5 {& W

    باشقىلارغا زورلاپ زەھەر چەكتۈرۈش، ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئوكۇل قىلىپ سالدۇرۇش جىنايىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بولۇش، زورلۇق ئىشلىتىش، قورقۇتۇش ياكى باشقا مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش بولۇپ، ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئامانلىق باشقۇرۇش تەرتىپىگە خەۋپ يەتكۈزۈپلا قالماي يەنە باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

. v8 G. F. D4 \2 c# P $ f; r. \+ o0 o: z) a

    دۆلىتىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 353 -ماددىسىنىڭ 2 -تارمىقىدا «باشقىلارغا زورلاپ زەھەر چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

6 f/ X4 D7 n( X& @ 3 R! t0 T6 W( x) _4 K0 C

    ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ قانۇننىڭ 353 -ماددىسىنىڭ 3 -تارمىقىدا «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ، ئالداپ ياكى زورلاپ زەھەر چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

' r7 u; @; J! O0 K2 Z. L: k0 N; Y0 Z9 |

    شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئەمەر ھىمىت تەييارلىغان

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
پەخېردىن

داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ بىلمىگەننى بىلىۋالدىكەنمىز

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.