سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ۋە سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى مەزگىلىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 2187 قېتىم كۆرۈلدى

 دۆلىتىمىز ‹‹ئەمگەك قانۇنى››دىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەكچىلەر ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە تاللاش ئۈچۈن كېلىشىپ بېكىتكەن چەكلىك مۇددەتتىكى سىناق ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

! y$ h8 b i6 e" u4 L( M 8 K% Y' m8 ^" {0 U1 O4 j _+ K+ i% |/ Q

    قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ: سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلى ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ ئالتە ئايدىن ئاشماسلىقى كېرەك. ئەگەر سىناپ ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك توختامى ئالتە ئايدىن تۆۋەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 15 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئەمگەك توختامى ئالتە ئايدىن يۇقىرى بىر يىلدىن تۆۋەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 30 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئەمگەك توختامى بىر يىلدىن يۇقىرى ئىككى يىلدىن تۆۋەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 60 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ . ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن توختاملىشىپ ، ئىشقا ئورۇنلاشقان ھامان ئۇلار بىلەن سىناپ ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئاللىقاچان ئەمگەك ھوقۇق مەجبۇرىيىتى ئورنىتىلغان ھەم ئەمەلىي مۇناسىۋەت يۈرگۈزۈلگەن بولىدۇ، بۇنداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى قانۇن قوغدايدۇ . بىرەر ئورۇنغا ئىشقا تەكلىپ قىلىنغۇچىلار ئەمگەكچى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەسلەپكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

* z2 z! n! m* p; \. p( m" m * } Q- h$ k$ ]. \! E& J

    بىرىنچى، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئەمگەكچى ‹‹ئەمگەك قانۇنى››دا ئۆزىنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانداق بەلگىلىمە بار، ئىش ئورنىدىكى قائىدە – تۈزۈملەر ئۆزىگە ماس كېلەمدۇ – يوق؟ دېگەنلەرنى ئويلىشىشى كېرەك؛

% @% \1 n; C, V$ N a ' z. J( c% w' w6 O+ b

    ئىككىنچى، ئەمگەك توختامى ئىمزالاشقان ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بېكىتىلگەنمۇ – يوق؟ دېگەن نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇيەردىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ھەرگىزمۇ ئەمگەك توختامىدىن ئىلگىرىكى مۇددەت بولماستىن، بەلكى توختام تۈزگەندە بېكىتكەن مۇددەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەمگەك توختامى تۈزۈلمەيدۇ؛

- r$ z' f- m! b1 i% M' B1 t( }* T- u% [- l1 g P K

    ئۈچىنچى، بەزى ئورۇنلار ئىشچى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئۆز ئورنىنىڭ ئوبرازىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئادەم جەلپ قىلىدۇ ، بىراق ، ئەمەلىيەتتە ، سەۋەب كۆرسىتىپ ، ياكى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇن–بەلگىلىمىلەرنى چۈشەنمەسلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەمگەكچىلەر بىلەن ۋاقتىدا ئەمگەك توختامى تۈزمەيدۇ ، ئەمەلىي خىزمەتنى باشلىغاندىن كېيىن، ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ. شۇڭا ئەمگەكچىلەر خىزمەت ئورۇنلىرىدا چوقۇم ھوقۇق–مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان توختام تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ‹‹گۆش كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىش››تەك ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى، توختام تۈزگەندىمۇ توختامغا قارىغۇلارچە ئىمزا قويۇشتىن ساقلىنىپ، ئۇنىڭ ماددىلىرىنى ئەستايىدىل كۆرگەندىن كېيىن قول قويۇشى، زىيانغا ئۇچرىغان ھامان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

H* P5 u5 A: |* p: ?, o / b6 p) d8 o+ k1 J8 M) R6 S

    دۆلىتىمىز ‹‹ئەمگەك قانۇنى››نىڭ 98–ماددىسىدا‹‹ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى قەستەن كەينىگە سۆرەپ، ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەمگەكچىلەرگە زىيان سالغان بولسا، جەزمەن تۆلەم بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە ‹‹ <ئەمگەك قانۇنى>دىكى ئەمگەك توختامىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغاندا تۆلەم بېرىش چارىسى ››نىڭ 2 – ماددىسىدا تۆلەم جاۋابكارلىقى توغرىلىق مۇنداق بەلگىلەنگەن : ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، ئەمگەكچىلەرگە زىيان كەلتۈرگەن بولسا، جەزمەن ئەمگەكچىلەرنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى لازىم:

/ W! ~" i. r. ]% M ) e* |( F" u& I# f+ I/ @; T9 l

    (1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى قەستەن كەينىگە سۈرسە، ئەمگەكچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن قەستەن ئەمگەك توختامى تۈزمىسە ياكى ئەمگەك توختامىنىڭ قەرەلى توشۇپ، قايتا تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىنمۇ قەستەن ئەمگەك توختامى تۈزمىسە؛

$ K, N: e0 \# y " A7 Y1 y$ ~) t$ o% ^

    (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىناۋەتسىز توختام تۈزۈلگەن ياكى قىسمەن ئىناۋەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈلگەن بولسا؛

3 U! n z: s2 {7 O/ |: n; v8 D! q2 s. g+ o2 [, S/ s8 e: Y8 b

    (3) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ياكى ئەمگەك توختامىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىگە زىيان سالغان بولسا؛

2 ?6 ` e% |9 a' o" l 2 x; m; ?9 v) N D

    (4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ياكى ئەمگەك توختامىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا.

3 J8 C& c6 V9 W7 f7 N! A. B % g1 A! C. j, E7 t0 P: Z" A

    بۇنىڭدىن باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار باشقا ئورۇنلار بىلەن تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلمىغان ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتسە ئەمگەك توختامىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش بولۇپ ھېسابلىندۇ.

+ E5 {; M _5 }8 P& k2 C) N2 f( B3 R- D# E, J

    باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مەرىپەت ياسىن تەييارلىغان

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
xjadwokat446

مەن مەلۇم بىر شىركەتكە كىرىپ 3~يىل ئىشلىدىم ئەمما ئۇلامىنى سودا ياخشى بولمىدى دەپ ئىشتىن بوشاتتى . مەن شىركەتكە يېڭىدىن كەلگەن چاغدا 3~ئاي سىناخ ئىشلەيدىغىنىمنى كىيىن توختاملىشىدىغىنىنى ئېيىتتى مەن قۇشۇلدۇم كىيىن سىناخ مۇددىتى تۇشۇپمۇ ئۇلا توختام تۈزگىلى ئۇنمىدى مەن بىرنەچچە رەت توختامنىڭ گىپىنى چىقارسام ئىشلىمىسەڭ يوقال دىدى مەن ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن مەندە ئامال يوق ئىدى سۇغۇرتا تۆلپبىرىڭلاردىسەممۇئۇنمىدىكىيىن قوغلاپچىقاردى سىلەردىن سوراپ باخسام ماڭا بۇ 3 ~يىللىق ئەجرىمگە تۆلەم كەلەمدۇيوق مەن 3 ~يىلدا شىر كەتكە خېلى كۆپ پايدا يەتكۈز دۈم ماڭا تۆلەم بىرىشى كىرەك مۇ يا مەن شۇنى بىلىپ باقايدىگەن

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.