يوقالغان مۈلۈكلەر تېپىۋېلىنغاندا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 4839 قېتىم كۆرۈلدى

يوقالغان مۈلۈك دېگىنىمىز - ئىگىدارچىلىق قىلغۇچنىڭ ياكى ئىگىلەپ تۇرغۇچىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ۋاقتىنچە ئىگىلەشتىن مەھرۇم بولۇپ قالىدىغان مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ. يوقالغان مۈلۈك ھەرگىز ئىگىسىز مۈلۈك ئەمەس ، ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان بولمايدۇ، بەلكى ئىگىلەش ھوقۇقىنى ۋاقتىنچە يوقاتقان بولىدۇ .

8 A+ I$ @0 _* Y 5 z8 R5 n6 i$ T

    ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق - تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر پىكىرى ›› نىڭ 94-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، يوقالغان مۈلۈكنى تېپىۋالغاندا، تېپىۋالغۇچى مۈلۈكنى يوقىتىپ قويغان ئىگسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ناۋادا يوقىتىپ قويغان ئىگىسىنى تاپالمىغاندا، تېپىۋالغان مۈلۈكنى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ج خ ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، قوبۇل قىلغۇچى ئورگان تېپىۋالغان مۈلۈكنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئېلىپ كېتىش ئېلانى چىقىرىدۇ. مۇددەت توشۇپ تونۇپ ئېلىپ كېتىدىغان ئادەم چىقمىغاندا، شۇ مۈلۈك دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ .

9 |; _- F, w" l4 u/ @ u* @ 9 s8 `4 n! Y2 V! S( p5 H P" k

    تېپىۋالغان مۈلۈكلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندە تۆۋەندىكىدەك ھەقدارلىق قائىدىلىرى شەكىللىنىدۇ :

- K+ Q4 o8 t- r " ~) q- r% ]8 c( g

    (1) تېپىۋالغۇچى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشتە كەتكەن چىقىملارنى ئىگسىدىن تەشەببۇس قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ ؛ (2) سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئېلانلاردىن باشىقىلىرىدا يوقالغان مۈلۈكنى تىېپىۋالغۇچى ئەسلى مۈلۈك ئىگسىدىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ ؛ (3) تېپىۋالغۇچى يوقالغان مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، نامۇۋاپىق پايدىدىكى قەرزنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ ؛ (4) تېپىۋالغۇچى يوقالغان مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا ھەم قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلسا ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قەرزى شەكىللىنىدۇ ؛ (5) تېپىۋېلىنغان مۈلۈك تېپىۋالغۇچنىڭ قەستەنلىكىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن، يوقاپ كەتكەن ئەھۋاللارنى سادىر قىلمىغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ؛

: \7 [! R# q; E 1 L& |# h/ f- b; a( b8 H

    باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مەرىپەت ياسىن تەييارلىغان

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.