قانداق ئەھۋالدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا بولمايدۇ ؟
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 6800 قېتىم كۆرۈلدى

 «ئەمگەك قانۇنى» نىڭ 29-ماددىسىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن :

, [2 _) \' Z0 s! v7 Y! v 2 d! Q0 \# d9 h+ T, M( F

    1.ئەمگەكچى كەسپىي كېسەللىك ياكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئىشلەمچى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەت ئۇنىڭ جىسمانىيىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولغاچقا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئاشۇ ئىشلەمچىگە خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. شۇڭا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

3 V" {4 j; S+ S2 ^1 g w1 k8 Z4 z$ o, \7 v! m' @/ x5 P

    2. ئەمگەكچى كېسەللىك ياكى يارىلىنىش سەۋەبىدىن بەلگىلىمە بويىچە داۋالىنىۋاتقان بولسا. ئىشلەمچىنىڭ كېسەللىكى ياكى يارىلىنىشى گەرچە خىزمەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ داۋالىنىۋاتقان چاغدا ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. گەرچە ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، لېكىن داۋالىنىش ۋاقتى توشمىسا، ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى داۋالىنىش ۋاقتى توشقىچە ئۇزارتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىنى ئۆزئالدىغا بىكار قىلىشىغا ياكى توختىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

( D! e2 U/ e0 ` 3 l& b8 t1 B/ n5 E4 x/ t

    3. ئايال ئىشلەمچىلەر ئىككى قات مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ياكى بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان بولسا. «ئەمگەك قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئايال ئىشلەمچىلەر ئالاھىدە ئەمگەكتە قوغدىنىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىككى قات مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ياكى بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقاندا ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ. گەرچە ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، لېكىن ئايال ئىشلەمچىلەر ئىككى قات مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ياكى بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان بولسا، ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئىككى قات مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ياكى بالا ئېمىتىش مەزگىلى توشقىچە ئۇزارتىلىدۇ.

' C8 y4 r* A, c% z) F/ W: { ' R) b$ E) J5 ^4 K

    4. قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا كۆرسىتىلگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسا.

; z. c1 Y! }- S1 E9 ?! ^7 R( k % p( {6 g' l9 q* O" }

    بىراق، يۇقىرىقى تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن شۇنداقلا «ئەمگەك توختامى»نىڭ 25- ۋە 26-ماددىسىدا بېكىتىلگەندەك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا ئاساس بولالايدىغان تۆت خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

7 @; C6 ~- Y# W; ?* Y e4 `( Z" t2 A0 Y0 h) c

    شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن خەلچەم سۇلايمان تەييارلىغان

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.