ئۈندىدار توپ باشلىقى ۋە توپ ئەزاسىنىڭ قانۇنىي مەسئولىيىتى
微信群主和群员法律责任
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 52367 قېتىم كۆرۈلدى

ئۈندىدار توپ باشلىقى ۋە توپ ئەزاسىنىڭ قانۇنىي مەسئولىيىتى

" M2 C% C/ w1 Q8 i0 J7 c, W 9 j3 D& K) N( I: H2 @8 q

شىنجاڭ ئادۋوكات تورىنىڭ مەسئولى، شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن مۇھەممەت ئابلىمىت ئۆزقۇت

: }* P/ h' r' R3 o% c ( m% ?" Q& R/ i6 A

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەر قايسى تورداش دوستلار، ئۈندىدار توپى ھازىرقى مەزگىلدە ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان تېمىلارنىڭ بىرى، ھازىر بىزدە تۈرلۈك ساھەلەردىكى تۈرلۈك توپلار بار، توپ قۇرۇش ئاسان، بىراق دۆلىتمىز قانۇنچىلىق دۆلىتى، سىزنىڭ قىلغان ھەر بىر ھەرىكىتىڭىز قانۇننىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى دۆلىتمىزدە توپ قۇرۇپ بالادا قالغان كىشىلەر ئاستا – ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى قاراڭغۇ كامىرلارغا سولاندى. بۇ ھال ئۈندىدار ئويناۋاتقان ھەر قايسىمىزنىڭ كاللىمىزنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ، قاتتىق ئاگاھ بولۇشىمىزغا چاقىرىدۇ، بولۇپمۇ ھەر قايسى توپ باشلىقلىرى.

' N9 t5 f5 ?8 W 9 | z/ n( X- s. P) s4 y

ئۇنداقتا ئۈندىدار توپ باشلىقىنىڭ جىنايەتكە چېتىلىپ قالغان، ئەمەلىي يۈز بەرگەن دېلولارنى كۆرۈپ باقايلى:

3 s8 u {4 @/ _, ` . L# Y4 l; v% h, _

2015 – يىلى نويابىردا مەلۇم شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈندىدار توپىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي فىلىم تارقىتىشقا چېتىشلىق بىر دېلغا سوت ئاچتى. بۇ دېلودا جاۋابكارلىق ئورنىدىكى توپ باشلىقى ۋاڭ گەرچە ئۆزى توپتا شەھۋانىي فىلىم يوللىمىغان بولسىمۇ، بىراق نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئولىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى، شۇنداقلا شەھۋانىي فىلىم تارقىتىش قىلمىشىنى توسمىغانلىقى ئۈچۈن شەھۋانىي بۇيۇم تارقىتىش جىنايىتىدىكى ئورتاق جىنايەتچى قىلىپ بېكىتىلدى.

& [- j" ]5 A* L% \' D, r % j- N" t+ U- C, f

   بۇ دېلو ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار چوڭقۇر ئەندىشىگە چۈشتى، چۇنكى توپ قۇرغان كىشى قاراپ تۇرۇپلا جىنايەتچىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

9 p j2 {4 v( x: W 0 d; m; r; f' @1 V

  ۋاڭ ئەسلى بۇ توپنى دوستلار ئارا پاراڭلىشىش ئۈچۈن قۇرغان، بىراق كېيىن ئادەم سانى 200 گە يەتكەندىن كېيىن، تويۇقسىز جاڭ دېگەن بىرەيلەن توپتا ئۆزلۈكسىز شەھۋانىي فىلىم يوللىغان، قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە جاڭ توپتا 121 شەھۋانىي فىلىم يوللاپ بولغان. ۋاڭ بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىغان، يەنى يول قويغان. سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 364 – ماددىسى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2010 – يىلى ئېلان قىلغان «ئىنتېرنېت تورى، كۆچمە ئالاقە ۋاسىتىسى، ئاۋازلىق مەسىلىھەت سوراش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شەھۋانىي ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش جىنايى دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە ئىزاھات(2)» نىڭ 3 – ماددىسىغا ئاساسەن ۋاڭ بىلەن جاڭ شەھۋانىي بۇيۇم تارقىتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارىغان ھەم ئىككىسىنى بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئورتاق جىنايەتچى، دەپ بېكىتكەن.

% @! \& {) c8 Y# D3 X! A ( g6 f3 a/ f$ g @9 V

بۇنىڭدىن باشقا رۈيئەن شەھىرىدىمۇ مۇشۇنداق دېلو يۈزبەرگەن. مەلۇم ئۈندىدار توپ ئەزاسى تاۋ قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە توپتا 76 شەھۋانىي فىلىم تارقاتقان، توپتىكى بارلىق ئەزالار تارقاتقان شەھۋانىي فىلىمنىڭ سانى 451 گە يەتكەن، شەھۋانىي فىلىمنى ئاساسلىق تارتقاتقۇچى تاۋ ۋە توپ باشلىقى گۇ شەھۋانىي بۇيۇم تارقىتىش جىنايىتى بويىچە بىر ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئاران بىر ئاي ئىكەنغۇ، دەپ ھەرگىز سەل قارىماڭ، پىشانىڭىزگە چېكىتتىن بىرسى ئۇرۇلۇپلا قالسا سىز نۇرغۇن ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايسىز. بىر ئۆمۈر سايىدەك سىزگە ئەگىشىپ يۈرىدۇ.

- \7 |0 _& O4 o+ E3 Z$ R - x* H8 |2 Z8 b, e" e

ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزى يېقىنقى بىر مەزگىلدە قانۇنغا ئېغىر خىلاپىلىق قىلغان بىر تۈركۈم شەھۋانىي توپلارنى مەخسۇس تۈزىگەن، جەمئىي 5463 توپنى مەڭگۈلۈك تارقىتىۋەتكەن. يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىمۇ بىر گۇماندارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرگەن.

" U" x3 \7 L, E' U; |8 @& v" V+ ` 1 t4 ^+ E. u# U6 z- Y [

يۇقىرىقى دېلولارنىڭ ھەممىسىدە سوت مەھكىمىلىرى «ئىنتېرنېت تورى، كۆچمە ئالاقە ۋاسىتىسى، ئاۋازلىق مەسىلىھەت سوراش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شەھۋانىي ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش جىنايى دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە ئىزاھات(2)» نىڭ 3 – ماددىسىنى تەدبىقلىغان، بۇ ئىزاھاتنىڭ 3 – ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىنتىرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان، ئاساسلىق شەھۋانىي ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تارقىتىشقا ئىشلىتىلگەن توپلاردىن ئەزا سانى 30 دىن ئاشقان ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ئاساسلىق تارقاتقۇچىسىغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 364 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شەھۋانىي بۇيۇم تارقىتىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىدۇ».

8 n6 q+ J; j* D! ^. v$ O. t7 m/ j! O: |, N: S5 x

يۇقىرىقى دېلولاردا بەزى توپ باشلىقلىرى ئۆزى شەھۋانىي بۇيۇم تارقىتىشقا قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما توپنى ئۆزى باشقۇرىدۇ، توپ باشلىقى توپ ئەزالىرىنىڭ شەھۋانىي بۇيۇم تارقىتىش ھەرىكىتىگە قارىتا توسمىغان ياكى ئەسكەرتىش بەرمىگەن، پۈتۈنلەي يول قويۇش پوزىتسىيەسىدە بولغان، شۇڭا سوت مەھكىمىلىرى بۇنداق توپ باشلىقلىرىنى ئورتاق جىنايەتچى، دەپ بېكىتكەن.

9 E$ j7 C# i/ v3 ?& j5 O 5 A+ }( T1 k9 q* u- U; `

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، توپ قۇردىڭىز دېگەنلىكنىڭ ئۆزى مەلۇم قانۇنىي جاۋابكارلىق ۋە مەسئولىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالدىڭىز، دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. سىز توپ قۇرغاندىن باشلاپ توپىڭىزدا ئەۋەتىلگەن ھەر قانداق ئۇچۇرنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك، پەقەت بولىمىغاندا تېگى – تەكتىنى ئېنىق بىلمىگەن كىشىلەرنى ئامالنىڭ بارىچە توپىڭىزغا يېقىن يولاتماسلىقىڭىز كېرەك، بولمىسا يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قويىدىغان يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردىن خالىي بولالمايسىز. توپتا شەھۋانىي بۇيۇم تارقىتىشتىن باشقا يەنە توپتا ئالدامچىلىق، يالغان ئۇچۇر، يالغان ئېلان، ئىئانە يىغىپ چۆنتىكىگە سېلىش، قانۇنسىز تەبلىغ قىلىش، دىندىن سۆزلەش، تېررورلۇق تۈسىنى ئالغان سۈرەت، فىلىملەرنى يوللىسىمۇ توپ باشلىقى بولغان سىزگە بەلگىلىك جاۋابكارلىق ئارتىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

4 b) R+ I, H H5 u. X# Y G( r8 B& M4 [' F( F1 T- k8 I

ئاخىرىدا ھەر قايسى تورداشلارنىڭ ئۈندىداردىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەسپىي ۋە سودا ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن، تورداشلارغا رەھمەت.

1 ~0 u2 L, A9 c, }( n & M" t' Z. X( z# |( ~# s

مۇناسىۋەتلىك تېمىدىن مەسلىھەت سوراش ئۈندىدار نومۇرى: 542570244

1 a4 A/ u$ M0 _ 8 j- V9 C( r! W; ^8 o+ l' t7 ^

 

$ `9 Q8 D8 ?3 ` / B: o0 b6 I. d+ t) ~" X4 Z# j

www.xjadwokat.com

$ [+ _1 U5 _2 d5 W; k& J * X" [& p; D9 G& @& {# C

 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
xjadwokat757

دىققەت قىلىش كېرەك

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.