14 ياشتىن تۆۋەن باللار قاتناش ھادىسىسىدە مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 2790 قېتىم كۆرۈلدى

قاتناش ۋاسىتىلىرى كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى ئېغىر بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، توكسىكلىت ۋە موتوسىكلىتقا ئوخشاش قاتناش ۋاسىتىلىرىنى چوڭلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە مىنىپ يۈرمەكتە. شۇ سەۋەبتىن قاتناش ھادىسىلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. <<جىنايى ئىشلار قانۇنى>>دا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتناش ھادىسىلىرىدە قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلار قاتناش ھادىسىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟

. U& I0 o2 G! i3 s+ G 0 k" X9 q1 W" \/ S0 I- F

   قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيىتى بىلەن قانۇنىي جاۋابكارلىق ئوخشىمايدۇ. گەرچە قاتناش ھادىسىلىرىدە قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيىتى بىلەن قانۇنىي جاۋابكارلىق زىچ باغلىنىشلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق باغلىنىشلىق مۇقەررەر ئەمەس، يەنى قاتناش ھادىسىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىنىڭ ھەممىسىلا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى ناتايىن. چۈنكى قانۇنىي جاۋابكارلىقنىڭ سۇبيېكتى چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىق يېشىغا توشقان بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەمما قاتناش ھادىسىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ سۇبيېكتى بولسا، قاتناش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ يول مېڭىش، قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇش ھەم ھەيدەش قاتارلىق قاتناش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، قاتناش ھادىسىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ. ئۇ ياش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. يەنە شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيىتى بىر خىل جازالاش ئەمەس. مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار جازاغا تارتىلمايدۇ. ئەمما قاتناش ھادىسىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى بولسا بولۇۋېرىدۇ. شۇڭا 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلار قاتناش باشقۇرۇش قائىدە – نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزسە، ئۇلار ھادىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ياكى ۋەسىيسى زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.