ئورتاق جىنايەتنىڭ شەكىللىنىش شەرتلىرى
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 4968 قېتىم كۆرۈلدى

 1.سۇبيېكتى شەرتى

" K! N8 f4 U: M y* ~: N* R4 L9 f & i0 x7 j$ K6 y

    ئورتاق جىنايەت شەكىللىنىشنىڭ سۇبيېكتى شەرتى ئادەم ئىككىدىن ئارتۇق بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ يەردە ‹‹ئادەم››نى توغرا چۈشىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ يەردىكى ‹‹ئادەم›› دېگىنىمىز، جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشقان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە تەبىئىي ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە قانۇنى ئىگە، ئورۇن قاتارلىق قانۇنى جەھەتتىكى تەقلىدىي ئادەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئىككىدىن ئارتۇق تەبىئىي ئادەمدىن شەكىللەنگەن ئورتاق جىنايەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق ئورۇن شەكىللەندۇرگەن ئورتاق جىنايەتنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. يەنى ئورۇن بىلەن جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە تەبىئىي ئادەم شەكىللەندۇرگەن ئورتاق جىنايىتنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

& t) i# t2 N Z2 G ; ?+ R* m% r# _- b0 a

    2.سۇبيېكتىپ شەرتى

{- Z3 t" o9 [! O |2 R1 Q; {% }! ~- u" ~ A$ B

    ھەرقايسى ئورتاق جىنايەت قىلغۇچىلاردا چوقۇم ئورتاق جىنايەت قەستەنلىكى بولۇشى كېرەك. يەنى ھەرقايسى ئورتاق جىنايەت قىلغۇچىلار مەقسەت ئالاقىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئورتاق جىنايى ھەرىكىتى جەمئىيەتكە زىيانلىق ئاقىۋەت تۇغدۇرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇش، ھەمدە ئورتاق جىنايەتكە قاتنىشىش قارارىغا كېلىپ شۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىش ياكى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش پىسخىك ھالىتىدە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەزكۇر ئورتاق جىنايى غەرەز پەقەت جىنايى ئىشلار قانۇن بەلگىلىمىسى دائىرىسىدىلا ئوخشاش بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىغا، جىنايى قەستەنلىكىنىڭ كونكرېت شەكلى ۋە مەزمۇنى چوقۇم تامامەن ئوخشاش بولۇشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم.

" N7 N& V* g' [! Z ' e; a# O) u8 }! g( s

    ئورتاق جىنايەت شەكىللىنىشنىڭ سۇبيېكتىپ شەرتىدە بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنى جىنايى غەرەز ئالاقىسى (ياكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش) بارلىق ئورتاق جىنايەتچىلەر ئارسىدا چوقۇم مەۋجۇت بولۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەكمۇ-يوق؟ جىنايى غەرەز ئالاقىسى دېگىنىمىز، ئورتاق جىنايەتچىلەر جىنايەت غەرزى جەھەتتە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ ئېھتىمال جىنايەتكە تەشكىللىگۈچى بىلەن جىنايى ھەرىكەت قىلغۇچى ئوتتۇرسىدا، جىنايەتكە كۈشكۈرتكۈچى بىلەن جىنايى ھەرىكەت قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا ياكى جىنايەتكە ياردەملەشكۈچى جىنايى ھەرىكەت قىلغۇچى ئوتتۇرسىدا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بىراق بارلىق ئورتاق جىنانەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا چوقۇم جىنايى غەرەز ئالاقىسى بولۇش تەلەپ قىلىنىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

& I2 W& {. c$ C' d/ `( H( j$ m * p5 V0 p# K$ A" l5 i

    3.ئوبيېكتىپ شەرتى

3 Q* a4 Z! d! J8 }# y2 z5 b8 T a+ N# Z' {. L

    ئورتاق جىنايەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئوبيېكتىپ شەرت بولسا ھەرقايسى ئورتاق جىنايەتچىلەردە ئورتاق جىنايى ھەرىكەتنىڭ بار بولۇشىدا، يەنى ھەرقايسى ئورتاق جىنايەتچىلەر ئوخشاش بىر ئىجتىمائىي زىيانلىق ئاقىۋەتنى قوغلاشقان بولۇش، ئوخشاش بىر جىنايەتنى تاماملاش ئۈچۈن ئۆزئارا ئالاقە قىلغان بولۇش، ئۆزئارا ماسلاشقان جىنايى ھەرىكىتى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ھەرقايسى ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە بىر پۈتكۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، زىيانلىق ئاقىۋەتكە ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى ھەرقايسى ئورتاق جىنايەتچىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب -نەتىجە مۇناسىۋىتى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئورتاق ھەرىكەت ئوخشاش بىر جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈش شەرتىنىڭ ھەرىكىتىگە تەۋە بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا، ئورتاق مۇناسىۋەت شەكىللەنمەيدۇ.

, t5 J* }) l1 i" s * x1 M' I# _6 X( L1 T* F$ I

    دىققەت قىلىش كېرەككى، ئورتاق پىلانلاشقا قاتناشقان، لېكىن جىنايى ھەرىكەت قىلىشقا قاتناشمىغان بولسا ئورتاق جىنايى مۇناسىۋەتكە تەۋە بولامدۇ-يوق؟ چوقۇم تەۋە بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئورتاق پىلانلاش جىنايەتنىڭ تەييارلىق ھەرىكىتىگە تەۋە بولۇپ، جىنايەتنىڭ تەييارلىق ھەرىكىتىمۇ جىنايى ھەرىكەتكە تەۋدۇر، بىر ئادەمنىڭ جىنايەت پىلانى ئۇنىڭ جىنايى غەرىزىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىرلىككتە قىلغان جىنايى پىلان جىنايەتنىڭ تەييارلىقىغا تەۋە بولىدۇ.

7 w) P* q7 m( O# M+ A ; N/ l7 Q/ O* ~

    قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قادىرجان يۈنۈس تەييارلىغان

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.