قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىنى جىنايەت بېكىتىشنىڭ بىردىنبىر ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 2853 قېتىم كۆرۈلدى

 ‹‹قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى›› قاتناش ھادىسىسى دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان ئاساسلىق دەلىل – ئىسپات. جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىنى دەلىل – ئىسپات قىلىپ ئىشلىتىشكە بولسىمۇ، لېكىن قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىشتا ئاساسلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملار، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش پىرىنسىپى ئالاھىدىچانلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى جىنايى جاۋابكارلىقنى بېكىتىشتە ئىشلەتكەن قانۇن – نىزاملار ۋە جىنايى جاۋابكارلىقنى بېكىتىشتە ئىشلەتكەن پىرىنسىپلار ئارىسىدا پەرق مەۋجۇت. شۇڭا بۇنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىنى بېكىتىشنىڭ بىردىنبىر ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

) i5 w$ E6 }( W" U! T- N * a& ]1 w& a' g+ Q3 C

   قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىنى بېكىتكەندە، چوقۇم قاتناش باشقۇرۇش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەت بىلەن جىنايى ئىشلار جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. چۈنكى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت بىلەن مەمۇرىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت بىردەك بولۇشى ناتايىن. قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغان نەق مەيداندا، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى دائىم قاتناش – تىرانسپورت باشقۇرۇش قانۇن – نىزاملىرىغا ئاساسەن، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىدۇ، بۇنداق بېكىتىش قاتناش باشقۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى. مەسىلەن، مەلۇم بىر يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى ئاپتوموبىلنى يول بويىغا توختىتىپ قويغان، بۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىلنىڭ كەينى تەرىپىدىن بىر پىكاپ ئۇچقاندەك كېلىپ ئالدىدىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلغان، پىكاپ شوپۇرى نەق مەيداندا ئۆلگەن، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى قېچىپ كەتكەن. بۇنداق ئەھۋالدا، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 92 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قېچىپ كەتكەن يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرى ھادىسىدىكى تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى تولۇق مەسئۇلىيەت پەقەت مەمۇرىي جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

* @, v. u- g- V: T7 v# j" Z. d8 {8 [7 {# y2 t

   جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 14 –، 15 – ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا سۇبيېكتىپ جەھەتتە چوقۇم قەستەنلىك ياكى سەۋەنلىك بولۇشى كېرەك. ئەگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان ۋاقىتتا خاتالىقى بولمىسا، قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا جىنايەت مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ. قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن بولسا، بۇ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىنىڭ جىنايى ئىشلار جەھەتتىكى سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ھازىرلىمىغان. شۇڭا بۇنىڭغا ئاساسەن قىلمىشنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغان دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن نەق مەيداننى ساقلىماسلىق، ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلش جىنايىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. بۇلارغا پەقەت مەمۇرىي جەھەتتىن جازا بەرسە بولىدۇ.

5 S) M9 n8 Z1 e / |2 D; O* o. z, F4 i

   ئەگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچى قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يەنى قاتناش – تىرانسپورت باشقۇرۇش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش بولمىسىمۇ، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىنى بېكىتسە، بۇ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى جىنايەت ۋە جازانىڭ قانۇندا بەلگىلىنىش پىرىنسىپىغا خىلاپ بولىدۇ.

$ N F# N, p/ T! p, A" s1 k y 1 ~6 s" K$ V6 |: F) ~" \

غۇپۇرجان تۇرسۇن

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
xjadwokat988

قاتناش ھادىسىدە ئىتىراپ نامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن سوت ئۈستىدە نارازىلىق بۈلدۈرسە بۇلامدۇ

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.