يەر ھۆددىگەرلىكى ماجىرالىرىغا كېسىم چىقىرىلغاندىن كېيىنمۇ ئەرز قىلىشقا بولىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 6467 قېتىم كۆرۈلدى

يۈەن دىڭبو

: ~3 i' _/ ^# I1 l8 t : j: ]; ^4 I; f$ H8 W& R& q

 

& `# ? q7 a6 s& _1 B; k2 K ! k6 V$ l+ E" Y1 |0 `

   يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا چېتىلىدىغان ماجىرالارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 24 – يانۋار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ‹‹يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىغا مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىش دېلولىرىغا قانۇننى تەتبىقلاش بويىچە بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات››نى ئېلان قىلدى. بۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2014 – يىلىدىكى 1 – نومۇرلۇق ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىدۇر.

( @: N! u6 A( A! B) s- j; d 7 n l9 C) t6 U$ E; y. l/ X& b

   ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1 – سوت كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى ‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىغا مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىش يېڭىچە كېسىم چىقىرىش ئەندىزىسى بولۇپ، كېسىم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كېسىم بىلەن ئەرز ئىشلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ئەرز ئىشلىرى بىلەن كېسىمنى كاپالەتلەندۈرۈش مەزكۇر ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە ھەل قىلىنىدىغان مۇھىم مەسىلە، دېدى.

7 U- q7 Z8 t* H! }/ [, n* L; G5 W F) x

   يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىغا مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىش سودا ئىشلىرى كېسىمى، ئەمگەك ماجىراسى كېسىمىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدا دەۋاگەرنىڭ ئىشتىن بۇرۇن كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى ھاجەت ئەمەس، كېسىم ئەرزنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنمايدۇ، دەۋاگەر گۇمانلانسىمۇ، ئەرز سۇنسىمۇ بولىدۇ. يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىغا مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىشتا، دەۋاگەرلەردىن كېسىمگە قايىل بولمىغانلىرى كېسىمنامىنى قولغا ئالغان كۈنىدىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

/ X% J3 b/ s+ S' x" X) n# i( n5 ~6 S I& Z) e4 {- o

   ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىغا مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىش قانۇنىنىڭ 18 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كېسىم ئىلتىماسىنىڭ سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبى بىلەن ئىلتىماسى قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئوخشاش ماجىرا ئۈستىدە ئەرز سۇنغان دەۋاگەرلەرنىڭ ئەرزى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

$ ~6 ` V5 p' b 7 v+ D, U3 U5 g2 V J' x& T/ J0 F. K. \

   مەزكۇر مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: بۇ بەلگىلىمىدە ئاساسلىقى يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى كېسىمىدىكى غەيرىي دەۋا ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقى تەرتىپى نەزەرگە ئېلىندى، شۇڭا، كېسىم سۈرۈكى بىلەن دەۋا سۈرۈكى مۇستەقىل ھېسابلىنىشى كېرەك. دەۋا تەلىپىنىڭ دەۋا سۈرۈكىدىن ئېشىپ كەتكەن، كەتمىگەنلىكىنى سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بېكىتىدۇ.

% o9 X3 `* w5 K& B . [' h0 @: t8 H0 U/ _

   ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: دەۋا سۈرۈكى ئېشىپ كەتكەندە، دەۋالاشقۇچىلار ئىجرا قىلىشنى ئىختىيار قىلسا، دەۋا سۈرۈكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا ئەمەلىيەت داۋامىدا، مۇشۇنداق دېلولار سوتقا شىكايەت قىلىنغاندىن كېيىن، باشقا ھەق تەلەپ دېلولىرى قاراپ چىقىلغانغا ئوخشاش قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچى دەۋا سۈرۈكى مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئاقلىغان ئەھۋالدا، سوت مەھكىمىسى ئاندىن دەۋالاشقۇچىنىڭ تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەۋا سۈرۈكى مەزگىلىدىن ئېشىپ كەتكەن، كەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ.

1 C6 ~. M1 _$ b0 o u( n" |- T F, V+ b o$ |! Y: r, d) J1 t m

   مەزكۇر مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدا، كېسىم بىلەن دەۋا مۇستەقىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىدۇ، دەۋا كېسىمنى ئالدىنقى شەرت ياكى ئاساس قىلمايدۇ ھەم كېسىمنى باھالىمايدۇ. ئادەتتىكى ھەق تەلەپ دېلولىرىغا ئوخشاش خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىدىغان مەزمۇنلار كېسىم كومىتېتى بېكىتكەن كېسىم سۈرۈكىنىڭ قانۇنلۇق بولغان، بولمىغانلىقى بولماستىن، بەلكى دەۋالاشقۇچىنىڭ تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەۋا سۈرۈكى مەزگىلىدىن ئېشىپ كەتكەن، كەتمىگەنلىكى بولىدۇ. دەرۋەقە، كېسىم ئىلتىماسىنى دەۋا سۈرۈكىنى توختىتىپ قويۇشنىڭ سەۋەبى قىلىشقا بولىدۇ.

& S A( M- e4 w) f8 n. v* _* F4 U$ m, n: k5 F% J+ X- c

   ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كېسىم قارارنامىسى ياكى مۇرەسسەنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار يەنە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا، ئەرزى قوبۇل قىلىنمايدۇ. يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىغا مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىش قانۇنىنىڭ 49 – ماددىسىدا، قانۇنى كۈچكە ئىگە كېسىمنامە بىلەن مۇرەسسەنامە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە، دەپ بەلگىلەندى.

0 W1 X& N( V P" o \ ! |7 t* P( ~( V/ K

   مەزكۇر مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە كېسىمنامە بىلەن مۇرەسسەنامە مۇقەررەر ھالدا ماجىرانى ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە ھۆكۈمدۇر، بىر ئىشنى قايتا بىر تەرەپ قىلماسلىق ئاساسىي پىرىنسىپى بويىچە، بىر ماجىرانى سوت مەھكىمىسى قايتا بىر تەرەپ قىلمايدۇ. قانۇننىڭ كونكرېت بەلگىلىمىلىرىدىن قارىغاندا، يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجېرالىرىغا مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىش قانۇنىدا دەۋاگەرگە 30 كۈنلۈك ئەرز سۇنۇش مۇددىتى بېرىلگەن، بۇ دەۋاگەر كېسىمنامىنى قولغا ئېلىپ 30 كۈندىن كېيىن ئەرز سۇنۇش ھوقۇقىغا ئىگە دېگەنلىك ئەمەس.

$ m- J& |$ }$ Q. h- B L" S9 N2 w$ d) k" p$ i

   ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە يەنە دەۋاگەر ئەسلىدىكى ماجىرا ئۈستىدە ئەرز سۇنسا بولىدۇ، كېسىم قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى دەۋا ئىلتىماسى قىلسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

, O( ~# g$ [7 e( t0 @' _ 3 [ w) g# s* ]5 G* e

   مەزكۇر مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: دەۋاگەر يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىسا، كېسىمنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە ئەرز سۇنسا، كېسىم ھۆكۈمى قانۇنى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، بۇنىڭدا كېسىم ھۆكۈمىنى ساقلاپ قىلىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم ھۆكۈمىگە باھا بېرىش زۆرۈرىيىتى يوق، پەقەت دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى مۇناسىۋىتىگە ھۆكۈم چىقارسىلا كۇپايە. كېسىم ھۆكۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېسىم بىلەن دەۋا تۈزۈمى لايىھەسىدىكى مۇھىم مەسىلە، يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىغا مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىش قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان ئەھۋالدا، دەۋاگەرگە كېسىم ھۆكۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بېرىشكە بولمايدۇ.

/ r8 D, d6 P- K6 v$ s 8 I5 q' u5 i1 ^ t

   مەزكۇر مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: مال – مۈلۈكنى ساقلاش جەھەتتە، ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىغا مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، دەۋاگەرنىڭ ھۆددە قىلىشى زۆرۈر بولماسلىق، ھۆددە قىلىش ياكى قىلماسلىق، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش، دەۋاگەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. كېسىمدە مال – مۈلۈكنى ساقلاش بىلەن دەۋا جىپسىلاشتۇرۇلىدۇ، ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ئىجراسىدىكى مال – مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى›› ئاساس قىلىندى، ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلغان دەۋاگەرنىڭ قانۇن بويىچە ئەرز سۇنۇش ئەھۋالى تەتبىقلىنىپ، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە ئەرز سۇنۇش ئەھۋالى تەتبىقلانمىدى.

5 N. C% z. I% V, q " C% i6 r. w9 S

   مەزكۇر مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش، يەنى ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىجرا قىلىشىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى››دە، قوبۇل قىلىنىدىغان ئىجرا دېلولىرىنىڭ شەرتىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى، مۇرەسسەنامە ياكى ھۆكۈمنامىنى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشمۇ مەزكۇر ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

, Z! a" F- V; S 0 T5 h0 Y" ^! r) f/ Z& X9 X4 C! E

‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.