بەش خىل ھادىسىگە سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەيدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 7727 قېتىم كۆرۈلدى

  نۇرغۇن كىشى تولۇق مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى سېتىۋالسىلا سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ، سۇغۇرتا شىركىتى تۆۋەندىكى بەش خىل ئەھۋالدا تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

" }8 Z% E& r# e# ]; H' b7 q5 z l' O( K# b* _3 W- x

    بىرىنچى، ئاپتوموبىلنىڭ جىجىلىپ كەتكەن يېرىنىڭ يامغۇر سۈيىدە داتلىشىپ قېلىشى. ياز پەسلىدە ماشىنىلار ئاپتاپ ۋە يامغۇردا قالىدىغان بولغاچقا، ئاپتوموبىل گەۋدىسىدىكى يېرىقچىلارنى ۋاقتىدا ئوڭشاتمىغاندا، مېتال قەۋىتى داتلىشىپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

' K8 ^: d" q8 p$ y" d. _2 Q W' _+ L% k* t0 l

    ئىككىنچى، بالون ئېتىلىپ كېتىش. سۇغۇرتا مەسئۇلىيەت توختامىنىڭ سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدىغان تۈرلەر تىزىملىكىدە ئاپتوموبىل بالونىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى سۇغۇرتا دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، دەپ بېكىتىلگەن. ئەمما بالون ئېتىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماشىنا سوقۇلۇش، ئۆرۈلۈش قاتارلىق ھادىسىلەردە ئاپتوموبىلنىڭ باشقا بۆلەكلىرى زىيانغا ئۇچرىسا، سۇغۇرتا شىركىتى يەنىلا تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

2 q+ {' c" L* k9 B& e * `0 m( a# b' ]$ R

    ئۈچىنچى، موتورغا سۇ كىرىپ كېتىش. يامغۇر سۈيى موتورغا كىرىپ كەتكەندە موتور قوزغىتىلسا ئاسانلا بۇزۇلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەيدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى زىيان سۇغۇرتىسى توختامىدا: سۇ كىرىپ كېتىپ موتور بۇزۇلۇش تۆلەم مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، دەپ بېكىتىلگەن.

! r. r" T. f3 J8 H1 S7 H. @2 L. z5 Q& g" }. }& B

    تۆتىنچى، ئاپتوموبىلغا ئۆزلۈكىدىن ئوت كېتىش. ھادىسە كۆرۈلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپ قىسىمى نىسبەتەن كونا ئاپتوموبىللار، ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، سۇلياۋدىن ياسالغان زاپچاسلار ئاسان كونىراپ ئاپتوموبىلغا ئۆزلۈكىدىن ئوت كېتىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل ئۆزلۈكىدىن ئوت كېتىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلمىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى بۇنداق زىيانغا نىسبەتەن تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

$ }5 g) d7 \- n3 D" S) h- \1 L3 K* Q $ g& n1 O: ]( W) A# H& V' Z

    بەشىنچى، خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ پارتىلىشى. يازدا كابىنكىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا 50 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كابىنكا ئىچى ھىم بولغاچقا، چاقماق، ئەتىر، باتارېيە، ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ قاتارلىقلارنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن. پارتلاشتىن كېلىپ چىققان زىيانغا نىسبەتەن سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.