ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئوغرىلاپ قاقتى – سوقتى قىلىش قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش كېرەك
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 6929 قېتىم كۆرۈلدى

  دېلو ئەھۋالى: ئىسلام بىلەن رەپقەت يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، مۇقىم خىزمىتى يوق ئىدى. ئۇلار 2012 – يىلى 8 – ئايدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 11 ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئوغرىلاپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ يانفونىغا يوقالغان نومۇر تاختىسىنى ئۆزلىرى بىلىدىغانلىقى، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بانكا كارتىسىغا 200 يۈەن پۇل ئۇرۇپ بەرسە نومۇر تاختىسىنى تېپىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىغان. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 2000 يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ئۇلارنىڭ كارتىسىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن.

# Q8 E/ L; H, k- J! p# Q6 p 7 @. w. E) e+ j% z( x; F

    دېلو تەھلىلى: بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىككى خىل قاراش شەكىللەنگەن، بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر: ئىسلام بىلەن رەپقەت قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ پۇل – مېلىنى قاقتى – سوقتى قىلغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن قاقتى – سوقتى قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىغان؛ ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر: ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىنى دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرى ياساپ تارقىتىدۇ، ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئوغرىلاش قىلمىشى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىش، شۇڭا، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئوغرىلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىغان.

0 @* c, K% A7 A9 F3 h- L! E; h, \# h3 t0 v4 X

    مېنىڭچە، ئىككىنچى خىل قاراش توغرا. ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈپ تارقىتىدىغان، شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مەخسۇس بەلگە، شۇنداقلا ئاپتوموبىلنى باشقۇرۇشتىكى مەخسۇس ئىسپات بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىشتە ‹‹بىر ئاپتوموبىلغا بىر نومۇر تاختا بولۇش›› تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسى پىراۋىغا ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ياساپ تارقىتىدىغان ئورگان ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ‹‹موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوغرىلاش، بۇلاش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››نىڭ 7 – ماددىسىدا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش، نوپۇسىنى يۆتكەش، تەكشۈرۈشكە ئائىت ئىسپات – ھۆججەتلەرنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەن، سېتىۋەتكەن، ئېلىپ – ساتقانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىڭ 280 – ماددا 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر قانۇننىڭ 280 – ماددا 1 – تارمىقىدا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغانلار، ئۆزگەرتىۋالغانلار، ئېلىپ ساتقانلار ياكى ئوغرىلىغانلارغا، يوق قىلىۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

; W! k2 V& v: P/ ^1 e6 B# x0 x% ?& B2 R& W2 Y; b; Q

    مەزكۇر دېلودىكى ئىسلام بىلەن رەپقەتنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ئوغرىلىغاندىن كېيىن ئىگىسىدىن پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش قىلمىشى قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى خىل جىنايى قىلمىش، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ئوغرىلاش ۋاسىتە، پۇل – مالنى قاقتى – سوقتى قىلىش مەقسەت بولۇپ، بۇ ئىككى قىلمىشنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇسۇلى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ بىرىككەن جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر دېلودىكى ئىسلام بىلەن رەپقەت قىسقىغىنا بىر ئاي ئىچىدە 11 ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئوغرىلاپ، 2000 يۈەندىن ئارتۇق نەپكە ئېرىشكەن. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قاقتى – سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن دۆلەت ئورگىنىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئوغرىلاش جىنايىتىگە بېرىلىدىغان جازانى سېلىشتۇرغاندا، كېيىنكىسىگە بېرىلىدىغان جازا ئېغىرراق، شۇڭا ‹‹ئېغىرىنى تاللاپ جازالاش پىرىنسىپى›› بويىچە ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى دۆلەت ئورگىنىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ئوغرىلاش جىنايىتى دەپ بېكىتىش كېرەك.

. M- F2 m' a2 ?3 B; I) G ) C& g8 c+ _7 x1 D+ W/ a$ y5 W8 e

    تۇرسۇن ھېكىم

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
xjadwokat955

قانۇن مۇقەدەس تۇر قانۇنىڭ ئالدىدا پۇخرامۇ ھۆكمەت خادىملىرمۇ باب باراۋەر

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.