قەرز سۈيلەشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەر قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 6006 قېتىم كۆرۈلدى

 قەرز ئالغانىكەن، قەرزنى قايتۇرماي بولمايدۇ. لېكىن بىر قىسىم قەرز ئىگىلىرى قەرزنى ۋاقتىدا ئالالمىغاندىن كېيىن قەرزدارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىشتەك ئۇسۇللار بىلەن قەرز سۈيلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەكتە. قەرز سۈيلەشمۇ يولىدا بولۇشى كېرەك. قەرز سۈيلەشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەندە، ئەكسىچە، قىلمىشى ئۈچۈن قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ. يەنە بىر قىسىم قەرز ئىگىلىرىنىڭ قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزسە، ھەق تەلەپ ئىشلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ

9 n! `/ J! @3 X# f m8 E9 y- ~ Y' T1 R% `& `9 s3 L

      دۆلىتىمىز ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئادەمنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ

6 ]* q; o) M$ a1 J, @ ! [0 f h9 O# M, g# Q

      ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇنخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا جاۋابكار جاۋ مىينىڭ قەرز ئىگىسى ما چياڭنى تاپالماي، ئۇنىڭ ئاچىسى ما چىڭغا پاراكەندىچىلىك سېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىپ، جاۋ مىينى ما چىڭدىن يازما كەچۈرۈم سوراشقا ھەم مۇناسىپ تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇغان

+ t$ w e- S G. [# a. U7 S ' v5 S; E, H0 \0 Q

      ما چياڭ جاۋ مىيدىن قەرز ئالغاندىن كېيىن، يوقاپ كەتكەن. جاۋ مىي قەرز ئىگىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ما چىڭنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ئىنىسىنى تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ماچىڭ ئۆزىنىڭ ئىنىسىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن جاۋ مېي بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي، ئۇنىڭ ئىدارىسىگىچە بېرىپ ئۇنى ھاقارەتلىگەن، يېرىم يىلغىچە ھەر ھەپتىدە ئۇنىڭ ئىدارىسىگە بېرىپ پاراكەندىچىلىك قىلغان. شۇ سەۋەبلىك ئىدارىسى ما چىڭنى ئىش ئورنىدىن قالدۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ما چىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى توختاتماي، ما چىڭنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ھاقارەتلىگەن. ئاخىرى ما چىڭ جاۋ مىينىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشىغا چىداپ تۇرالماي، سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

9 B: ^' W, P3 M# f+ N) L - M2 ]! U: T2 B/ C, g6 r7 D

      تەييارلىغۇچى: مېھرىگۈل ناسىر

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.