زەخىم دەرىجىسىنى باھالاش سۈرۈكى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 5042 قېتىم كۆرۈلدى

 زەخىم دەرىجىسىنى باھالاش سۈرۈكى زىيانلانغۇچىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىش ۋە مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاشتىكى ۋاقىت نۇقتىسىنى، يەنى قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە باھالاش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كىلىنىكىلىق تېببىي ئىلمىنىڭ كەسىپچانلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ تونۇشىنىڭ پەرقلىق بولۇشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن باھالاش سۈرۈكىدە ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم كەمچىل. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە قانۇن - قائىدىلىرىدىن زەخىم دەرىجىسىنى باھالاش سۈرۈكىگە دائىر تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمىلەر بار:

# j5 f# r/ D8 o+ d5 G5 ]3 Y; b y- t0 E% R! u0 p4 L) P$ } c+ ~" m

    بىرىنچى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 2005 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى »ج خ تارماقلىرىنىڭ زەخىم دېلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى«نىڭ 19 - ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئېلان قىلغان جىسمانىي زەخىم باھالاش ئۆلچىمى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى زەخىم ئەھۋالى ۋە دوختۇرخانىنىڭ دىياگنوز ئىسپاتىغا ئاساسەن، زەخىم ئەھۋالىنى دەرھال باھالاش شەرتىنى ھازىرلىغانلارغا ج خ تارماقلىرىنىڭ باھالاش ئاپپاراتلىرى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ 24 سائەت ئىچىدە باھالاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەم ئۈچ كۈن ئىچىدە باھالاش ھۆججىتىنى چىقىرىشى كېرەك. زەخىم ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ دەرھال باھالاش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلارغا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە باھالاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باھالاش ھۆججىتىنى چىقىرىشى كېرەك. توقۇلما ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى زەخىم ئەھۋالى مۇرەككەپ، ۋاقتىنچە باھالاش ئېلىپ بېرىش قىيىن بولغانلىرىغا زەخىم ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كېيىن دەرھال باھالاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باھالاش ھۆججىتى چىقىرىش كېرەك.

$ P8 A7 s) ~ @/ c/ }& p : ^; G0 l+ n* \" i' {7 n0 E3 Y

    ئىككىنچى، ئەدلىيە مىنىسترلىقىنىڭ 2004 - يىل 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى »جىسمانىي زەخىم دەرىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمى«دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: بىرلەمچى زەخىمنى ئاساسلىق بېكىتىش ئاساسى قىلغانلىرىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۈچ ئاي ئىچىدە باھالاش ئېلىپ بېرىش، چىراي زەخمىسى ياكى ئەزالار)مېڭە، ئاڭلاش ئەزاسى، كۆرۈش ئەزاسى قاتارلىقلار(زەخمىسى، مۈچە ئىقتىدارى زەخمىسىنى ئاساسلىق باھالاپ بېكىتىش ئاساسى قىلغانلىرىدا كۆزىتىشكە، زەخىم ئاقىۋىتى ياكى ئاخىرقى نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى ئادەتتە زەخىملەنگەندىن كېيىنكى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش كېرەك. چىگىش، مۇرەككەپ، ۋاقتىنچە زەخىم دەرىجىسىنى بېكىتكىلى بولمايدىغانلىرىنى داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياكى ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە باھالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

# l& D& ^/ m6 { s6 ^8 \ 5 I3 t9 [4 p- {- ]5 N/ ^- F

    ئۈچىنچى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئەدلىيەلىك باھالاش ئىلىم - پەن تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى تۈزۈپ چىققان »جىسمانىي زەخىم دەرىجىسىنى ئەدلىيەلىك باھالاش كۆرسەتمىسى«دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: چىراي ۋە توقۇلما ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان زەخىمنى باھالاش سۈرۈكى بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ چىگىش، مۇرەككەپ، ۋاقتىنچە مۇقىملاشتۇرغىلى بولمايدىغان زەخىمنى باھالاش سۈرۈكى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

' t" }8 Z/ j4 f. Z: S- l8 A " K: P2 v- l5 K/ E; u

    تۆتىنچى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 2002 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى «يول قاتناش ھادىسىلىرىدە زەخىملەنگۈچىلەرنىڭ مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمى»دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: باھالاپ بېكىتىش پەيتى ھادىسە بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخىم ياكى ھەقىقەتەن زەخىم تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.

0 Y4 ?2 k1 e7 m D7 y % J+ h9 t/ p. J( ~* W

    بەشىنچى، 2005 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ »جىسمانىي زەخىم مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش ئۆلچىمى )سىناق نۇسخا(«دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: باھالاش زەخىم ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياكى ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

, K0 P" _- d# ? a9 O+ { 0 g, y. V4 X% W) q$ M% y y' S

    رۇقىيە ئەسقەر

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.