- يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
- |
- يوللانغان ۋاقتى :
- |
- 5250 قېتىم كۆرۈلدى

دەۋانى رەت قىلىش دېگىنىمىز، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرنىڭ لاياقەتلىك دەۋا سۇبيېكتى بولمىغانلىقى ياكى دەۋاگەر ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا تەلىپى سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىش دائىرىسىدە بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن قاراپ چىقماسلىق توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ.
- m s0 n) t9 ^+ w: T. {) nدەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش دېگىنىمىز، خەلق سوت مەھكىمسى دەۋاگەر ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا تەلىپىنىڭ پاكىت ئاساسى ياكى قانۇنىي ئاساسى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن دەۋا تەلىپىنى قوللىماسلىق توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
+ p; W& w4 L4 k, D, c, n2 N& hدەۋانى رەت قىلىش بىلەن دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تۆۋەندىكىچە:
# `5 b( W0 r) k7 M$ { - w7 \+ |0 b2 S; C) E1. ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئوخشىمايدۇ.
. L3 _% n$ a6 D0 Z3 N1 |1 mدەۋانى رەت قىلىشتا ھەل قىلىدىغىنى تەرتىپ مەسىلىسى بولۇپ ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلماسلىقى دەۋاگەرنىڭ تەلىپىنى قوللاشقا بولمايدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى دەۋاگەر ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان تەلىپىنى باشقا يوللار ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ.
$ F6 F& I: _' u3 y6 Qدەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشتا ھەل قىلىدىغىنى سۇبىستانتىۋ مەسىلە بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشى دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنىڭ ئاساسى يوقلىقى ھەمدە دەۋاگەر ئوتتۇرىغا قويغان ھوقۇقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
+ L! H }7 \3 F & r$ m. h/ S# L# V8 m2.مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ .
Q# T1 ~9 u. @# v$ i A# aخەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرنىڭ دەۋاسىنى رەت قىلىشتا كېسىم ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.
# K$ m# c" n5 d2 l( [ 2 ] I0 h: L- a; P5 z, Zخەلق سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشتا ھۆكۈم ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.
' N4 t4 \0 |) X3.يۈز بېرىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەت ئوخشىمايدۇ.
: f9 a( A2 I8 c9 r" [$ ~7 Lدەۋاگەر خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دەۋاسى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىسا بولىدۇ.
قومۇل شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن سابىرە ئابلىز تەييارلىغان