ئاجراشقانلارنىڭ مۇقىم كىرىمى بولمىغان ئەھۋالدا بېقىش، تەربىيىلەش ھەققىنى سوت مەھكىمىسى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 36785 قېتىم كۆرۈلدى

مەن مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدىم،  ئايالىمنىڭ ئاچىسى تۇرمۇشىمىزغا بەك ئارلىشىۋالاتتى، يېقىندا ئايالىمنىڭ تۇغۇتى يېقىنلىشىپ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى، قىزنىڭ ئاكا-ئاچىلىرى كىرىپ ئۆي جاھازلىرىدىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن چىدىماي ئاجرىشىش قارارىغا كەلدىم. بۇنىڭغا قارىتا بالا بىلەن مال- مۈلۈكلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ بالىنى ئايالىمغا بۇيرۇپ بېقىش خىراجىتىنى تەلەپ قىلسا، مېنىڭ كىرىم مەنبەيىم يوق ئەھۋالدا بېقىش خىراجىتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

# H4 g5 T2 R4 z& Y7 Y" m$ z1 N: Q: T$ l5 `9 q: A, }

قېيىنئاچىڭىزنىڭ تۇرمۇشۇڭلارغا ئارىلىشىۋېلىشى تويلىشىش قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ. تويلىشىش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئەر-خوتۇننىڭ بىر بىرىدىن ھەقىقىقەتەن كۆڭلى سوۋۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىگەندە، سوت مەھكىمىسى تويلىشىشتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. ئايال ھامىلىدار مەزگىلدە، تۇغقاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئالتە ئاي ئىچىدە ئەر تويلىشىشتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئايال تويلىشىشتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ تويلىشىشتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

^4 Y; ?3 K' T: v$ R/ _! A$ D9 W X' [, k- w1 W" L6 ^

سىز بالا تۇغۇلۇپ بىر يىلغىچە ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ. تويلىشىشتىن ئاجراشقاندىن كېيىن بالىنى ئاتىسى باقسىمۇ، ئانىسى باقسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئەمچەكتىكى بالىنى ئانىسى بېقىش پىرىنسىپ قىلىنىدۇ.

8 F; A' H, ?- B. C- L7 ^ $ h" w3 h6 h. R

قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدە كىم دەۋا قىلسا شۇ زىيان تارتىدىغان بەلگىلىمە يوق. تويلىشىشتىن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى تويلىشىشتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا پەرزەنتلەرنى بېقىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بىرقانچە كونكرېت پىكرىدە، پەرزەنتلەرنى بېقىش خىراجىتىنىڭ مىقدارى پەرزەنتلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى ۋە شۇ جاينىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. مۇقىم كىرىمى بولغانلار بېقىش خىراجىتىنى ئومۇمەن ئايلىق كىرىمنىڭ %30-%20گىچە بولغان نىسبەت بويىچە بەرسە بولىدۇ. مۇقىم كىرىمى بولمىغانلار بېرىدىغان بېقىش خىراجىتىنىڭ سوممىسى شۇ يىللىق ئومۇمىي كىرىمى ياكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىگە ئاساسەن، يۇقىرىقى نىسبەتتىن پايدىلىنىپ بېكىتىلسە بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىرى يۇقىرىقى نىسبەتنى ئۆستۈرسە ياكى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ. دېمەك، مۇقىم كىرىمىڭىز بولمىغان ئەھۋالدا، بېقىش، تەربىيىلەش ھەققىنىڭ مىقدارىنى سوت مەھكىمىسى ئەمەلىي ئىقتىدارىڭىزغا قاراپ بېكىتىدۇ.

9 g4 R+ u) y7 o, v! ^( E- u 9 E# w! H# z1 P7 P: L/ n

 

مەنبە : شىنجاڭ ئادۋوكات تورى
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.