مېۋىلىك دەرەخكە تاقاشقان ئاق تېرەكنى كېسىش كېرەكمۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 7649 قېتىم كۆرۈلدى

ھۆددىگە ئالغان يېرىمىزدە بىرقانچە تۈپ مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ مېۋىسىدىن خېلى كىرىم قىلاتتۇق. بىرقانچە يىلدىن بۇيان قوشنىمىزنىڭ ئاق تېرىكى بارغانسېرى ئۆسۈپ، بىزنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىمىزگە سايە چۈشۈرگەچكە، مېۋىسى يىلدىن يىلغا كېمىيىپ كەتتى. بۇ توغرىدا قوشنىمىز بىلەن پاراڭلاشقان بولساممۇ، زادىلا ئۈنۈمى بولمىدى. مەن قوشنامدىن تېرەكلىرىنى كېسىۋېتىشنى ياكى زىيىنىمنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟

7 I3 N# v4 b! y1 o! Q ; I! L# R6 I* |9 g+ h

بۇ مەسىلىگە قارىتا ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە، كۆچمەس مۈلۈككە تۇتاش قوشنىلار سۇ تۇتۇش، توختام سۇنى چىقىرىۋېتىش، قاتناش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، يورۇق چۈشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا پايدا يەتكۈزۈش، تۇرمۇشقا قۇلايلىق يارىتىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئادىل، مۇۋاپىق ئىش قىلىش روھى بويىچە توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قوشنىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلغانلار ياكى زىيان يەتكۈزگەنلەر چېقىلىشنى توختىتىشى، توسالغۇنى تۈگىتىشى، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، دەپ؛ نەرسە ھوقۇقى قانۇنىدا، كۆچمەس مۈلۈكتىكى قوشنىدارچىلىق ھوقۇقى بار كىشى مۇناسىۋەتنى ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق بولۇش، تۇرمۇشقا قولايلىق بولۇش، ئىناق ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئورمان قانۇنىدا، ئورمان، دەل-دەرەخ، ئورمان يېرىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى ئورمان ئىھاتە ئورمىنى، ماتېرىيال ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان، يېقىلغۇ ئورمىنى ۋە ئالاھىدە ئورمانلارنى ئۆز ئىچىدە ئالىدۇ، ھەرقانداق ئورمان قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، شۇڭا سىز ئامال قىلىپ قوشنىڭىز بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىمايدىغان ئاساستا كېلىشىشنى قولغا كەلتۈرسىڭىز ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ئۈنۈمى بولمىسا، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ، سوت مەھكىمىسىدىن زىياننى تۆلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

مەنبە : شىنجاڭ ئادۋوكات تورى
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.