ئەمگەك تالاش – تارتىشى كېسىمى ئىلتىماس قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 7880 قېتىم كۆرۈلدى

   ئەمگەك تالاش – تارتىشى كېسىمى ئەمگەك توختامى ئادا قىلىنىدىغان جاي ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەمگەك تالاش – تارتىشى كېسىم ھەيئىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە ئەمگەك تالاش – تارتىشى كېسىم ھەيئىتىگە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەمگەك تالاش – تارتىشى ئوچۇق كېسىم قىلىنىدۇ، ئالاقىدارلاردىن ئوچۇق كېسىم قىلماسلىقنى كېلىشكەنلىرى ياكى دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتكە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقانلىرى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەمگەك تالاش – تارتىشى كېسىم ئىلتىماسى يازغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

* o: b" d2 b: k) L* ~; y1 z3 n9 F# _; R% I/ ?/ U

   1. ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، جىنسى، يېشى، كەسپى، خىزمەت ئورنى ۋە تۇرۇشلۇق جايى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ۋەزىپىسى؛

; W6 a/ H4 ]) |- c( V/ b4 } 3 z/ s! ]6 z8 H% j: ?/ {

   2. كېسىم تەلىپى ۋە ئاساسلانغان پاكىتى، ئاساسى؛

: A! n5 P& M2 ~9 _; c% F* ?. P( b' i ( x8 s5 d+ |1 x4 g; l$ g! h

   3.دەلىل – ئىسپات ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى، گۇۋاھچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى.

+ \% Q3 { U5 u! D1 g1 l* y* W0 v ! m1 q/ o F* J, T4 x

  كېسىم ئىلتىماسىنى يازالمايدىغانلار ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، ئۇنى ئەمگەك تالاش – تارتىشى كېسىم ھەيئىتى خاتىرىلەپ قويىدۇ ھەم ئالاقىدار قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

مەنبە : شىنجاڭ ئادۋوكات تورى
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
xjadwokat639

ھە ، مەن يە ىكەن ناھىيىسىدىن كورلىدا 1 زاۋۇتتا ئىشلىگەن.زاۋۇتتا ئىشلەپ.زاۋۇتتا ئىشلەپ 15 كۈن بولغاندا.سول قولۇم ئىككىنچى بارماقتىن بەشىنچى بارماق زەخىملەنگەن.زاۋۇتتا يېزىقچە توختام يوق ھالداكى توختام بار ئىدى ، زاۋۇتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى يوقكەنتۇق.مەن قايسى يوللار ئارقىلىق ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغدىسام بولىدۇ؟

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.