ھەق تەلەپ دەۋاسىدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى قانداق بولىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 10520 قېتىم كۆرۈلدى

توختى روزى مەتنۇرى

- J, I9 D1 T6 [( X ' u: C( c8 a5 E) U+ Y# p! L

   ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەلىل – ئىسپات دېگىنىمىز، ھەق تەلەپ دېلولىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان پاكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 63 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا دەلىل – ئىسپات مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ① دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بايانى؛ ② يازما ئىسپات؛ ③ ماددىي ئىسپات؛ ④ ئۈن – سىن ماتېرىياللىرى؛⑤ ئېلېكتىرونلۇق مەلۇمات؛ ⑥ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ ⑦ باھالاش پىكرى؛ ⑧ ئېنىقلاش خاتىرىسى، تەكشۈرۈشتە راستلىقى ئىسپاتلانغان دەلىل – ئىسپاتلارنى پاكىت بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

/ }, K9 V" T0 u ; N( i7 T, n3 Q9 C

   ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەلىل – ئىسپاتقا دائىر بەلگىلىمىسى››نىڭ 4 – ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىشتىن كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ دەۋالىرىدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى تۆۋەندىكى تەلەپ بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ:

) G7 ^* e! \# e8 d$ N3 [& F3 w! e% Q- O: f

   ⑴ يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، كەشپىيات، پاتېنت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا ئوخشاش خىلدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ پاتېنت ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغانلىقى؛

3 O; a# ^- b! U: e( j$ b* N! B : Z1 e4 X" [' Y, {) _# r( B: |

   (2) مۇھىتنى بۇلغاش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەش دەۋاسىدا زىيان سالغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىيان سېلىش نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەسلىكى؛

4 c8 t! M! l! w4 @* P3 V7 t2 ~ % x3 e- ]6 b9 S$ ?$ n. V

   (3) ئىمارەت ياكى باشقا مۇئەسسەسەلەر ھەمدە ئىمارەت ئۈستىگە قويۇلغان نەرسە، ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەر ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاجراپ كېتىپ، چۈشۈپ كېتىپ باشقىلارغا زىيان سالغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش دەۋالىرىدا ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى يوقلۇقى؛

! V' x0 W* x+ b 2 V8 V" C( s0 _

   ⑷ باققان ھايۋانلار باشقىلارغا زىيان سېلىشتىن پەيدا بولغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا ھايۋاننى باققۇچى ياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقى ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقى؛

s2 {. w: P( D4 }6 F1 r 8 c$ j, J& j8 |% G# [, e8 L! F5 A

   (5)مەھسۇلاتنىڭ نۇقسانى تۈپەيلىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبى؛

# z% r I/ m4 W$ o : c; u G2 Y' I) ?2 ^0 N

   ⑹ ئورتاق خەۋپلىك قىلمىش باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا خەۋپلىك قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۆزىنىڭ قىلمىشى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى؛

( m" L3 L5 k( d, V ( y) B. |1 z; K* M( N

   ⑺ داۋالاش ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا داۋالاش ئاپپاراتى داۋالاش ھەرىكىتى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

2 s" x' l& |- ^6 c0 ]: D/ R$ R2 S8 {4 K) W5 m

  ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەلىل – ئىسپاتقا دائىر بەلگىلىمىسى››نىڭ 5 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، توختام ماجىرالىرىدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش تۆۋەندىكى تەلەپ بويىچە بولىدۇ: توختام ماجىرالىرى چىقىپ، توختامنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ئالاقىدار تەرەپتىكى كىشىلەر توختام تۈزۈش ۋە كۈچكە ئىگە بولۇش پاكىتى توغرىسىدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، توختام مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇش، كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان تەرەپتىكى ئالاقىدار كىشىلەر توختام مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلغان پاكىت ئۈستىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، توختامنى ئىجرا قىلىش، قىلماسلىق توغرىسىدا تالاش – تارتىش كېلىپ چىقسا، ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى يۈزىسىدىن كېلىپ چىققان تالاش – تارتىشتا، ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان ئالاقىدار كىشى دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

+ r9 W( d3 ?" J2 Z 8 ^; g' u% M$ V/ n1 f2 Q1 \+ \

   ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەلىل – ئىسپاتقا دائىر بەلگىلىمىسى››نىڭ 6 – ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەمگەك تالاش – تارتىش ماجىرالىرىدا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش تۆۋەندىكى تەلەپ بويىچە بولىدۇ: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشتىن ھەيدەش، رويىخەتتىن ئۆچۈرۈش، چېكىندۈرۈش ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئەمگەك ھەققىنى ئازايتىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى ھېسابلاش قاتارلىق بەلگىلىمىلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەمگەك تالاش – تارتىشلىرىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.