ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە تويدىن كېيىن ئېلىپ بەرگەن مۇقىم مۈلۈك قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 10409 قېتىم كۆرۈلدى

 تويلىشىش قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىنىڭ 7 – ماددىسىدا ‹‹ تويدىن كېيىن بىر تەرەپنىڭ ئاتا – ئانىسى مەبلەغ چىقىرىپ تۇراقلىق مۈلۈك سېتىۋالغان ۋە بۇ تۇراقلىق مۈلۈك مەبلەغ چىقارغۇچى تەرەپ بالىلىرىنىڭ نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولسا، تويلىشىش قانۇنىنىڭ 18 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەبلەغ چىقارغۇچى تەرەپنىڭ بالىلىرىغا بولغان ھەدىيەسى دەپ قارىلىپ، بۇ تۇراقلىق مۈلۈك بىر تەرەپنىڭ خاس مال – مۈلكى بولىدۇ››. ‹‹تويدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا – ئانىسى مەبلەغ چىقىرىپ تۇراقلىق مۈلۈك سېتىۋالغان، بۇ تۇراقلىق مۈلۈك بىر تەرەپ بالىلىرىنىڭ نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولسا، بۇ تۇراقلىق مۈلۈككە ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۈلۈشى بويىچە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئايرىم كېلىشىم بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا›› دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمە ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدىكى ئوخشاش بولمىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن بولۇپ، ئادىللىقنى قوغداشقا پايدىلىق.

) @$ N3 b# w H; w3 u. c$ L : c. l2 g: c; e+ G( ?) H$ X

   نۆۋەتتە، ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆي ئېلىپ بېرىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدا مال – مۈلۈك زىددىيىتى كۆرۈلۈپ، ئاتا – ئانىلار ئېلىپ بەرگەن ئۆينى ئورتاق مال – مۈلۈك قاتارىدا بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ئۆي سېتىۋېلىش ئارزۇسى ۋە خاھىشىغا خىلاپ كېلىدۇ. شۇنداقلا، مەبلەغ چىقىرىپ بالىلىرى ئۈچۈن ئۆي سېتىۋالغان ئاتا – ئانىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىك بولۇپ، ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنىڭ 7 – ماددىسى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، مال – مۈلۈك زىددىيىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا زور ياردىمى بار. بۇ يەردىكى ئاتا – ئانىلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بولسا، بارلىق مەبلەغنى چىقىرىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئاتا – ئانا دەسلەپكى بىر قىسىم پۇلنى چىقارغان، قالغان قىسمىنى ئەر – خوتۇن ئورتاق چىقارغان بولسا،كىمنىڭ نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مال – مۈلكى دەپ قارىلىدۇ.

( |& U8 A$ r1 }- k 5 |- f W" p8 Z& T$ L( i7 R8 E

 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.