دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى قانداق ئەھۋاللاردا قايتۇرۇلىدۇ؟
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 11147 قېتىم كۆرۈلدى

 دەۋالاشقۇچىلار ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. ‹‹دەۋا ھەققى تاپشۇرۇش چارىسى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك: (1) دەۋالاشقۇچىلار سوت تەكشۈرۈشى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن دەۋا تەلىپىنى كېمەيتكەن بولسا، دېلو قوبۇل قىلغاندا ئالدىن تاپشۇرغان دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىدىن دەۋالاشقۇچى كېمەيتكەن تەلىپىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ھېسابلاپ قايتۇرۇشى كېرەك؛ (2) خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ دېلونىڭ جىنايى ئىشلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە، دەۋالاشقۇچى تاپشۇرغان دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك؛ (3) ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قايتا قاراپ چىقىشقا قايتۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى تاپشۇرغان ئىككىنچى سوتنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك؛ (4) بىرىنچى سوتتىكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلماسلىق ياكى ئەرزنى رەت قىلىش كېسىمى چىقارغان بولسا، دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك، دەۋالاشقۇچى بىرىنچى سوتنىڭ قوبۇل قىلماسلىق، ئەرزنى رەت قىلىش كېسىمىگە قارىتا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولۇپ، ئىككىنچى سوتتىكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى كېسىمنى ساقلاپ قالغان بولسا، بىرىنچى سوتتىكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك؛ (4) ئاددىي تەرتىپ ۋە ئادەتتىكى تەرتىپ قوللىنىپ مۇرەسسە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئاخىرلاشتۇرغان، دەۋالاشقۇچى ئىلتىماس قىلىپ ئەرزنى بىكار قىلىپ كېسىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان، ئاددىي تەرتىپ قوللىنىپ ھۆكۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان دېلولار بولسا، دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنىڭ يېرىمىنى قايتۇرۇشى كېرەك.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.