باشقىلارنى يەنە ھاراق ئىچىشكە زورلاشقا پېتىنالامسىز؟
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 13394 قېتىم كۆرۈلدى

    ئەرلەر ھەرخىل سورۇنلاردا ھاراق ئىچكەندە ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بەزى كىشىلەر باشقىلارنى ھاراق ئىچىشكە زورلاشقا بەك ئۇستا، ئەگەر ھاراق ئىچىپ ئىش چىقسا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئەھۋالدا ھاراققا زورلىغۇچى قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

8 w! E* R. y; H$ I * T* P) N% z( c# k9 C( ?$ A8 L7 m; L

    1. ھاراق ئىچسە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ زورلاش.

. @' o0 D ~4 z2 r1 X1 S7 W5 o! n( S+ _. Y+ B8 R

    ھاراق ئىچىپ يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللەر قوزغىلىپ مېيىپ بولۇپ قېلىش، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، قارشى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىش ياكى بىلمەسلىك بىللە ھاراق ئىچكۈچىلەرنىڭ سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

; B: @; E5 |' g& c+ Y 0 Z' E0 x* U: h

    ئەگەر بىللە ھاراق ئىچكۈچىلەر قارشى تەرەپنى ھاراق ئىچىشكە زورلاپ ئاز مىقداردا ئىچكەن ئەھۋالدا كېسەل قوزغىلىپ قالسا بىللە ھاراق ئىچكۈچىلەرنىڭ سەۋەنلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمما «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى جاۋابكارلىق ئادىل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، بىر قىسىم تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر بىلمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا ناھايىتى كۆپ ھاراقنى زورلاپ ئىچكۈزگەن ئەھۋالدا كېسەل قوزغالسا «ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىق قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

- M) V0 e# L4 O7 H8 Q6 I" n ) \! t/ c8 `4 | O4 q0 u

    2، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ھاراققا زورلاش

/ g: F' }- s3 v1 `- n9 ` + X# b/ z# F4 c' S3 R7 E

    ئەگەر ھاراق ئىچىش جەريانىدا روشەن ھالدىكى ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك زورلاش قىلمىشى بولسا، قارشى تەرەپنى قورقۇتقان، تەھدىت سالغان سۆز ئارقىلىق ھاياجانلىنىشقا سەۋەبچى بولۇپ ئىچمىگىچە بولدى قىلمىغان ئەھۋاللاردا، سۇبيېكتىپ جەھەتتىن سەۋەنلىك بار بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا زىيانلىنىش ئاقىۋىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھاراققا زورلىغۇچى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنداق ئەھۋالدا ھاراق ئىچكۈچىدىنمۇ بەلگىلىك سەۋەنلىك بار بولغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل زورلاش زوراۋانلىق خاراكتېرىنى ئالغان زورلاش ھېسابلانمايدۇ.

. p/ \4 K b4 Z( Q * ^1 d5 [! C6 W/ W

    «ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ھاراققا زورلىغۇچىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ھاراققا زورلاشتىكى نىشاننى ئايرىش كېرەك. قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 18ياشتىن يۇقىرى بولغان پۇقرالار قۇرامىغا يەتكەن، تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ھېسابلىنىدۇ. 10ياشتىن يۇقىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر چەكلىك ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە ھېسابلىنىدۇ. «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» دىمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق، تاماكا سېتىش چەكلەنگەن.

5 w9 P: z- j5 Y0 k1 z1 Y) _& H+ B2 x8 q& {# ?

    3، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق جىددىي ھەرىكەتلەرنى توسمىغان ئەھۋال.

8 p* m L6 B. `3 v. e- s - m/ o+ B8 V8 g; T" n/ D) L9 A

    «ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە، قارشى تەرەپنىڭ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توسمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىش چىقىپ قالسا، بىللە ھاراق ئىچكەنلەر مەلۇم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى، ئەگەر ھاراق ئىچكەن تەرەپ توسسىمۇ ئۇنىمىغان ئەھۋالدا بىللە ھاراق ئىچكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. شۇنىڭدەك بىر تەرەپنىڭ ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكىنى بىلىدىغان ئەھۋال ئاستىدا بىللە ھاراق ئىچكۈچىلەر ماشىنا ھەيدىشىنى توسۇشى كېرەك. ئەگەر توسۇپ قېلىش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ توسماي كۈتۈلمىگەن ھادىسە كېلىپ چىقسا ئوخشاشلا مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

/ S2 L R7 U! U; r % k( Z& x' F2 j. Z9 v7 Z8 F

    4، بىللە ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغۇچىنى بىخەتەر ئۆيىگە ئاپىرىپ قويمىغان ئەھۋال.

+ m$ u! {7 J; l! w, a 4 Q$ `% ~: K8 P/ S: f

    بىللە ھاراق ئىچكۈچىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماي، مەست بولغۇچى يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلانسا بىللە ھاراق ئىچكۈچىلەر جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ-يوق؟

, N: y; b9 x8 R8 ^( K$ ^: k+ s1 O, `- m$ X9 ^1 r5 [8 j

    بۇنداق ئەھۋالدا مەست بولۇپ قالغۇچىنىڭ ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ياكى بەلگىلىك ۋاقىتتىن كىيىن يوقتىدىغان، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلالمايدىغان ئەھۋال بولسا بىللە ھاراق ئىچكۈچىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ھامىيلىق قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئەگەر مەست بولۇپ قالغۇچىنى دوختۇرخانىغا ياكى ئۆيىگە بىخەتەر ئاپىرىپ قويمىغان بولسا ياكى مۇۋاپىق ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بار يەرگە ئاپىرىپ قويمىغان بولسا، «ھوقۇققا چېقىلىش قانۇنى» بويىچە بىللە ھاراق ئىچكۈچى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

. s; l9 C1 z6 p" m0 ^: O % T% q- v/ s" j* o5 |9 H3 E

    ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىر يەرگە يىغىلىپ تاماق يېيىش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، ئەگەر باشقىلارنى ھاراق ئىچىشكە زورلاپ باشقىلارنىڭ زەخىملىنىشىنى ياكى ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا ئۇ خۇشاللىقنىڭ ئورنىنى قايغۇ-ھەسرەت ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىشلاردا كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.

& w" H2 @/ a% c: A9 `$ z3 E T ' U- G9 |# i" Q. H# {! F2 b

پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئەكبەرجان مەمەت تەييارلىغان

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.