ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قانۇنىي ۋارىسلىق
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 13433 قېتىم كۆرۈلدى

  ۋارىسلىق قىلغۇچى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتا مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ۋەسىيىتى بولسا ۋەسىيەت بويىچە، ۋەسىيىتى بولمىسا قانۇنىي ۋارىسلىق بويىچە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ‹‹ۋارىسلىق قانۇنى››نىڭ 16 – ماددىسىدا: ‹‹پۇقرالار شەخسىي مال – مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەسىيەت قىلسا ۋە ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلغۇچىنى بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ. پۇقرالار شەخسىي مال – مۈلكىنى قانۇنىي ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن بىر ياكى بىرقانچە كىشىگە مىراس قالدۇرۇش توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلسا بولىدۇ. پۇقرالار شەخسىي مال – مۈلكىنى دۆلەتكە، كوللېكتىپقا ياكى قانۇنىي ۋارىسلىق قىلغۇچىلاردىن باشقا كىشىلەرگە ھەدىيە قىلىش توغرىلىق ۋەسىيەت قىلسا بولىدۇ›› دېيىلگەن.

4 R; u: u; q& H) H5 x$ o, B / X. u$ e1 w) O% F

   مەزكۇر قانۇننىڭ 10 – ماددىسىدا: ‹‹مىراسقا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. بىرىنچى: ئەر – ئايال، ئوغۇل – قىز، ئاتا – ئانا؛ ئىككىنچى: ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىل، بوۋا – مومىلار. ۋارىسلىق قىلىش باشلانغاندىن كېيىن، بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئىككىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋارىسلىق قىلمايدۇ، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىدىغان بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بولمىسا، ئىككىنچى رەتتىكى ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ۋارىسلىق قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.