يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 10814 قېتىم كۆرۈلدى

يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى دۆلىتىمىزنىڭ «مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى» ۋە «يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن بىر تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقى بولۇپ، دۆلەت كوللېكتىپ يېرى ئىگىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى، يەر ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇنىڭغا دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

$ W; X# `; b# R3 g0 @ 1 D& j, Q! B; Z/ F; [

    يەر ھۆددە توختامى ۋۇجۇتقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە توختامى كۈچكە ئىگە بولغاندىن باشلاپ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھۆددە ئالغۇچىغا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى بېرىدۇ ھەمدە رويخەتكە ئېلىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى بېرىشتە، بەلگىلىمە بويىچە گۇۋاھنامىگە تەننەرخ ھەققى ئالغاندىن سىرت، باشقا ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

8 k" \- w5 Y1 k4 {" r! V: o" ^ 3 h/ h7 T$ H6 Q1 f6 H- A+ Z9 J* t

    ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە بېرىلگەن يەرنى قايتۇرۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھۆددە مۇددىتىدە ھۆددە ئالغۇچى ئائىلىسى بويىچە كىچىك شەھەر (بازار) غا كۆچۈپ كەتكەن بولسا، ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، ئۇنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ساقلاپ قېلىنىدۇ ياكى قانۇن بويىچە يۆتكىشىگە يول قويۇلىدۇ. ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە ئالغۇچى ئائىلىسى بويىچە رايون بار شەھەرگە كۆچۈپ كېتىپ، نوپۇسنى شەھەرگە يۆتكىگەن بولسا، ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەر ياكى ئوتلاقنى ھۆددە بەرگۈچىگە قايتۇرىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى قايتۇرمىسا، ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە بەرگەن تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلاقنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.

- j$ s1 z- W: Z1 f; J* |! K) t. P

    ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە يەرنى ھۆددە ئالغۇچى قايتۇرغان ياكى ھۆددە بەرگۈچى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋالغاندا، ھۆددە يەرگە سېلىنما سېلىپ، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرگەن ھۆددە ئالغۇچى مۇناسىپ تولۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

6 W b. ?* C1 d t& | $ r9 h: X% D% H1 x

    ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ھۆددە يەرنى تەڭشىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ھۆددە مۇددىتىدە، تەبىئىي ئاپەت ھۆددە يەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ھۆددە بېرىلگەن تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلاقنى ئايرىم دېھقان ئائىلىلىرى ئارا مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتقا ئەزا كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا ئەزالارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى ياكى كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. ھۆددە توختامىدا تەڭشەشكە بولمايدىغانلىقى پۈتۈشۈلگەنلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ. ھۆددە مۇددىتىدە، ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرنى ھۆددە بەرگۈچىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتۇرسا بولىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە يەرنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قايتۇرۇشتا، ھۆددە بەرگۈچىگە يېرىم يىل ئىلگىرى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ھۆددە ئالغۇچىلاردىن ھۆددە يەرنى ھۆددە مۇددىتىدە قايتۇرغانلىرىنىڭ شۇ مۇددەتتە يەر ھۆددە ئېلىشىنى قايتا تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھۆددە مۇددىتىدە، توي قىلغان ئاياللاردىن يېڭى ئولتۇرۇشلۇق ئورنىدا ھۆددە يەر ئالالمىغانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆددە يېرىنى ھۆددە بەرگۈچىنىڭ قايتۇرۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ئاجراشقان ياكى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللاردىن ئەسلىي ئولتۇرۇشلۇق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ياكى ئەسلىي ئولتۇرۇشلۇق ئورنىدا تۇرمىغان بولسىمۇ، يېڭى ئولتۇرۇشلۇق ئورنىدا ھۆددە يەر ئالالمىغانلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆددە يېرىنى ھۆددە بەرگۈچىنىڭ قايتۇرۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

, W/ {9 A. s& u, \& z: q; a ( d+ x5 F! _" M# B

    ھۆددە مۇددىتىدە، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش نامىدا، ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاشقا يول قويۇلمايدۇ. «ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى» ۋە «مەسئۇلىيەت ئېتىزى» نى ئايرىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ھۆددە يېرىنى قايتۇرۇۋېلىپ خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىشكە، ھۆددە يېرىنى قەرز پۇلغا ھېسابلاپ قايتۇرۇۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

( b. B) G) t5 Y3 W8 e9 [$ W/ T 6 \ p$ A6 Y) ? m8 o

    ھۆددە ئالغۇچىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا زىيان سالغان ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ھۆددە بەرگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بېرىنى سادىر قىلغانلىرى زىيان سېلىشنى توختىتىش، ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇش، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش، توسالغۇنى، خەتەرنى تۈگىتىش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

6 v" C# s! e% u$ L9 W8 t# ^7 _- q* m) @

    (1) ھۆددە ئالغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش؛

* A3 J' n/ ?' S3 H( _. R: L ! o9 L* j( ^! M7 G: s

    (2) ھۆددە يەرنى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قايتۇرۇۋېلىش، تەڭشەش؛

, @ f9 y" h6 Z6 i# B. y& X * b6 ^9 O% ` j8 Z

    (3) ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلاش ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش؛

' ]3 {$ U, H. H; B 4 Y3 b) |- x) B; r7 J( Y. b0 B

    (4) ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش نامىدا، ھۆددە ئالغۇچىنى يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلاش؛

& U9 t2 d. ?; u& m6 L4 I % I1 S0 _! i) r9 W, g8 q% C

    (5) ھۆددە يەرنى «ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى» ۋە «مەسئۇلىيەت ئېتىزى» غا ئايرىش باھانىسى بىلەن قايتۇرۇۋېلىپ، خېرىدار چاقىرىپ ھۆددە بېرىش؛

! y) p- f" @9 S! w2 g( d & Z) O8 h% m5 ?5 a2 n$ n

    (6) ھۆددە يەرنى قەرز پۇلغا ھېسابلاپ قايتۇرۇۋېلىش؛

3 m$ c, R4 N3 n& d, v( p * p2 I/ z0 `; b

    (7) ئاياللارنى قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈش؛

% c" q8 w7 I/ w! [4 t5 e6 v5 `( {: Y0 x% G7 ]" ~: J7 y

    (8) يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.