جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقىدىكى سەۋەنلىك بىلەن ھەق تەلەپ قانۇنشۇناسلقىدىكى سەۋەنلىكنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 13768 قېتىم كۆرۈلدى

جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقىدىكى سەۋەنلىك بىلەن ھەق تەلەپ قانۇنشۇناسلقىدىكى سەۋەنلىكنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى

V3 V3 G! V. s) D& R% U $ M. ^* m+ b! C" B6 U0 V

شىنجاڭ جۈنخېشىن ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن ئادۋوكات ئەنۋەرجان ھىدايەت

; N7 L* _9 C9 w) S- r4 G. z) X' H: D! i! d

 

$ V' n' n( Y7 _! W7 G - r( ]. O' p9 o+ g

   جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 15 - ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن : «ئۆز قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئالدىن بايقىماي ياكى ئالدىن بايقىغان بولسىمۇ، ئونىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ ئىشنىپ كىتىپ ، شۇنداق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغانلار سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ ». ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا ، سەۋەنلىك پىسخىكىسىنىڭ باشقۇرۇلىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت دەپ قارىلىدۇ. جىنايەتنىڭ سەۋەنلىكىدە ئۆز قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بايقاشقا تىگىشلىك بولسىمۇ بىپەرۋالىق قىلىپ ئالدىن بايقىماي ياكى ئالدىن بايقىغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ ئىشنىپ كېتىپ، شۇنداق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشتەك پىسخىكىلىق پوزىتسىيىسىدۇر. سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت ۋە جىنايەتنىڭ سەۋەنلىكى ھەم مۇناسىۋەتلىك ھەم پەرقىلىق بولغان ئىككى ئوقۇم.

5 ~5 t* p. D( Y8 L& y9 T D: O , J2 d1 m Q8 b, \ S7 M( E

   جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسلانغاندا، سەۋەنلىك جىنايەتنىڭ باشقا بىر گۇناھ  شەكلى. قەستەنلىك بىلەن سەۋەنلىك گۇناھ ئۇقۇمىدا بىرلىككە كېلىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقى مۇنداق: قەستەنلىك بىلەن سەۋەنلىكنىڭ ھەممىسى تۇنۇش ئامىلى بىلەن ئىرادە ئامىلىنىڭ بىرلىكى بولۇپ، قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ سۇبىيكىتىپ رەزىللىكىنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتنى قوغداشقا تۇتقان قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە ھەر قايسىسىنىڭ تونۇش ئامىلى بىلەن ئىرادە ئامىلىنىڭ كونكىرېت مەزمۇنى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئەكىس ئەتتۈرگەن سوبىيكىتىپ رەزىللىك دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. «سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت » نى دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسلانغاندا يىغىنچاقلاپ قىسقىغىنە قىلىپ ئېيىتساق، سەۋەنلىك:  بىپەرۋالىق قىلىش سەۋەنلىكى ۋە ئۆزىگە ئىشنىپ كېتىش سەۋەنلىكى دەپ ئايرىلىدۇ .

/ U5 E0 z" R$ j; D% |% ]9 t- r ; x/ q4 Z1 U; S$ ~1 F! ?8 C8 y0 r

   1) بىپەرۋالىق سەۋەنلىكى: ئۆز قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بايقاشقا تىگىشلىك بولسىمۇ، بىپەرۋالىق قىلىپ ئالدىن بايقىماي، شۇنداق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدىغان پىسخىكىلىق پوزىتسىيەنى كۆرسىتىدۇ . زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىغا قارىتا غۇۋا پەرەزدە بولۇپ، ئەستايىدىللىق پوزىتسىيسىدە بولماي شۇنداق ئاقىۋەت يۈز بېرىدۇ.

" }" z" o4 ?$ M " z7 P* g. R" s& Y. V

   2) ئۆزىگە ئىشنىپ كېتىش سەۋەنلىكى

+ W! h& _( b' M # g$ i5 |2 m% ~

     ئۆز قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئالدىن بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ ئىشنىپ كېتىپ شۇنداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىسخىكىلىق پوزىتسىيەنى كۆرسىتىدۇ. زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا قارىتا ئالدىن كۆرەرلىك پىسخىكا ھالىتىدە بولسىمۇ، ئۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقمايدۇ، دەپ ئۆزىگە ئشنىپ كېتىپ شۇنداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

$ ?2 _0 y2 W8 v 5 z5 q) S* K: F' o- M: e! J% }+ T u

 سەۋەنلىك جىنايىتىدە قىلمىش سادىر قىلغۇچى بىردىن ئارتۇق ئادەم بولمايدۇ، يەنى جىنايى جازانى ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋاپكار بىر بولىدۇ ھەم قىلمىش سادىر قىلغۇچى زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ يۈز بىرىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ.

/ a- v1 e0 \- ?! @: K 7 p5 B' ]7 X7 |- ?8 P1 k

      ئەمدى ھەق تەلەپ قانۇنشۇناسلىقدىكى سەۋەنلىككە كەلسەك: سەۋەنلىك دېگەندە، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ شۇ خىل ھەرىكەتنى بەلگىلەپ بېرىدىغان بىر خىل ئىدىيەۋىي ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ .

1 O s, o; o7 V6 { * y+ N# j1 _- W4 |1 }3 P& X

 بۇ خىل ئىدىيەۋىي ھالەت ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. بۇ ھوقوققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم شەرتتۇر. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ھەرىكەت قىلغۇچى پەقەت سۇبىيكتىپ جەھەتتە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا سەۋەنلىك ئارقىلىق زىيان يەتكۈزگەن ھەرىكەت بولغاندىلا، ئاندىن ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. سەۋەنلىك - قەستەنلىك ۋە سەۋەنلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرىكەت قىلغۇچى ئۆز ھەرىكىتىنى بىلگەن ئەھۋالدا پەيدا بولىدىغان مەلۇم ئەھۋالدىكى زىيانلىق ئاقىۋەت ھەمدە مەلۇم ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان قەستەنلىك دېيىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغۇچى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن بولغان زىيانىلىق ئاقىۋەتنى كۆرىۋىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئالدىن كۆرۈۋالالمىغان ياكى ئالدىن كۆرۈۋالغان بولسىمۇ شۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ ئىشىنىپ كېتىپ زىيانىلىق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار سەۋەنلىك بىلەن زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار بولىدۇ.

5 ?4 s, [& t9 I% ]3 T. Z * c; P3 d# }5 h% Z, W, E

1) ئورتاق سەۋەنلىك

4 @, W! R- D- X8 ~% M0 M+ S2 P3 }3 y/ v+ R

ئورتاق سەۋەنلىك ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئورتاق ھالدا باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.

% i7 Z! Z1 R7 R7 g4 A& a/ K 3 ^0 [! M9 U0 s& Y7 L- Y/ r

ئالاھىدىلىكى : بىرىنچى، ئىككىدىن ئارتۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارغۇچىنىڭ سۇبىيكتىپ جەھەتتىكى ئورتاق سەۋەنلىكى ياكى ئورتاق قەستەنلىكى بولىدۇ .

! \6 k1 {; @" @( r 1 A3 P3 Y3 j8 Q

   ئىككىنچى، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتى زىيانلىق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئورتاق سەۋەپتۇر. ئىككىدىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ زىيانلىق ئاقىۋىتى بىر قانچە كىشى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن بولغاچقا، ئۇلار زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى چاتما جاۋاپكارلىق بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنى ئۇلار ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر كىشى پۈتكۈل جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. زىيانغا ئۇچرىغۇچى ھەرقانداق كىشىنىڭ زىياننى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، ھەتتا ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاشۇ جاۋاپكارلىقنى ھەربىر كىشىنىڭ سەۋەنلىكنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە ئاساسەن ئايرىم – ئايرىم ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىك دەرىجىسى ئىچكى قىسمىدىكى ئۈستىگە ئالىدىغان ئايرىش تەرەپلىرىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئورتاق ھالدىكى ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلغۇچىلار سىرتقا نىسپىتەن چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن ئىچكى جەھەتتىكى سەۋەنلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن ئايرىم ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋاپكارلىقنىڭ خاراكتىرى ئوخشاش بولمايدۇ ، ئۇنى ئارلاشتۇرۇۋىتىشكە تېخمۇ بولمايدۇ.

& O! H- j4 x( h, g- i, w8 g& f, ~ ' t1 `4 m- @$ k) A* g2 ~

2) ئارلىشىپ كەتكەن سەۋەنلىك

! v3 y) }$ U* N, i! G, B7 |% q; Z9 w8 S7 }1 G' T+ ~

زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشى ئەگەر ھەرىكەت قىلغۇچى ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا بولغان بولسا، ئارلىشىپ كەتكەن سەۋەنلىك دېيىلىدۇ. زىيانلىق ئاقىۋەت زىيانكەشلىك قىلغۇچى بىلەن زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ھەرىكەت ئورتاقلىدىن شەكىللەنگەن بولسا، بۇنداق زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدا سەۋەنلىكنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى دەرىجىسىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلغۇچى بىلەن زىيانغا ئۇچرىغۇچى ھەر قايسىسى  ئۆزلىرىگە تېگىشلىك جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق پەيدا بولغان زىيان بولسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆزى زىياننى ئۆستىگە ئالىدۇ، زىيانغا ئۇچراتقۇچى زىياننى ئۈستىگە ئالمايدۇ. شۇڭا ئارلىشىپ كەتكەن سەۋەنلىك بولغان ئەھۋالدا، ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىك دەرىجىسىنى ئايرىش ، ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە .

0 @& a# c% D8 t* n9 S - B [/ G- O' g( l' q4 d3 {0 s& M

ئەمدى يوقارقى سەۋەنلىكلەرنىڭ ئوخشاشلىقىغا كەلسەك: جىنايى ئىشلاردىكى سەۋەنلىك بولسۇن ياكى ھەق تەلەپتىكى سەۋەنلىك بولسۇن ئىككىلا سەۋەنلىكتە زىياننىڭ كېلىپ چىقىشىغا قارىتا، بىپەرۋالىق پسخىكا پوزىتسىيەسىدە ياكى ئۆزىگە ئىشنىپ كېتىش پىسخىكا پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ. زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا قارىتا، ئىنچىكە كۈزىتىش ئەستايىدىل، ئەتراپلىق ئويلىنىشتا بولمايدۇ ياكى ئۆزىنىڭ دەمال ئويلىغان ئىنكاس، ئويلىرىغا ئىشنىپ كېتىدۇ، زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ، بۇ بولسا ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

6 Z8 D6 p9 {: p+ m) s7 b u5 k# v0 U. ]' E) H

ئىككى سەۋەنلىكنىڭ پەرقى بولسا : جىنايى ئىشلاردا ئورتاق سەۋەنلىك ۋە ئارلىشىپ كەتكەن سەۋەنلىك دېگەن ئۇقۇم يوق، سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەت گۇماندارى پەقەت بىرلا بولىدۇ ، بىردىن ئېشىپ كەتسە سەۋەنلىك جىنايىتى بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن بېكىتىلىدىغان جىنايەتنىڭ خاراكتىرىدە جەزمەن ئۆزگىرىش بولىدۇ،  ھەق تەلەپ قانۇنشۇناسلىقىدا ئورتاق سەۋەنلىك ۋە ئارلىشىپ كەتكەن سەۋەنلىك دەپ سەۋەنلىك بار، « ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» نىڭ 130 – ماددىسىدا: «ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ، ھوقوققا دەخلى - تەرۈز قىلىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇلار چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك » دەپ بەلگىلەنگەن . 131 - ماددىسىدا « زىياننىڭ تۇغۇلىشىدا زىيانغا ئۇچىرىغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ سەۋەنلىكى بولسا، زىيان سالغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن .

5 w1 M% }+ O0 l( c, e5 | ' W# E7 G6 c8 _" X: L

يەنە بىر پەرقى بولسا : سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، قانۇنىنىڭ ماددىسىغا چۈشىدىغان بىر قەدەر ئېغىر زىيان كېلىپ چىقسا ئاندىن جىنايى جازاغا تارتىلىپ يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ ، يەنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى سەۋەنلىكتە جىنايى جازا بىرىلىشىمۇ ۋە ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنىشى مۇمكىن .

+ s; e" ?8 Y! t6 A+ _ / y$ e+ f" \) G% q' ^

ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى سەۋەنلىكتە بولسا: جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، سەۋەنلىك بىلەن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۆلەم تۆلەش، مال – مۈلۈك زىينىنى تۆلەش ياكى ئەسلى ھالىتىگە ئەكىلىپ بېرىش، ئەپۇ سوراش قاتارلىق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇڭا جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا ھەق تەلەپ دېلولىرى چېتىلىپ كەلگەندە مۇشۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز، ئىككى سەۋەنلىكنى چېتىپ بىر- بىرىگە ئارلاشتۇرۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.

) x% X7 H! J$ p0 u3 p. W 6 e: L2 x/ I; \3 |

 

/ o) `1 v; i b+ ?: q2 V ' S# b, v$ n) Y6 I( C8 c

 

مەنبە : شىنجاڭ ئادۋوكات تورى
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.