سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش توغرىسىدا
关于开庭审理知道多少
  • يوللىغۇچى : ئەركىن دۇنيا
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 6192 قېتىم كۆرۈلدى

سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش توغرىسىدا

3 B: Q l4 P% F: d3 O0 V 5 z' y5 U8 A& w( v* I

 

# ]8 ^! Y3 ^& L+ m. g2 s# Y9 M" o

بىرىنچى، دەۋاگەر چاقىرىق ئارقىلىق چاقىرىتىلغاندىن كېيىن، سەۋەپسىز سوتقا قاتناشمىسا ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىسىز ئوتتۇرىدا سوتتىن چېكىنسە، دەۋادىن كەچتى، دەپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ جاۋاپكار قارشى ئەرىز قىلسا سوت سىرتىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. جاۋاپكار چاقىرىق ئارقىلىق چاقىرىتىلغاندىن كېيىن سەۋەپسىز سوتقا قاتناشمىسا ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىسىز ئوتتۇرىدا سوتتىن چېكىنسە، سوت سىرتىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. چۇقۇم سوتقا قاتنىشىشقا تېگىشلىك جاۋاپكار  سەۋەپسىز سوتقا قاتناشمىسا مەجبۇرىي چاقىرىتىلىدۇ.

a2 [" [8 m! G' W) X * O8 H. H5 L8 T* z7 @

ئىككىنچى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا قاتناشقاندا چۇقۇم سوت ئىنتىزامىغا  ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى ھۆرمەت قىلىشى، سوتنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقان قىلماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ئاگاھلاندۇرۇش، سوتتىن چىقىرىۋىتىش، جەرىمانە قويۇش ياكى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

4 I! E2 C, I- m; j, j8 a% z+ d7 S- m& {- t2 q

ئۈچىنچى، ئەرىز سۇنغاندا دەۋا سۈرۈكى ئۈتۈپ كەتسە ھەمدە سۈرۈكنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، توختاپ قالغانلىقى ياكى ئۇزارتىلغانلىقنى ئىسپاتلىيالمىسا، قارشى تەرەپ ئېتىراپ قىلغاندىن باشقا ئەھۋاللاردا دەۋادا ئۇتۇش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم بۇلىدۇ.

/ u4 c1 `, H3 a ! h$ l2 y: Y" I( n: O/ _% t! P# E

تۆتىنچى، دەۋادىكى تەرەپلەر ھۆكۈم كېسىملەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنى ، ئىمزا قۇيۇشنى رەت قىلسا، ھۆكۈم كېسىمنىڭ قانۇنىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلىكى نارازىلىق ئەرىز بېرىش ، ئىلتىماس ئەرىز بېرىش قاتارلىق ھۇقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

- ]" b% ~( O4 z: ?% { 0 {( N: Y3 K, C$ @

بەشىنچى، دەۋادىكى تەرەپلەر  بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈم كېسىملىرىگە قايىل بولمىسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولىدۇ. نارازىلىق ئەرىز بېرىش قەرەلىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە نارازىلىق ئەرىز بىرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ، بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈم كېسىملىرى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كۈچكە ئىگە بولغان سوتنىڭ ھۆكۈم كېسىملىرىگە قايىل بولمىسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ. قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش  قەرەلىدىن ئۈتۈپ كەتكەندە قايتا سوت قىلىش ئىلتىماس قىلىش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بۇلىدۇ.

مەنبە : قانۇن ئۈدىدار سالونى
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.