قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئەسلى سوتقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 14812 قېتىم كۆرۈلدى

 

( `1 I2 k) }/ c/ p6 W & k7 X0 i+ L3 z& C* k

زىيانلانغۇچى بۇلتۇر يانۋارنىڭ مەلۇم بىر كۈنى سادىق قاتارلىقلار بىلەن سورۇندا بىللە ئولتۇرغان.زىيانلانغۇچى دوستلىرى دوستلىرى تۇتقان بىر رۇمكا ھاراقنى قولىغا ئېلىشىغا سادىق ئۇنىڭغا قولىغا تەپكەن.رۇمكا سۇنۇپ ئەينەك پارچىسى زىيانلانغۇچىنىڭ ئوڭ كۆزىگە كىرىپ كەتكەن.سادىق زىيانلانغۇچىنى داۋالاتقان بولسىمۇ،ئۇنىڭ زەخىملەنگەن بىر كۆزى تامامەن ساقايمىغان.قانۇن دوختۇرى ئۇنى 8-دەرىجىلىك مېيىپ بولغان، دەپ باھالىغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي سادىق زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ،سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىگە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇپ جازالاپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭغا تەۋە بىر ئاپتوموبىل بىلەن 120مىڭ يۈەننى مۇسادىرە قىلغان. قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى ئۈچۈن جاۋابكارنى 68مىڭ يۈەن تۆلەشكە بۇيرۇپ ھۆكۈم چىقارغان.يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانداق قوغدايدۇ؟

+ I$ b/ F' x! i+ z3 Y8 z& `, r" B$ L: h6 V0 V' k

مەسلىھەت: جىنايى ئىشلار قانۇنىدا، جىنايەتچىنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئورۇنلۇق قەرزنى مۇسادىرە قىلىدىغان مال-مۈلۈك بىلەن قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ھەقدارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن قايتۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرىنىڭ زىيىنى قانۇنلۇق بولغاچقا، جاۋابكارنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغان مال-مۈلۈكلىرىدىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى قايتۇرىلىدۇ.سوت ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن جاۋابكار زىيانلانغۇچىغا تۆلەشكە تېگىشلىك قوشۇمچە ھەق تەلەپ زىيىنى جاۋابكارنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغان مال-مۈلكىدىن تۆلىتىلىپ، قالغان قىسمى مۇسادىرە قىلىنسا، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولىدۇ.شۇڭا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ھۆكۈم قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئەسلى سوت مەھكىمىسىگە بۇ ھەقتە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.

! ~) ~7 o+ M6 W! q# L& W" k . p" p) L$ i1 s& U+ Y6 ?

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى

( R0 g. f% d; G V 2 P+ D0 i0 E: T

ئۈرۈمچى شەھىرى باۋخېڭ سارىيى 908 - ئىشخانا

مەنبە : xjadwokat.com
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.