ياخشى نىيەتلىك كىشى تېگىشلىك ھەققىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 15625 قېتىم كۆرۈلدى

قوشنىمىزنىڭ بەش ياشقا كىرگەن قىزى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار قىزىنى تېپىپ بەرگۈچىلەرگە سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە تاراتقۇلاردا ئېلان بەرگەنىدى.كېيىن بىرەيلەن ئىچكى ئۆلكىگە تىجارەت ئىشى بىلەن بارماقچى بولغىنىدا، قوشنىمىز ئۇنىڭغا قىزىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ بېقىشنى ھاۋالە قىلىپ، قىزىنى تاپالىسا، ئۇنىڭ بالىنى تېپىشىغا كەتكەن چىقىملىرىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن.ھېلىقى كىشى ئىچكى ئۆلكىگە بارغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى تونۇش بىلىشلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق يىتىپ كەتكەن بالىنى تېپىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.قوشنىمىز بالىسىنى تېپىپ بەرگەن ئۇ كىشىگە رەھمەت ئېيتىپ،ئۇنىڭغا بالىنى ئىزدەش جەريانىدا تارتقان چىقىملىرىنى بەرمەكتە يوق باشقىلارغا: بالا تېپىلغان بىلەن بىزنى تونۇمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدىنىنى يارا بېسىپ كېتىپتۇ، داۋالىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن چىقىم كەتكۈدەك، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان . بالىنى تېپىپ بەرگەن ھېلىقى كىشىمۇ پەقەت بالىنى تېپىش جەريانىدىكى تارتقان چىقىمى بىلەن كىرا ھەققىنىلا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، قوشنىمىز ئۇنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ھەققىنى بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ھېلىقى كىشى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بالىنى تېپىش جەريانىدا كەتكەن خىراجەتلەرنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟ مەسلىھەت: ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدا،ھەق تەلەپ قانۇنىي ھەرىكىتى يازما ياكى ئاغزاكى يول بىلەن ۋە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. توختام تۈزۈشكەنلەردىن بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكەن شەرتلەر بويىچە ئادا قىلمىسا، ئىككىنچى تەرەپ ئۇنىڭ ئادا قىلىشىنى ياكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھەم زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ؛ توختام قانۇنىدا، ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە يازما، ئاغزاكى ۋە باشقا شەكىللەرنى قوللىنىدۇ. ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە پۈتۈشۈش تەكلىپىنى بېرىش، ماقۇل بولۇش ئۇۇسلىنى قوللىنىدۇ.ماقۇللۇق كۈچكە ئىگە بولغاندا توختام تۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ. قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.دېمەك،تەكلىپ بېرىش توختام تۈزۈشتە جەزمەن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك باسقۇچ بولۇپ، تەكلىپ بەرگۈچى باشقىلار بىلەن توختام تۈزۈش ئارزۇسىدا تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،شۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپنىڭ مەزمۇنلىرى ماقۇل بولغۇچى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن،  توختام تۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ.توختام تۈزۈلگەندىن كېيىن، تەكلىپ بەرگۈچى ماقۇل بولغۇچى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، توختامغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىشى كېرەك.ئەھۋال ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئىنكاس قىلغىنىڭىزدەك بولسا، قوشنىڭىز بىلەن ئۇ ياخشى نىيەتلىك كىشى ئوتتۇرىسىدا بالىنى تېپىپ كېلىش تەكلىپىگە ماقۇل بولغان ۋەدىلىك توختام شەكىللەنگەن بولۇپ، قوشنىڭىز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىسا، ياخشى نىيەتلىك كىشىنىڭ بالىنى تېپىش جەريانىدا كەتكەن چىقىملارنى ئۇنىڭدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

7 l& g% w: ~2 r% w 3 `% R# g; \- j0 M# G, x

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى

" x* d% f2 D( L& i! U / i7 G l6 }3 \' G$ y" R( Y/ q* I% P' e

ئۈرۈمچى شەھىرى باۋخېڭ سارىيى 908 - ئشىخانا

مەنبە : xjadwokat.com
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
xjadwokat416

مۇشۇنداق ناچار كىشلەرمۇ باكەن دىسە

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.