بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىلغان ئاپتوموبىللار سۆرەپ كېتىلگەندە،  ج خ ئورۇنلىرى  ئالاقىدارنى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 10649 قېتىم كۆرۈلدى

 

' o9 d/ [% j3 \$ @8 d% Z% A) \" c0 A0 X7 E

پىكاپىمنى كۈيتۈندىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويۇپ كېسەل كۆرسىتىشكە كىرىپ كەتكەنىدىم، چىقسام پىكاپىم يوق تۇرىدۇ. ئەتراپتىكىلەردىن سوراپ پىكاپىمنى قاتناس ساقچىلىرى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم ھەمدە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق پىكاپنى ئېلىپ كەتكەن قاتناش ساقچى تارمىقىغا باردىم.ئۇلار پىكاپنى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا توختاتماي قاتناشقا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى، شۇڭا ئۇنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە جەرىمانە قويدى.ئۇلارنىڭ مەن بولمىغان ئەھۋالدا پىكاپىمنى ئېلىپ كېتىشى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

3 k/ x8 h2 B3 k$ `, X( h+ C : R5 @. B' g0 c, [5 Q

مەسلىھەت: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىدە، موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ قويۇش، ۋاقىتلىق توختىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، ھەيدىگۈچى نەق مەيداندا بولمىغان ياكى نەق مەيداندا بولسىمۇ دەرھال كېتىشنى رەت قىلىپ، باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى، پىيادىلەرنىڭ قاتنىشىغا توسالغۇلۇق قىلغان بولسا، ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىسى موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرەپ قاتناشقا توسالغۇ بولمايدىغان جايغا ياكى بەلگىلەنگەن جايغا يۆتكەپ كېتىشكە بولىدۇ. قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى سۆرىتىپ ئېلىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسىنى سۈرۈشتە قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئاشكارلىشى ھەمدە بەلگە تاختىسى ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.ئالاقىدارلار تېلېفون ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىدىغان جاي، مۆھلەت ۋە سۆرەپ ئېلىپ كەتكەن موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ قويغان ئورۇننى بىۋاسىتە سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ كېتىش لازىم:1)موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ قويۇش، ۋاقىتلىق  توختىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، ھەيدىگۈچى نەق مەيداندا بولمىغان، باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى، پىيادىلەرنىڭ قاتنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغاندا، موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئېلىپ كېتىلگەن بولسا، ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان پاكىتنى خاتىرىلىشى لازىم؛2)توختىتىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى كۆرسىتىلگەن جايغا ئېلىپ كېتىش كېرەك؛3)قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى جازانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش لازىم. ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئېلىپ كەتكەن موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىش ھەققى ئېلىش باھاسى شۇ جايدىكى توختىتىش ھەققى ئېلىش ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان توختىتىش مەيدانىدا توختىتىشقا بولمايدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.ئەگەر سىز يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، پىكاپىڭىزنى خالىغان جايغا توختىتىپ قاتناشقا توسالغۇ پەيدا قىلغان بولسىڭىز، قاتناش ساقچى تارمىقىدىكىلەرنىڭ پىكاپنى ئېلىپ كېتىشى بەلگىلىمىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن. بىراق پىكاپنى ئېلىپ ماڭغاندا سىزنى ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى بىلەن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.دېمەك،بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىلغان ئاپتوموبىللار سۆرەپ كېتىلگەندە،ئالاقىدارنى ج خ ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

, ]0 M) |/ K6 }1 A0 { # u0 i: Y. M/ O; Q; y

 

مەنبە : xjadwokat.com
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.