ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەت تۈزۈمى بويىچە قوبۇل قىلىنغانلار بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرماسلىق توغرىسىدا كېلىشسە بولىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 2154 قېتىم كۆرۈلدى

 

' r ]# {* |6 N# ~- M 1 O' @& G3 I0 I }( s5 q

مەن مەلۇم بىر ئورۇن بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەت تۈزۈمى بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانىدىم. توختامدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ماڭا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى  تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ماددىمۇ بار ئىكەن. سۈرۈشتۈرسەم ئۇلار: پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى  تاپشۇرۇپ بېرىلمەيدۇ، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ مەن بىلەن شۇنداق كېلىشىشى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنمۇ؟

7 y) T# Y* Z6 Y- q 3 x4 ?; U* z9 I& Q3 Y

مەسلىھەت: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ «پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەت تۈزۈمى بويىچە ئادەم ئىشلىتىشكە دائىر بىرقانچە مەسىلە ھەققىدىكى بەلگىلىمە»([2007]61-نومۇرلۇق) سىدە: پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلۇشى، پىرىنسىپ جەھەتتىن يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش چارىسىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ بولغان ۋە شەخسىي ئىسچوت ئېچىپ بولغان كىشىلەرگە قارىتا، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۇل تاپشۇرغان يىللىرى قوشۇپ ھېسابلىنىشى، سۇغۇرتىنى غەملىگۈچى رايوندىن ئاتلاپ يۆتكىمەكچى بولغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى بىلەن شەخسىي ئىسچوتىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. پېنسىيەگە چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەندە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىنىشى كېرەك. پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا شەخس سالاھىتىدە قاتناشسا ھەمدە تەمىنات سەۋىيەسى بىلەن ھەق تاپشۇرۇش سەۋىيەسىنى چېتىلدۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، مۇناسىپ بولغان   داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان ئەمگەكچىلەرگە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر ئىشتا يارىلانسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن قىلىنىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەر بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامى پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان ئەمگەك توختامى بولسا،ئەمگەكچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆز ئالدىغا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ،دەپ كۆرسىتىلگەن. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ 10-ماددىسىدا: ئىشچى بولۇپ ياللانمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلمىغان پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان كەسپكارلار شۇنداقلا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆزى تاپشۇرسا بولىدۇ،دەپ بەلگىلەنگەن.ئەھۋال ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئىنكاس قىلغىنىڭىزدەك،سىز مەزكۇر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەت تۈزۈمى ئورنىتىپ ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسىڭىز شۇنداقلا توختامدا‹پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى  تاپشۇرۇپ بېرىلمەيدۇ›دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، مۇشۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.دېمەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان خىزمەت تۈزۈمى بويىچە قوبۇل قىلىنغانلار بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرماسلىق توغرىسىدا كېلىشىشكە بولىدۇ

F/ @; f) `8 a ~" @9 D5 O 1 [1 L2 n: t# F% E

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى

, i- D+ Z. z4 r L6 W7 T; l9 d$ `, M$ P& |8 C6 k; [9 ? G2 j; Z

ئۈرۈمچى شەھىرى باۋخېڭ سارىيى 908 - ئىشخانا

مەنبە : xjadwokat.com
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.