سوت ئايدىڭلاشتۇرغان مۇناسىۋەت
法庭上澄清的法律关系
  • يوللىغۇچى : مىھرى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 1386 قېتىم كۆرۈلدى

سوت ئايدىڭلاشتۇرغان مۇناسىۋەت

. P7 c% |) j0 p B7 M9 ^- k + f% d3 x4 y# q& s( a4 V0 k

قادىر ئۆز مەھەللىسىدىكى يەككە تىجارەتچى چاڭ يۈنىڭ كۆچەتلىكىدە قۇمۇرۇلغان كۆچەتلەرنى ماشىنىغا بىسىپ بىرىدىغان، چاڭ يۈ ئۇنىڭ ھەر كۈنلۇك ئىش ھەققىگە يۈز يۇەندىن ھىساپلاپ، ھەپتىدە بىر بىرىدىغان بولۇپ كىلىشپ ئىشقا چۈشۈپ، ئىشقا چۇشكەن كۇننىڭ بەشىنچى كۇنى كەچتە، چاڭ يۈنىڭ كۆچەتلىكىدىكى كۆچەت قومۇرۇشقا مەسئۇل ساۋ ۋىي قومۇرغان كۆچەت تەڭپۇڭلىقىنى يوقۇتۇپ، قادىرنىڭ بىشىغا تىگىپ، ئۇنى يىقىتىۋەتكەن. باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئورنىدىن قوپقان قادىر باش ھەم بويۇن قىسمىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ، ساۋ ۋىينىڭ دوختۇرغا ئاپىرىش تەلۋىنى رەت قىلىپ، «بىر ئۇخلاپ قوپسام ياخشى بولۇپ قالىمەن» دەپ  ئۆيىگە قايىتقان.

' i) F4 ]' G/ d$ S+ n % ?' o3 @6 r/ r( p

كىچىدىن ئاغرىق ئازابىغا چىدىمىغان قادىر ئەتىسى ئەتىگەندىلا چاڭ يۈگە تىلغون قىلغاندىن كىيىن، چاڭ يۈ ئۇنىڭ بەش كۇنلۇك ئىش ھەققى 500 يۇەنگە 500 يۇەن ئوزۇقلۇنۇش ھەققى قوشۇپ، 1000 يۇەننى ساۋ ۋىي ئارقىلىق قادىرغا ئەۋەتكەن. دوختۇرلار قادىرنىڭ مىڭە يۈمشاق توقۇلمىلىرى زەخمىلەنگەن، بويۇن تۆتىنچى ئومۇرتقا سۆڭىكى بىسىلىش خاراكتىرلىك سۈنغان دەپ دىئاگۇنۇز قويغان. قادىر ھادىسسە سەۋەپلىك 7كۈن بالنىستا يىتىپ، 2390يۇەن چىقىم قىلغان. ساۋ ۋىي قادىرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىگە قارتا 500 يۇەن تۆلەپ بەرگەن. شىنجاڭ چىڭ يۇەن ئەدىيىلىك باھالاش ئورنى قادىرنى ھادىسسە سەۋەپلىك 10-دەرىجىلىك مىيپ بولغان، 120كۈن ئىشتىن قالغان، 60كۈن پەرۋىش قىلىشقا ئىھتىياجىلىق، 60كۈن ئوزۇقلىنىدۇ دەپ باھالىغان. قادىر چاڭ يۈ بىلەن ساۋ ۋىيدىن چىقىملىرىنى تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، چاڭ يۈ « ھوقۇققا چىقىلغان كىشى ساۋ ۋىي» دەپ، ساۋ ۋىي« مەن بىلەن قادىر ھەر ئىككىمىز ئىشلەمچى، قادىر ئەمگەك جەريانىدا زەخمىلەنگەن، شۇڭا ئۇنىڭ چىقىملىرىنى ئىش ئىگىسى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك» دەپ  مەسئۇلىيەتنى بىر بىرىگە ئىتتىرشىپ، پۇل بىرىشنى رەت قىلغانلىقتىن، قادىر تۇرلۇك چىقىملىرى 60700 يۇەننى يۇقارقى ئىككەيلەندىن تۆلىتىپ ئىلىپ بىرىش توغرىسدا يىڭشەھەر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان.

( e; {+ z+ }2 f0 _7 w( X/ p & a& R2 @+ r5 a8 |

سوت مەھكىمىسى تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يىتەكلەپ، ئۇچ كېشى ئوتتۇرسىدىكى قانۇنى مۇناسىۋەتنى چۇشەندۇرگەندىن كىيىن، چاڭ يۈ بىلەن ساۋ ۋىي قادىرنىڭ تۇرلۇك چىقىملىرىغا قارتا  39000 يۇەننى ئۈستىگە ئىلىپ، ئىلگىرى بىرىپ بولغان 1000 يۇەننى چىقىرۋىتىپ، قالدى 38000 يۇەننى بىرىدىغان، قادىر قالغان دەۋا تەلۋىدىن كىچىدىغان بولۇپ كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

8 ^2 h5 L4 p1 h% F# H- U 3 F5 Y' c: w& R9 A% _" D3 a2 j

(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

9 J- e0 J6 A# V6 k; L9 P# {$ z9 x' J & T/ p& o% S- I i( N( N0 q5 I) P

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن سىدىقجان ياسىن

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 2

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
ئابدىۋايىت مەمەت

ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلنىپتۇ

aliya

نىمشقا 60700يوەننىڭ ھەممىسىنى تۆلمەيدۇ ؟

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.