ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن زىببۇ زىننەت
偿还的金首饰
  • يوللىغۇچى : مىھرى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 759 قېتىم كۆرۈلدى

ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن زىببۇ زىننەت

$ F" w' v6 `, o6 r/ G * l$ f' z+ t3 @0 @

يىڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يىقىندا، ئايگۇل بىلەن قاسىمنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشىغا رۇخسەت قىلىپ، قاسىمنى ئۆزى سىتىۋەتكەن ئايگۇلنىڭ ئالتۇن زىببۇ زىننىتىگە قارتا 3500 يۇەن تۆلەپ بىرىش توغرىسىدا كېلىشتۇردى. 

5 p* z! K9 T0 Y+ o" M% H ) g8 y5 U+ `5 E( |7 K% K! A

  ئىگەللىشىمىزچە: قاسىم ئەسلى يىڭىشەھەر ناھىيەسى مەلۇم يىزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىھقان بولۇپ، يەرلىرى يول قۇرۇلۇشىغا كىتىپ قېلىپ، داۋاملىق دىھقانچىلىق قىلىش ئىمكانىيتى بولمىغانلىقتىن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە كورلا شەھرىگە تىجارەت قىلىش ئۇچۇن كەتكەن. قاسىم ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆز يۇرتلۇقىمىزدىن قىز ئېلىپ بىرىمىز دىگەن پىكىرى بويىچە تۇققانلارنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن، ئۇ ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىك ئايگۇل بىلەن تونۇشۇپ، تېلغون ئالاقىسى قېلىشىپ 2015-يىلى يىڭى يىل كۈنى توي قىلغان. توينىڭ تۆتىنچى كۈنى، قاسىم ئايگۇل ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ يەنە كورلا شەھرىگە كەتكەن. 2015-يىلى 2-ئاينىڭ مەلۈم بىر كۈنى، قاسىم ئايگۇلگە « توي قىلىش ئۇچۇن قەرىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى، جىددى قەرىز قايتۇرشى كىرەكلىكىنى» ئىيتىپ، ئايگۇلنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇنىڭ بىر تال ئالتۇن ئۈزۈك، بىر جۇپ ئالتۇن ھالقا ۋە بىر دانە ئالتۇن زەنجىرىنى  ئېلىپ چىقىپ 3500 يۇەنگە سىتىۋەتكەن. تويدىن كىين قاسىمنىڭ تىجارىتى ياخشى بولماي، بۇنى ئايگۇلدىن كۆرۇپ، ھە دىسىلا ئايگۇلنى ئۇرىدىغان يامان ئادەتنى يىتىلدۇرۋىلىپ، 1-مارىت كۈنى ئايگۇلنى قاتتىق ئۇرغان.  ئەتىسى سەھەردە ئايگۇل يۇرتقا قايتقان. قاسىم ئايگۇلنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كىتىش ئۇچۇن بىر  قانچە قىتىم يۇرتقا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئايگۇل قايتىپ كەتكىلى ئۇنىمىغان. 2016-يىلى 6-سىنتەبىر كۈنى قاسىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەر كورلا شەھرىدىن كۆچۇپ كەلگەندىن كىيىن، ئايگۇل سوتقا قاسىم بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىش، قاسىم سىتىۋەتكەن 5300 يۇەن قىممىتىدىكى ئالتۇن زىببۇ زىننەتلىرىنى تۆلەپ بىرىش توغرىسدا دەۋا قىلغان. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

0 s9 Y* v- S0 A( n- R2 R2 F6 x) j. {- T0 i3 V

 

5 e. m% A2 O1 x- r, z3 Y- n 1 r; _) e4 `* e8 K1 B- `) ?

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شىرئىلى تۇرغۇن

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.