ئىشلەمچى زاۋۇتتا يارلاندى، زاۋۇت تۆلەم تۆلىدى
工人在长受伤, 厂子赔偿
  • يوللىغۇچى : مىھرى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 1824 قېتىم كۆرۈلدى

ئىشلەمچى زاۋۇتتا يارلاندى، زاۋۇت تۆلەم تۆلىدى     

; h$ A9 A* V3 N# A$ } & n6 U( R- j( B2 O9 e4 V5 ~- o6 Z

 

g. \2 v6 s3 D9 @0 S2 g0 ^6 `6 ` + X9 b! Q0 ]# }7 W* {

رەخىم 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۇنى، مەلۇم ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتىغا ئىشقا چۇشكەن. 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۇنى رەخىم ئىشلەۋاتقاندا، توكلۇق كىچىك قولچاقنىڭ تىغى ئاجراپ چىقىپ سول كۆزىگە كىرىپ كەتكەنلىكتىن، كۆزى زەخمىلىنىپ، سۈنئى كۆز سالدۇرغان. ئادەم كۇچى بايلىقى ئىجتىمائي كاپالەت ئىدارىسى رەخىمنى ئىش ئۈستىدە يارلانغان دەپ قارار چىقارغان. ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ھەيئىتى رەخىمنىڭ زەخمىلىنىش مىيىپلىق دەرىجىسىنى 5-دەرىجە دەپ بىكىتكەن. رەخىم زاۋۇتنىڭ ئۈستىدىن ئەمگەك كادىرلار ئىشلىرى تالاش تارتىش كىسىم كومتىتىغا زاۋاۇت بىلەن ئوتتۇرسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش، زاۋۇت ئۆزىنىڭ ئىش ئۈستىدە زەخمىلىنىش سەۋەپلىك كىلىپ چىققان تۇرلۇك چىقىمى دەۋا قىلغىنىدا، ئەمگەك كىسىم كومتىتى رەخىم بىلەن زاۋۇت  ئوتتۇرسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋتىنى بىكار قىلىش، زاۋۇت رەخمىنىڭ بالىنىست شارائىتىدىكى تاماق ياردەم پۇلى 420 يۇەن، مىيپلىق تولۇقلىما پۇلى 54000 يۇەن، مىيپلىق ئىشقا ئورۇنلۇشۇش تولۇقلىما پۇلى 103059يۇەن، ئىش ئۈستىدە يارلىنىش داۋالىنىش تولۇقلىما پۇلى 41987يۇەن، مىيپلىقىنى باھالاش ھەققى 300 يۇەن، ئىشتىن توختىغان ۋاقىتتىكى ئىش ھەققى 18000 يۇەن بولۇپ جەمئى 217766 يۇەننى تۆلەش توغرىسدا كىسىم قىلغاندا، زاۋۇت كىسىمىگە قايىل بولماي، يىڭىشەھەر ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان.

3 @# o0 W. y. Y8 @6 v; n + t) L$ `6 h9 s0 R5 l/ V h- i

سوت مەھكىمىسى بۇ دىلوغا سوت ئىچىپ قاراپ چىقىپ، رەخىم زاۋۇتتا ئىشلەۋىتىپ ، خىزمەت ۋاخىتىدا يارلانغان. بۇنىڭدىن تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا ئەمگەك مۇناسىۋتىنىڭ بارلىقىنى بىكىتىشكە بولىدۇ. زاۋۇتمۇ رەخىمنىڭ ئىش ئۈستىدە يارلانغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن بولغان ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتى خىزمەتچىلەرنى ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرمىغان. ئەمگەك كادىرلار ئىشلىرى تالاش تارتىش كىسىم كومتىتىنىڭ ئەمگەك كىسىمنامىسى قانۇن تەرتىپكە ئويغۇن بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتى رەخىمنىڭ «ئىشتا يارلىنىش نىزامى» دا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا تەمىناتى ۋە تۈرىنى تۆلەپ بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى»نىڭ 4- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ئەمگەك توختام قانۇنى» نىڭ 7-ماددىسى، «ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» نىڭ 2-، 10-، 30-، 33-، 36-، 62-ماددا 2-تارمىقى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ (ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتا نىزامىنى) يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 28-ماددىسى، « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى مالىيە نازارىتى تارقاتقان « ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە ھۆكۇمەت ئورگارنلىرى، كەسىپى ئورۇندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كوماندۇرۇپكا خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش بەلگىلىمىسى» توغرىسىدىكى ئۇختۇرۇشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئادەم كۇچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى مالىيە نازارىتىنىڭ «ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ 2013-يىلىدىكى ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى شەخسى ھىساۋات خاتىرسى ئۆسۇمى توغرىسىدىكى ئۇختۇرشى» نىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن:

9 P* b0 w8 O0 \" o1 j" L$ F2 R" H! s % I1 V3 x7 U0 L' B* F6 C9 N7 Q

1. دەۋاگەر مەلۇم ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتى  بىلەن جاۋاپكار رەخىم ئوتتۇرسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋتىنى بىكار قىلىنسۇن. 

5 E! d, x% x! ]' y. Z H, n' x1 s* K: P% W

2. دەۋاگەر مەلۇم ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتى، جاۋاپكار رەخىمنىڭ بالىنىست شارائىتىدىكى تاماق ياردەم پۇلى 420 يۇەننى تۆلىسۇن.

6 ~# {9 h7 t7 c! o. {5 n* T ' h6 J1 P2 W, h! ?- |" O

3.  دەۋاگەر مەلۇم ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتى جاۋاپكار رەخىمغا بىر قىتمىدا مىيپلىق تولۇقلىما پۇلى 54000 يۇەننى تۆلىسۇن.

, u8 m' B* A( _& S! a. Q! C) D 9 L5 b* |7 i3 A: }' J5 }

4. دەۋاگەر مەلۇم ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتى جاۋاپكار رەخىمغا بىر قىتىمدا مىيپلىق ئىشقا ئورۇنلۇشۇش تولۇقلىما پۇلى 103059يۇەننى تۆلىسۇن.

" P6 F! z+ E& N/ ]0 X- z" v3 e) E

5. دەۋاگەر مەلۇم ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتى جاۋاپكار رەخمغا بىر قىتىمدا ئىش ئۈستىدە يارلىنىش داۋالىنىش تولۇقلىما پۇلى 41987يۇەننى تۆلىسۇن.

% M+ \' \- l; @8 b& x$ V / M% l, }) i: f5 n- U

6. دەۋاگەر مەلۇم ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتى جاۋاپكار رەخمغا ئىشتىن توختىغان ۋاقىتتىكى ئالتە ئايلىق ئىش ھەققى 18000 يۇەننى تۆلىسۇن.

0 P( x. {" q+ f' _/ u; u; \; M6 D) e" @/ b% d

7. دەۋاگەر مەلۇم ماشىنا زاپچاسلىرى زاۋۇتى جاۋاپكار رەخىمغا بىر قىتىمدا مىيپلىقىنى باھالاش ھەققى 300 يۇەننى تۆلىسۇن دەپ ھۆكۇم چىقارغاندىن كىيىن، تەرەپلەر ھۆكۇمنامىگە قارتا نارازىلىق ئەرىز بەرمەي، 1-سوت ھۆكۇمى كۇچكە ئىگە بولدى.

" d' `7 o. Y0 H2 M; q' I8 N$ o# D# h( Z6 n+ {. d; V* \1 N' L) T

 (زاۋۇت نامى ۋە كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

5 z" T% a e- {, q- u $ i7 C! t% ]# q+ h7 L

 

- {! t5 U5 b- f, z; s) e 9 y, P8 F0 ? W6 L

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن  مەمەت سۇلتان 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
xjadwokat661

مېنىڭ ئاچام مەلۇم مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چەشلىك ئىسمىنىدا يېتەكچى مەسۇلدىن رۇخسەت سوراپ سىرقا سوغوق ئىچىملىك ئالغىلى چىقىش جەرياندا بىر مەس ئەرنىڭ سەۋەپسىزلا قاتتىق ئۇرۇپ كەتكەن بۇنداق ەھۋالدا ئۇرغۇچى تەرەپ قانداق مەسۇلىيەتنى ئۈستگە ئالدۇ ئۇرۇلغۇچى نىملەدىن بەھرمان بولالايدۇ مەكتەپ چىقىمىنى كۆترەمدۇ 这算工伤嘛 不算的话 什么原因

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.