سىكىنۇتلۇق ئۇيقۇنىڭ بەدىلى
几秒钟瞌睡的后果
  • يوللىغۇچى : مىھرى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 1278 قېتىم كۆرۈلدى

سىكىنۇتلۇق ئۇيقۇنىڭ بەدىلى

, Z0 q" T4 d& N0 y7 h , M* U' s0 d' N( y

 

: H3 s- m. z6 @0 f( `% @ ( _3 Y. d" y$ U2 [

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۇنى، ئەتىگەن سەھەر سائەت 5لەردە، جاۋاپكار ئوسمان بىر كىچە يول يۇرۇپ قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكتىن كۆزى ئۇيغۇغا كىتىپ، قارشى يۆلىنىشكە چىقىپ كىتىپ، ئۇدۇلدىن كىلىۋاتقان ۋاڭنى سوقۇپ زەخمىلەندۇرگەن. قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ۋەقەدىكى پۇتۇن مەسئۇلىيەتنى ئوسمان ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ ئىتىراپنامە چىقارغان. ھادىسىدىن كىيىن، ۋاڭنىڭ ئوڭ پۇتى تىزىدىن كىسىۋىتلگەن. داۋالىنىش خىراجىتى  150مىڭ يۇەننى ئوسمان ۋە ماشىنا ئىگىسى قاسىم  تۆلىگەن. ئوزۇقلۇنۇش ھەققى ئۇچۇن 5 مىڭ يۇەن بەرگەن. ۋاڭ ياخشى بولۇپ كىتەلمەي، شەندۇڭدا 242292.99 يۇەنگە داۋالانغان. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۇنى شىنجاڭ چىڭ يۇەن ئەدىيلىك باھالاش ئورنى قاتناش ۋەقەسى سەۋەپلىك ۋاڭنىڭ ئوڭ پۇتى 6-دەرىجلىك، سول پۇتىنىڭ قىسمەن ھەركەت ئىقتىدارنى يوقۇتۇشى 8-دەرىجلىك، ئىككى تەرەپ ئومۇرتىقىسىنىڭ سۇنغان جايلىرى 9- دەرىجىلىك، كۆكرىكى بىسىلىش خاراكتىرلىك سۇنىشى 10-دەرىجىلىك مىيپ دەرىجىسىگە يەتكەن.  بۇنىڭدىن كىيىنكى داۋالىنىشى 18000يۇەن ، يالغان پۇتنىڭ باھاسى 22000 يۇەن ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۇچ يىلدا بىر قىتىم ئالماشتۇرۇش كىرەك، پەرۋىش مۇددىتى 120كۇن، ئوزۇقلۇنۇش ۋاقتى 180كۇن، ئىشتىن قالغان ۋاختى 260كۇن ، باھالانغۇچى ئاساسى جەھەتتىن ئەمگەك ئەمگەك ئىختىدارىنى يوقاتقان دەپ باھالاپ بىكتىكەن. جاۋاپكار ئوسمان ھەيدىگەن ماشىنا قاتناش مەجبۇرى سۇغۇرتىسى ۋە ئۇچۇنچى تەرەپ 500 مىڭ يۇەنلىك سودا سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋاڭ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھادىسسە كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى شوپۇر ئوسمان، ماشىنا ئىگىسى قاسىم، يۆلەنچۇك شىركەت، سۇغۇرتا شىركەت ئۈستىدىن تۇرلۇك چىقىملىرى 880474.16يۇەننى تۆلەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ دەۋا قىلغان.

- t, ^% \4 N$ `3 d9 U1 G. i; E2 _3 z! P: m: o' \- G0 ~9 {

سوت ئۈستىدە تەرەپلەرنى مۇرەسسەگە يىتەكلەش ئارقىلىق، دەۋاگەر ۋاڭنىڭ شەندۇڭدىكى داۋالىنىش چىقىملىرى 242292.99 يۇەننىڭ 75 پىرسەنتى 181719 يۇەن، بۇنىڭدىن كىينكى داۋالىنىش چىقىمى 18000 يۇەن، ئىشتىن قىلىش ھەققى 31200يۇەن، قارغۇچىنىڭ ئىشتىن قىلىش ھەققى 12000يۇەن، ئوزۇقلۇنۇش ھەققى 4500يۇەن، مىيپلىق تۆلەم پۇلى 222589يۇەن، يالغان پۇت سالدۇرۇش ھەققى 154000يۇەن، باھالىتىش ھەققى 4692يۇەن، قاتناش كىرا چىقىمى 10000 يۇەن، ماشىنىنىڭ زىينى 5000يۇەن، روھى تەسەللى پۇلى 5000 يۇەن بولۇپ ئومۇمى جەمئى 648700يۇەندىن سۇغۇرتا شىركەت 622000 يۇەننى ئۈستىگە ئىلىپ ، دەۋاگەرگە تۆلەپ بىرىدىغان، جاۋاپكار ئوسمان ۋە ماشىنا ئىگىسى قاسىم 26700 يۇەننى ئۈستىگە ئىلىپ، سوت ئۈستىدە نەخلەشتۇرىدىغان، دەۋاگەر ۋاڭ قالغان دەۋا تەلۋىدىن كىچىدىغان بۇلۇپ بىرلىككە كىلىپ، دىلو ئاخىرلاشتى.

7 ^& E3 a: U" i9 ], P e) {! s! L2 t O ( F; j* D' J$ l9 H! u9 H, V

بۇ دىلودىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، شوپۇرلارنىڭ نەچچە سىكىنۇتلۇق بىخەستەلىكى بىجىرىم ئادەملەرنى مىيپلارغا، ھاياتلارنى ئۆلۇكلەرگە، نارسىدىلەرنى يىتىملارغا.......................... ئايلاندۇرۇپ قويۋاتىدۇ. شوپۇرلاردىن ئۇمىدىمىز، ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بەختى ئۇچۇن، ماشىنا ھەيدىگەندە، قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رۇئايە قىلىپ، مەدىنى ماشىنا ھەيدەڭ!

, p, X8 d/ \: a: _, _ # Z: f8 j0 S: g1 S

 

1 H# Y1 J4 c" o: G7 q : n+ j9 ]8 V+ E$ A! S

يىڭشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن  ئارزىگۇل ئابلىمت

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.