دوستلار چەمبىرىكىگە بۇ خىل ئۇچۇرلارنى يوللىغانلارغا بىر مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 42152 قېتىم كۆرۈلدى

دوستلار چەمبىرىكىگە بۇ خىل ئۇچۇرلارنى يوللىغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

" Z5 M$ C# D$ S0 V4 X( c; c2 N- x' F: Q: S

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى تەييارلىغان

5 l/ o+ L1 F3 m$ f3 X9 z; S0 I$ r7 @

دوستلار چەمبىرىكىدە «ياردەم قىلىپ بۇ ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ قويساڭلار» دېگەندەك گەپلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، بىراق بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلاردا ئېھتىيات قىلىڭ، چۈنكى سىزنىڭ مۇنداقلا يوللاپ قويغىنىڭىز قانۇنغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىن.

. C( C6 D7 D% f+ [0 G ! }8 F; \1 u& P6 }& t

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى  ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق ئەسكەرتىشنى تارقاتتى: يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «ئېلان قانۇنى» غا ئاساسلانغاندا، «دوستلار چەمبىرىكىگە ئېلان يوللىغانلار قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك»

4 z# m, r ^ Q! A9 g 7 P. c! k3 M/ q0 m% W$ B# k

تۆۋەندىكىسى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى «تۆت قارا» غا زەربە بېرىش، تۆت زىيانداشنى يوقىتىش ساقچىسى جوۋ تەي تەمىنلىگەن دېلو مىسالى:

y9 \/ y( [1 s5 t5 ?2 }! U % J+ M- S# P# }, V% L. _

ئۈچ مو قىزىل بولاق بەدىلىگە تارقاتقان ئېلاندىكى تاۋار «ئۈچ يوق» مەھسۇلات چىقتى:

! [0 u% I! L5 O$ u; L0 v2 |; @- n" S0 k! T n) ?6 ?

شەندۇڭلىق لىن خانىمنىڭ ئۈندىدارىدا نەچچە يۈز دوستلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دوستى يۈز چاپلىقى سودىسى قىلاتتى. يېقىندا بۇ دوستى سىرداشلار توپىدا ئۈندىدار قىزىل بولىقى تارقاتقان، لىن خانىم  ئۈچ مو ئالغان. كېيىن دوستى بۇنىڭ ئېلان قىزىل بولىقى ئىكەنلىكىنى، ئالغانلارنىڭ يۈز چاپلاق ئېلانىنى تارقىتىپ قويۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان. لىن خانىم بۇ ئېلاننى دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتقان. لىن خانىمنىڭ ئۈندىداردىكى دوستلىرى بۇ ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن، يامان ئەمەس ھېس قىلىپ سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن،  ئەمما بۇ يۈز چاپلاقنىڭ "ئۈچ يوق» ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن، نەتىجىدە دوستىنىڭ يۈزىگە رېئاكسىيە قىلغان.

3 q& |7 `. I! K# q# \ " v# n& A4 n* v! j8 p1 u: o

لىن خانىم مۇنداق دېگەن: «ئۇ مېنىڭ تارقاتقان ئېلانىمنى كۆرۈپ سېتىۋالغانىكەن، مەسئۇلىيەتنى مەن ئۈستۈمگە ئالىدىكەنمەن». ئاخىردا ئۇ ئۆزى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن،  مانا بۇ دوستلار چەمبىرىكىگە تارقاتقان ئېلان كەلتۈرۈپ چىقارغان تۆلەم ماجراسى.

: |8 h/ X! V5 t, a1 h4 a : Y3 u3 @2 s$ E& S u4 y

شەخسىي تاراتقۇلار ئېلان تارقاتسا ئوخشاشلا قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ

" Z5 @% d8 t% I) z3 x- L8 @1 V 8 Q) B7 M4 @0 _5 E

يېڭى «ئېلان قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، تەبىئىي شەخىسلەر  شەخسىي تاراتقۇلاردا ئېلان تارقاتسىمۇ يەنە ئوخشاشلا قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا «ئېلان قانۇنى» نى بىزدىن يىراق، دەپ ئويلىماڭ، چولپان ۋاكالەتچىلەرلا ئۆزى قىلغان ئوبراز ۋەكىللىك سۆزىگە نىسبەتەن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا يەنە ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

" Y# J& a* ?3 p0 r 8 U5 u9 P+ y6 W. u; |1 q- L* Z

ساختا ئېلان تارقاتقانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

$ W2 @7 o7 ^) U9 u/ {: X ; v+ b6 w) p1 Q! P, O# n5 L! J

يېڭى ئېلان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ساختا ئېلان تارقىتىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالداپ، مەھسۇلات سېتىۋالغانلار  ياكى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغان ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلسا، ئېلان ئىگىسى ھەق- تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېلان تىجارىتى قىلغۇچى، ئېلان تارقاتقۇچى ئېلان بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش نومۇرى قاتارلىقلارنى تەمىنلەپ بېرىلمىسە، ئىستېمالچىلار ئېلان تىجارىتى قىلغۇچى، ئېلان تارقاتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئېلان تارقاتقۇچى ئېلان مەنبەسىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، ئۇ ئېلاننى كۆرۈپ مەھسۇلات سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۇچرىغان زىيىنىنى ئېلان تارقاتقۇچىدىن سۈرۈشتە قىلىپ تۆلەتكۈزسە بولىدۇ.

6 o. F' D% Y. x( @1 n5 Y5 s+ H ' t _# ?, j5 f3 K+ }1 g

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئېلان تارقاتقۇچىغا نىسبەتەن، ئەگەر تارقاتقان ئېلانى ساختا بولۇپ، ئىستېمالچىلارغا زىيان كەلتۈرگەن بولسا، ئېلان تارقاتقۇچىمۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى  ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. يېڭى ئېلان قانۇنىنىڭ 55-ماددىسىدا: «ئېلان تارقاتقۇچى ساختا ئېلان تارقاتقان بولسا، سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان ھەققىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ۋە جەرىمانە  قۇيىدۇ، ئېلان ھەققىنى ھېسابلىغىلى بولمىسا ياكى زىيادە تۆۋەن بولسا، 200 مىڭدىن يۇقىرى بىر مىليوندىن تۆۋەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ. ئاقىۋىتى ئېغىر بولغىنى يەنە جىنايى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

' e. l9 k7 n1 n7 N1 q+ W& S6 Z- x1 F+ |% H

ھەق ئالمىسىمۇ، يەنىلا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ

4 C6 a2 A7 `7 O9 x/ ~7 G' l 3 ?4 \% i/ ^- g: l

كونا، يېڭى ئېلان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، «بەلگىلىك ۋاسىتە ۋە شەكىل ئارقىلىق، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆزى ساتقان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرۇش» نىڭ ئۆزى بىر خىل ئېلان قىلمىشى، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئۇلاپ تارقاتقۇچى قىزىل بولاق ياكى باشقا ھەق ئالماي تۇرۇپ، باشقىلارغا  ئېلان ئۇچۇرىنى تارقىتىشىپ بەرگەن بولسا، يەنىلا ئېلانغا تەۋە بولامدۇ؟ يېڭى ئېلان قانۇنىدا كونا ئېلان قانۇنىدىكى «ھەق» نىڭ ئالدىنقى شەرتىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. شۇڭلاشقا تارقاتقۇچى ھەق ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن، تارقاتقان ئۇچۇرنىڭ ئېلان خاراكتېرىگە تەۋە ئىكەنلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

% p/ U+ j5 r3 n1 E; J 2 k4 E3 R) @ U. [, w' m* W& T

دوستلار چەمبىرىكىدە دائىم كۆرۈلىدىغان ئالتە چوڭ ئېلان

; R( k; x D$ G R- e" W / g) Y7 |& ^) G3 I

1. «ناخشا كېچىلىكى بېلىتى ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ» : مەلۇم ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسى جاڭ  X نىڭ 100 دەك ناخشا كېچىلىكى بېلىتى بارلىقى، ئەگەشكۈچىلەر كۆپەيسە ھەمدە تارقاتسا بېلەتكە ئېرىشى پۇرسىتى بار، دەپ ئېلان بەرگەن.

- i) x7 G- b4 [% M% b# D7 k 5 d7 t6 w/ J+ k9 ?/ M8 ~! ^+ n$ M

2. «يېڭى شىركەت ئىش باشلىدى، ئۈندىدارغا قوشقۇچىلارغا مىڭ يۈەنلىك قول سائىتى سوۋغا قىلىنىدۇ» : ئومۇمەن ئۈندىدارنى قوشسىلا، 1080 يۈەنلىك قول سائىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، سوۋغاتلىق قاپ قوشۇمچە بېرىلىدۇ، كۈندە 200 دانە بىلەن چەكلىنىدۇ.

9 H1 R- g0 J& w$ ^ 6 u1 R0 C( \# Z! Y' }6 c

3. دوستلار چەمبىرىكىدىكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش: بىر مەھسۇلاتنى نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە تارقىتىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە دوستلىرىغا باھا قويغۇزۇپ، ئەڭ يۇقىرى باھاغا ساتىدۇ.

' R. i" ]2 k2 e: m6 w9 A8 d& n % ?7 _! d: _* o

4. «پۇلنى كۆز-كۆز قىلىپ، ۋاكالەتچى يىغىش» : بىرەيلەن دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ مەلۇم ماركىدىكى چاچ يۇيۇش مەھسۇلاتنى سېتىپ، ھەر ئايدا ناھايىتى كۆپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دوستلار چەمبىرىكىدە تاپقان پۇلىنى كۆز -كۆز قىلىپ، دوستلىرىنى ۋاكالەتچى بولۇشقا قىزىقتۇرۇپ، زور تۈركۈمدە مال كىرگۈزگەن.

3 V c$ c) g& J0 n" F# G7 g O6 Y# [2 s % y9 U# _' W$ a4 `; ]3 [

5. «دۇكىنىمدىكى xxx بەك بازار تاپتى» : قىسمەن «ئۈندىدار سودىگىرى» دوستلار چەمبىرىكىدە زور تۈركۈمدىكى سېتىپ چىقارغان مەھسۇلات رەسىمىنى كۆز-كۆز قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ سېتىلىپ تۈگىگەنلىكى، ناھايىتى بازار تاپقانلىقى ۋە «پەقەت بىرىلا قالغانلىقى" توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ.

I3 v( c( r" {1 ^6 s: _ 6 g& m) d: a2 z

6. سىناپ ئىشلىتىڭ: بىر قىسىم «ئۈندىدار سودىگىرى» دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆزى سىنغا ئالغان «سىناپ ئىشلەتكەن، يىگەن ۋىدېئو» نى تارقىتىپ، ئۆزى باھالىغان.

* R) d3 r, p0 a; {6 G% }# B! q& A3 G& T: Z, f6 F- F& K

بۇ تېمىدىن مەسلىھەت سوراش ئۈندىدار نومۇرى:542570244

مەنبە : xjadwokat.com
  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 2

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
xjadwokat484

ياخشى ئۇچۇركەن رەھمەت سىلەرگە

ئەلى مۇھەممەت

ھازىرقى ئۇچۈر دەۋرىدە چۈقۇم دىققەت قىلىشىمىز لازىم؟ رەخمەت ياىشى يۈللاوپسىز

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.