مېنى تاشلىۋەتكەن قىزىمدىن بېقىش ھەققىنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 3156 قېتىم كۆرۈلدى

بېقىش ھەققىنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ

, P* P$ ]2 M( @* ?9 V# t- I3 I2 M4 g* ` g! Q+ O

 

% ]" f" G2 K; X) ]: X' Y7 }8 u4 ^( M 1 u( F% \, d" F6 |. V3 `

 3 يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئاچامنىڭ قىزىنى قانۇنلۇق رەسمىيەت بىلەن بېقىۋالدىم. 2013-يىلى ئېرىم قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، بېقىۋالغان قىزىم ماڭا پەقەتلا قارىمىدى، ھەتتا مىنى يوقلاپمۇ كەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا ئۇنداق قىلماسلىقنى ئىيتسام سەن مىنىڭ ئۆز ئاپام ئەمەس، دەپ مىنى ھاقارەتلىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن بېقىش مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنى 30 يىلدىن بىرى باققانلىقىمنىڭ بېقىش ھەققىنى تەلەپ قىلسام سوت مەھكىمىسى قوللامدۇ؟

. U, m2 }# Y. N- Y" |% j; W ! \5 ]1 K! `* r8 e7 Q3 D

ئاقسۇدىن راھىلە

! a6 Y; F: N7 X5 g+ {0 D$ L5 W& R$ ^, G6 e7 o( Q/ N+ a- [

بېقىۋېلىش قانۇنىنىڭ 27-، 30- ماددىسدا: بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا بىلەن قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلىشىپ، بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بولمىسا، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېڭەشسە بولىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

7 C( [7 s- k4 H+ @ ' }" Y4 v$ C) n2 u$ @& e

بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلغاندىن كېيىن، بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا تەربىيلىگەن قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەر ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ھەم تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانىلارغا تۇرمۇش راسخوتى بېرىشى كېرەك. بېقىۋېلىنغان پەرزەنتلەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، بېقىۋالغان ئاتا-ئانىلىرىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش تۈپەيلىدىن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغان بولسا، بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا بېقىۋالغان پەرزەنتلىرىدىن بېقىۋالغان مەزگىلدە سەرپ قىلغان تۇرمۇش راسخوتى بىلەن تەربىيلەش راسخوتىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

" S; D, O" T, i$ s % ]9 h# c) V) t

 دېمەك، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، بېقىۋالغان قىزىڭىز ئېرىڭىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىزنى ئۆز ئاپام ئەمەسكەنسەن دەپ بېقىشنى رەت قىلغان سىزنى ھاقارەتلىگەن، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالمىغان بولسا، سىز بېقىش مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇنىڭدىن بېقىۋالغان مەزگىلدە سەرپ قىلغا تۇرمۇش راسخوتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز بەرسىڭىز سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

' b# _1 v' c( w/ B4 v- G) r# ^4 c; d$ r+ R

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى قانۇن مەسلىھەت مەركىزى

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.