- يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
- |
- يوللانغان ۋاقتى :
- |
- 14764 قېتىم كۆرۈلدى

زاكالەت توختام سوممىسىنىڭ %20 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ
" r, L e- y/ z9 `. ]. V , e# {" d6 }7 m) Aمەن ئۆي زىننەتلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، يېقىندا مەلۇم بىر ياغاچ پول ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بىلەن 500 مىڭ يۈەنلىك ياغاچ پول سېتىۋېلىشقا توختاملاشقانىدىم. توختامدا قارشى تەرەپ مەھسۇلاتنى 15 كۈن ئىچىدە تاپشۇرىدىغان، مەن ئالدىن 150 مىڭ يۈەن زاكالەت تاپشۇرىدىغان، مەھسۇلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندا قالغان مال پۇلىنى بىراقلا تاپشۇرىدىغان، توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچى 120 مىڭ يۈەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدىغان بولۇپ كېلىشكەنىدۇق، بىراق قارشى تەرەپ مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇلاردىن توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى 120مىڭ يۈەن بىلەن زاكالەت پۇلىنى ئىككى ھەسسىلەپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسام ئۇلار رەت قىلدى. ئۇلارنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىشى توغرىمۇ؟
! [( x5 e4 t; Z( m3 ]$ S4 ^4 gئۈرۈمچىدىن كېرەم
+ X% |6 [6 A# h: q1 @- \توختام قانۇنىنىڭ 114-ۋە 115-ماددىلىرىدا، ئالاقىدارلادىن بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغاندا، خىلاپلىق ئەھۋالىغا قاراپ قارشى تەرەپكە مەلۇم مىقداردا خىلاپلىق پۇلى تۆلەشنى پۈتۈشسە بولىدۇ، خىلاپلىق تۈپەيلىدىن كۆرۈلگەن زىياننى تۆلەش سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى پۈتۈشسىمۇ بولىدۇ. پۈتۈشكەن خىلاپلىق پۇلى زىياندىن تۆۋەن بولسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن ئۇنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. پۈتۈشكەن خىلاپلىق قىلىش پۇلى زىياندىن زىيادە يۇقىرى بولسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن ئۇنى مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قەرزدار قەرز تۆلىگەندىن كېيىن، زاكالەتنى مال پۇلىغا ھېسابلىشى ياكى قايتۇرۇشى لازىم. پۈتۈشكەن قەرزنى تۆلىمىگەن زاكالەت بەرگۈچىدە زاكالەتنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پۈتۈشكەن قەرزنى تۆلىمىگەن زاكالەت ئالغۇچى زاكالەتنى ئىككى ھەسسە بويىچە قايتۇرۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. كېپىللىك قانۇنىدا، زاكالەت سوممىسىنى ئالاقىدار تەرەپلەر پۈتۈشىدۇ، لېكىن ئۇ ئاساسىي توختام نىشانى سوممىسىنىڭ %20دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. دېمەك، سىزنىڭ زاكالەت پۇلىنى ھەسسىلەپ بېرىشنى ھەمدە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تەلەپ قىلىشىڭىز مۇۋاپىق بولمىغان. بەلگىلىمە بويىچە سىز توختامدىكى نىشان سوممىسىنىڭ %20چىلىك زاكالەت پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن زاكالەت سوممىسىنى قانۇن قوللىمايدۇ.
: @/ v: O/ w8 ^$ _ Y8 r z: C" o3 Y) t4 N% ^شىنجاڭ ئادۋوكات تورى قانۇن مەسلىھەت مەركىزى