رەنە توختامى تىزىملىتىلغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 15241 قېتىم كۆرۈلدى

 رەنە توختامى تىزىملىتىلغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ

7 P- J! h2 R5 V* z8 K $ o5 a0 F) d5 F7 s) Q; U) L

ئاغىنەم مەندىن 200 مىڭ يۈەن قەرز سورىغانىدى، مەن ئۇنىڭدىن بىرەرىنىڭ كېپىل بولۇشىنى تەلەپ قىلسام، ئۇ ئىنىسىنىڭ كېپىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنىسى ئىگىدارلىقىدىكى 280 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ، ئۆي خېتىنى ماڭا بەردى. ئاغىنەم بىر يىلدىن كېيىن قەرزنى قايتۇرغاندا ئۆي خېتىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدۇم. قەرز ھۆججىتىگە بۇ ئەھۋاللارنى تولۇق يېزىپ رەنە توختامى ئىمزالىدۇق، بىراق رەنە توختامىنى تىزىملاتمىدۇق، قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىدە ئۆينى رەنىگە قويۇش توختامى تىزىملاتمىغان ئەھۋالدا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

7 @1 S: Y1 g+ l6 |' b2 p3 Q y1 y" P# r1 ?

كورلىدىن ئاۋۇت

# {; c) r* j% C9 U0 T 1 _. T3 W$ t, O/ H8 H& w0 ]( a

گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر ئۆي-زېمىنىنى باشقۇرۇش نىزامى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر ئۆي زېمىن رەنىسىنى باشقۇرۇش چارىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئۆي زېمىن رەنىسى رەنىگە قويغۇچى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئۆي زېمىن ئىگىدارلىقىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئۇسۇلى بىلەن رەنىگە ئالغۇچىغا قەرز ئۈچۈن كېپىلىككە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا رەنىگە ئالغۇچى قەرزنى رەنىگە قويۇلغان ئۆي زېمىننى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ تاپقان پۇلدىن قانۇن بويىچە ئالدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. دۆلەت ئۆي زېمىن رەنىسىدە تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئۆي زېمىن رەنە توختامى رەنە تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئوتتۇراڭلاردىكى قەرز ھۆججىتىگە ئاغىنىڭىزنىڭ ئىنىسى كېپىل بولۇپ قول قويغاندىن كېيىن، ئۆي زېمىننى رەنىگە قويۇپ قەرزگە كېپىل بولۇش توختامى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، رەنە توختامى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن بولساڭلار، ئوتتۇراڭلاردىكى رەنە توختامى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، شۇڭا رەنە توختامىنى چوقۇم تىزىملىتىشىڭلار كېرەك.

( G3 Q( h/ w& R# @. ]7 H6 u) ] ; w7 K4 w: h, S; T0 ?

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى قانۇن مەسلىھەت مەركىزى

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.