ئادۋوكاتخانا ئىچىدىكى تۇنجى تەقلىدىي سوتخانا روياپقا چىقتى
  • يوللىغۇچى : yasin
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 14368 قېتىم كۆرۈلدى

ئادۋوكاتخانا ئىچىدىكى تۇنجى تەقلىدىي سوتخانا روياپقا چىقتى

$ z; `0 ]- J9 M' A. V ; ^, G- i. a) e* V k% G, [5 D. i- x9 M

2017 – يىلى 7 – ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئادۋوكاتخانا ئىچىگە تەقلىدىي سوتخانا قۇرۇلۇپتۇ» دېگەن سۆز قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ زادى قايسى ئادۋوكاتخانىدۇ؟ ئادۋوكاتخانا ئىچىگە نېمە ئۈچۈن تەقلىدىي سوتخانا قۇرىدىغاندۇ؟ دېگەن سوئاللار بەلكىم كەڭ تورداشلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شىنجاڭ ئادۋوكات تورىدىن ياسىن مەخمۇت نەق مەيدانغا بېرىپ بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. بۇ دەل ئۈرۈمچى شەھىرى جۇلا سودا شەھەرچىسىنىڭ 6 – قەۋىتىگە جايلاشقان شىنجاڭ راۋان ئادۋوكاتخانىسى ئىدى.

2 e9 m# X; v7 y. o' n6 Z9 t, Q% q. U. @/ ?

شىنجاڭ راۋان ئادۋوكاتخانىسىنىڭ مۇدىرى كۈرەش ھاشىم بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

7 i) g2 a4 Y; K- r& g- f3 p , }& G* E, u& d( s2 f

__ ئۇيغۇر ئادۋوكاتچىلىقىدا تەقلىدىي سوتخانا تەسىس قىلىش ھازىرقى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئادۋوكاتلار قۇشۇن قۇرۇلۇشىنى ئادۋوكاتلار مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەلىپى. يېڭىدىن كەسىپكە قەدەم قويۇيۋاتقان يېڭى ئادۋوكاتلار مەيلى ئاقلاش ماھارىتى بولسۇن ياكى ھەق – تەلەپ، مەمۇرىي دەۋالاردا بولسۇن، تېز سۈرئەتتە سېستىمىلاشقان ئاقلاش تاكتىكىسى ۋە ئوچۇق بولغان ۋاكالەتچىلىك پىكرىنى بايان قىلىش كەسپىي تەربىيەلىنىشكە موھتاج. بۇ پىكىرنى ئەينى يىللىرى قانۇن ئاخباراتچىلىقىدىن چىققان كەسپىي ئادۋوكات، شىنجاڭ ئادۋوكات تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوستۇم مۇھەممەت ئابلىمىت ئۆزقۇت ئوتتۇرىغا قويغان، مەن ئۇنىڭ پىكرىنى تولۇق قوللايمەن ھەم ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە لايىھەلەش ئېلىپ بارىمەن. ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىق ساھەسىگە بولغان كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش، ئاخبارات، ئۇچۇر قوراللىنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرلىرى توغرىسىدىكى ئۆتكۈر نۇقتىئىينەزەرلىرىگە قايىلمەن. بىز بۇ تەقلىدىي سوتخانىنىڭ رولىدىن چوقۇم ئۆنۈملۈك، جانلىق پايدىلىنىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىن تۈرلۈك تەربىيەلەشلەرنى ئېلىپ بارىمىز، تەقلىدىي سوتخانىمىزنىڭ شىنجاڭ ئادۋوكاتچىلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە سېستىمىلىشىشىغا تۈرتكە بۇلالىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل. بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئادۋوكات تورى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز.

3 |0 p7 J* q- Z) t" h5 w/ @ 2 C3 @3 ~- a9 Z6 }: B+ d

شىنجاڭ ئادۋوكات تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ شىئەن ئادۋوكاتخانىسىدىن مۇھەممەت ئابلىمىت ئۆزقۇت تەقلىدىي سوتخانا توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

, h5 w1 k! h0 |! O- v) ? % b5 c2 i* ]7 @

__ شىنجاڭ راۋان ئادۋوكاتخانىسىنىڭ تەقلىدىي سوتخانا تەسىس قىلىشى بىلەن ئادۋوكاتلىق ساھەسىدىكى زور بوشلۇق تولدۇرۇلدى، بىز ئەينى چاغدا ئادۋوكات كۆرەش ھاشىم بىلەن ئىقتىسادىي يار بەرگەن كىشىلەرنىڭ كەڭ ئادۋوكاتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق سورۇن ھازىرلاپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا پىكىرلەشكەنىدۇق، كۆرەش ھاشىم ھەقىقەتەن بۇنى روياپقا چىقاردى. تەقلىدىي سوتخانىنىڭ كۆلىمى 150 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 70 تەك كىشى بىمالال ئولتۇرالايدىكەن. شۇڭا كەڭ ئادۋوكاتلارنىڭ بۇ شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

3 O0 L3 u7 q. B- d 1 D( q: v0 D1 ^* J6 @

/ H' X+ m" n" G3 ?/ J* { h) F/ B" X" i: x

$ |6 X) N" q/ S9 _ * a5 k4 E* j% H8 v, u% h

1 Y% J- `" V b c0 Z/ R& u2 f5 b$ }( M3 m# k8 I+ E8 j

- w, l3 p3 I- A+ S% V N u( T9 N3 a0 w

5 i! F/ k2 B, n. f, B2 ~ ' k2 ]' X j" u/ p1 {6 V1 o( n

! I. q& |6 P( `9 o% U4 `* a! \5 w2 A/ X

' |/ D$ d2 x0 y8 U M! s8 f3 |& A4 C

 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.