توختامنى بىكار قىلىش بىلەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 15094 قېتىم كۆرۈلدى

 توختامنى بىكار قىلىش بىلەن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ

+ N" C1 `, A- H% T) }* x2 H: L; J1 t+ j" z0 Y: _+ y

بۇلتۇر مارتتا ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيۈمنى كېرەمگە ئاشخانا ئېچىشى ئۈچۈن ئىككى يىللىق ئىجارىگە بەرگەنىدىم. ئىجارە توختامىدا ئىجارە پۇلى، ئىجارە مۇددىتىنى پۈتۈشكەندىن سىرت، ئىجارە مەزگىلىدە ئۆينىڭ تازىلىق، بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا كېرەم مەسئۇل بولىدىغان، مەسىلە كۆرۈلسە، مەسئۇلىيەتنى ئۇ ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەنىدۇق. بىرنەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيگە بارسەم ئۆينىڭ تاملىرى زەيلىشىپ يەرگە ياتقۇزۇلغان چىنە خىشلار سۇنۇپ كېتىپتۇ. مەن ئۇنى دىققەت قىلىش توغرىلىق ئەسكەرتكەن بولساممۇ، ئۇ پىسەنت قىلماي ئۆينى ئاسرىمىدى. توختامنى بىكار قىلىپ ئۆينى قايتۇرۇۋېلىشنى ئېيتسام ئۇ ئىجارە ۋاقتى توشقاندا قايتۇرىمەن، دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ ئىجارە ئۆينى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى پاكىت قىلىپ توختامنى بىكار قىلسام ۋە كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟

8 g# |! R4 [ n B. F0 A8 l; e6 ^ ' m$ n8 Q2 m/ u, j" i3 ~5 ]% H

جەرەنبۇلاقتىن قانات

, ~6 U* y+ X. ]% E m7 M " P2 E1 G+ F9 B. i0 j3 e

توختام قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بېرىلگەن نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل ياكى ئىجارە بېرىلگەن نەرسىنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئىشلىتىپ، ئىجارە بېرىلگەن نەرسىنى ئۇپراتقان بولسا، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بېرىلگەن نەرسىنى پۈتۈشكەن ئۇسۇل ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ خاراكتېرى بويىچە ئىشلەتمەي، ئىجارە بېرىلگەن نەرسىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ئىجارىگە ئالغۇچى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئىجارە بېرىلگەن نەرسىنى بۇزۇۋەتسە ياكى يوقىتىۋەتسە، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەھۋال ھەقىقەتەن سىز ئىنكاس قىلغاندەك، كېرەم توختام بويىچە ئۆينى ئاسرىماي، سىزگە زىيان سالغان بولسا، بۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتىڭىزنى توپلاپ توختامنى بىكار قىلىش بىلەن زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

5 f, S* E+ ^8 ~2 N) b2 C) p 4 {) d' s% l0 H/ H9 U

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.