مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 903 قېتىم كۆرۈلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان خوجىلىق ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر تەلئەت سۇلتان

6 p8 y1 }5 c% m8 q/ G% a6 h$ O ( s6 q! d' m4 P# R7 Q7 V

    كىچىك چاغلىرىمدا چوڭ ھويلىدا خەنزۇ دوستلىرىم بىلەن پېشايۋان ئاستىدا سوقماق ئوينىغانلىرىم، كارىدوردا مۆكۈشمەك ئوينىغانلىرىم، چوڭ ھويلىدا كۈلكە- پاراڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقى؛ چوڭ بولۇپ ئىشقا چۈشكەن چاغلىرىمدا خەنزۇ خىزمەتداشلارنىڭ ماڭا قولمۇقول كەسىپ ئۆگىتىپ، ئورتاق ئىلگىرىلىگىنىمىز؛ پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتىمدا پېشقەدەم شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىم بەرگەنلىكى؛ قۇربان ھېيتتا ھەر مىللەت دوستلارنىڭ بەخت تىلىگەنلىكى ھازىرمۇ ئېسىمدە بار. شۇ چاغلاردىن قالغان ئەسلىمە تولىمۇ تاتلىق ھەم ئىللىق بولۇپ، جەمئىيىتىمىزدە ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق ئىدى.

; M% C% X: _: ] + W5 J' x# G( b( l* ]/ D

    ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، دىن تونىغا ئورىنىۋالغان بىر ئوچۇم بۆرىلەر پەيدا بولۇپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، ئويدۇرۇپ چىقىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى بۇرمىلاپ، پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ھەق- ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، ئاق- قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى. قانلىق پاكىت بىزگە شۇنى چۈشەندۈردىكى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قىلىۋاتقىنى جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە قارشى زوراۋانلىق قىلمىش، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

' p5 U3 M5 M9 R& C! B% O) K , H2 l- C$ n0 V8 d

    مەن ئاشۇ زوراۋانلارغا شۇنداق جاكارلايمەنكى: دۈشمەن مەغلۇپ بولماي قالمايدۇ! ۋەتەننى پارچىلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان ھەر قانداق جىنايى قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەرگىز ياخشى بولمايدۇ، مۇقەررەر ھالدا قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا، قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرايدۇ؛ سىلەرنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىڭلار ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسماقچى بولغىنىدەك، ئۆز بېشىنى ئۆزى يېگەنلىك.

/ Q$ P' h& l) ^3 r" a% A, _& Z5 y ( ]) h( l0 Y) V3 |" [9 _8 [& j; ?6 G

    مەن پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان ئۇيغۇر كادىر، پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار؛ مەن پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمەن، پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ ئىلغارلىقىمنى يوقاتمايمەن، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان بولساممۇ پارتىيەدىن ئايرىلماي، شەرەپلىك تارىخىمنى قەدىرلەپ، سىياسىي خىسلىتىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، زىددىيەتنى پەسەيتىمەن؛ تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچقۇچى، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاقىللار ئامبىرى، جەمئىيەتكە قىزغىن مۇلازىمەت قىلغۇچى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى يېتەكلىگۈچى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋارىسى، قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتىدىغان ئۈلگە بولۇپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

# _, ] K6 _( s ; n# H# U( M1 x) V. O5 D

    مەن ئورگان خوجىلىق ئىدارىسىدىكى بارلىق پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.