ئاجرىشىش ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولماي تۇرۇپ بىر تەرەپ ئۆلۈپ كەتسە يەنە بىر تەرەپ مىراسخور بولامدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 18421 قېتىم كۆرۈلدى

ئاجرىشىش ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولماي تۇرۇپ بىر تەرەپ ئۆلۈپ كەتسە يەنە بىر تەرەپ مىراسخور بولامدۇ

. K4 A4 ~8 `2 L8 {! V& p; n ' N+ l6 {) L6 \- {' U8 e5 R$ S

 

3 H* v1 S# l( E, N3 |: Q% v- ^! v) f+ E+ L. Y- A

تاغام ئىشتىن قالغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ھاراقخۇمار بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەم ئايالىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمىغاچقا، ئايالى  تويلىشىشتىن ئاجرىشىش توغرىسىدا بۇ يىل سوتقا ئەرز سۇندى. سوت مەھكىمىسى ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى مۇرەسسەگە يېتەكلىگەن بولسىمۇ مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغانلىق توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. ئويلىمىغان يەردىن تويلىشىشتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمى چىقارغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۈنى تاغام قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تاغامنىڭ ئايالى تاغامغا بۇيرۇلغان مال - مۈلۈككىمۇ ئۆزىنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى. تاغامنىڭ ئايالىنىڭ تەلىپى ئورۇنلۇقمۇ؟

b6 H- ^5 a7 k7 X: s/ d $ T, @ J5 U3 U) X8 u

 

# u/ [; G2 j1 a* f. h2 L+ I$ y% F ; ~. P3 r/ @; N& N5 G

تويلىشىشتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمى چىقىرىلغان ئەر - خوتۇندىن بىرى قازا قىلسا، يەنە بىرىنىڭ ئۇنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقى سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان - بولمىغانلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئەگەر ھۆكۈم تېخى كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا، ھايات قالغان تەرەپنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ھەق تەلەپ دەۋاسىدا دەۋانى ئىككى دەرىجىلىك سوت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، دەۋالاشقۇچىلار بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولمىسا، نارازىلىق قىلسا بولىدۇ، ئىككىنچى سوتتا چىقىرىلغان ھۆكۈم، كېسىملەر ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى، كېسىمى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى سۈپىتىدە چىقارغان ھۆكۈم - كېسىملەرمۇ ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى، كېسىمى بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسى بولۇپ، ئۇ چىقارغان ھۆكۈم بىرىنچى سوت ھۆكۈمى بولىدۇ، نارازىلىق قىلىش مەزگىلىدە ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 147- ماددىسىدا: يەرلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىرىنچى سوتتا چىقارغان ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغان دەۋالاشقۇچىلار ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە نارازىلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق. يەرلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىرىنچى سوتتا چىقارغان كېسىمىگە قايىل بولمىغان دەۋالاشقۇچىلار كېسىمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 10كۈن ئىچىدە نارازىلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن. دېمەك، ئىككى تەرەپ بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە نارازىلىق ئەرزى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ 15 كۈنلۈك نارازىلىق ئەرز قىلىش سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھۆكۈم ئاندىن قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەھۋال سىزنىڭ ئىنكاس قىلغىنىڭىزدەك، تاغىڭىزنىڭ تويلىشىشتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمى تېخى كۈچكە ئىگە بولمىغان بولغاچقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتمۇ تېخى بىكار قىلىنمىغان بولىدۇ. ئەر-خوتۇنلار مىراسقا ئۆزئارا ۋارىسلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغاچقا، تاغىڭىزنىڭ ئايالى تاغىڭىزغا تەۋە بولغان مال- مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

! O# G7 I( q& M8 H9 W3 ?& t6 S4 |7 M/ T, w

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى

4 q) W# U$ N2 q, } $ h# h7 W* Y4 V/ H, ^7 X/ s; A

 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.