چوڭلاردىن بالىمىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلساق بولامدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 14212 قېتىم كۆرۈلدى

چوڭلاردىن بالىمىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلساق بولامدۇ

) g8 s: b) o2 x! X # Y3 m" }6 L$ K. W$ A

ئېرىم ئىككىلىمىز ئىش ئورنىمىزدىن قالغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغاچقا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ بالىلىرىمىزنىڭ كىتاب ۋە مەكتەپ فورما پۇلىنىمۇ تاپشۇرالمىدۇق. باشقىلاردىن ‹ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنى بېقىشقا قۇربى  يەتمىسە، بوۋا-مومىسىنىڭ بېقىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقى› ھەققىدە بەلگىلىمە بارلىقىنى ئاڭلىدىم. قېيىنئانام پېنسىيىگە چىققان بولۇپ مۇقىم كىرىمى بار، تۇرمۇش شارائىتىمۇ خېلى ياخشى، شۇڭا قېيىنئانامدىن بالىلىرىمىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلساق بولامدۇ؟

, b/ |- c7 Z4 ~! j7 z4 x $ W/ y+ o% ~' }5 T6 e1 @! p

ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا قېيىنئانىڭىز سىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس. ئەمما سىز تىلغا ئالغان بەلگىلىمىدە: ‹ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىلىرىنى بېقىشقا قۇربى  يەتمىسە، بوۋا-مومىسىنىڭ بېقىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار› دېيلگەن بولماستىن، بەلكى بېقىۋېلىش قانۇنىدا: «بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتسە ياكى تۇرمۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىپ، بالىنى بېقىشقا قۇربى يەتمىسە، بوۋىسى، مومىسى ياكى باشقا تۇغقانلىرىنىڭ بالىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ» دېيىلگەن. ئەگەر ئەھۋال سىز ئېيتقاندەك، ئەر-خوتۇن ئىككىڭلار خىزمەتتىن قالغان بولساڭلار بۇ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق. بالىلىرىڭىزنىڭ كىتاب ۋە فورما پۇلىنى تاپشۇرۇشقا قۇربىڭلار يەتمىگەن بولسا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ھەمدە ئالاقىدار مائارىپ ئورۇنلىرىغا بالىلىرىڭلارنىڭ كىتاب ۋە فورما ھەققىنى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار  قاتارىدا كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلساڭلار بولىدۇ.

2 s# O. X+ L" I1 v, t l4 _. D2 C0 }, F: T8 e9 M2 J F6 X

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.