بوۋىڭىزنىڭ ئۆي توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 10915 قېتىم كۆرۈلدى

بوۋىڭىزنىڭ ئۆي توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ

- n0 P- d6 W7 G, v2 z6 r5 A9 h3 f8 f+ I1 ~5 H

 

& J0 m* t" x* s3 k- l * `' {( F& L+ v r1 R! t! Y% I# m$ `

دادام كورلىدىن، ئاپام خوتەندىن بولۇپ، ئۇلار خوتەندە تۇرمۇش قۇرغىلى 16 يىل بولدى. بىز ئىككى پەرزەنت بولۇپ، دادام ئاغرىقچان بولۇپ قېلىپ داۋالىنىش ئۈچۈن يۇرتىغا كەتكەنىدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىشقا باشلىدى. ئاپامغا قارايدىغان ئادەم بولمىغاچقا مەن قارىدىم، چوڭ دادام (ئاپامنىڭ دادىسى) نىڭ بىز بىلەن كارى بولمىدى. دادام قايتىپ كېلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاپام قازا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بوۋام دادامنى يۇرتىغا كەتكۈزۈۋېتىپ، ئۆينى سېتىپ بىزنى باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەينى چاغدا بوۋام بەرگەن يەرگە دادام بىلەن ئاپام ئۆي سالغان بولۇپ، دادام ئۆينى سېتىپ بالىلارنى ئېلىپ يۇرتۇمغا كېتىمەن دېگەندە، بوۋام ئۇنىمىدى. بىز ئامالسىز دادام بىلەن كورلىغا كېلىپ ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتىمىز. دادام ئاغرىقچان، ئەمگەك قىلالمايدۇ. يېقىندا بوۋام بىزگە ۋەسىيەتنامە ئەۋەتىپتۇ. ۋەسىيەتنامىدە ئۆينى بىز ئىككى نەۋرىسىگە قالدۇرغانلىقىنى يېزىپتۇ. بىز دادام بىلەن تۇرۇشنى خالايمىز. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز بۇ ئۆينى سېتىۋېتىپ، دادام بىلەن بىللە تۇرساق بولامدۇ؟

- p: u5 j# Z, w. @9 ` - M1 c: t1 J6 p! U2 g

ئەگەر شۇ ئۆي ئاپىڭىز بىلەن دادىڭىزنىڭ ئورتاق مۈلكى بولسا، بوۋىڭىزنىڭ بۇ ئۆي توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ، پەقەت ئۆز نۆۋىتىدە ئاپىڭىزنىڭ مىراسىدىن ئۆزىگە تەئەللۇق قىسمىغا ۋارىسلىق قىلالايدۇ. ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى كۈچكە ئىگە ۋەسىيەت قالدۇرمىغان بولسا، ئۇنىڭ مىراسىغا قانۇنىي ۋارىسلار دائىرىسى، ۋارىسلىق رېتى ۋە مىراسنى بۆلۈش پىرىنسىپى بويىچە ۋارىسلىق قىلىدۇ. دادىڭىز، سىلەر ۋە ئاپىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىرىنچى رەتتىكى ۋارىسلار ھېسابلىنىسىلەر. سىلەر ئورتاق مۈلۈكتىن داداڭلارغا تەئەللۇق قىسمىنى ئايرىۋەتكەندىن كېيىن، ئاپاڭلارنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلساڭلار بولىدۇ. نىكاھ قانۇنىدا، نەۋرىسىنى بېقىپ تەربىيىلەش ئىقتىدارى بار بوۋا - مومىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا-ئانىسى باقالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن نەۋرىلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار، دېيىلگەن. كىم بىلەن تۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، سىلەرنىڭ قانۇن بويىچە داداڭلار بىلەن بىللە تۇرۇش ھوقۇقۇڭلار بار. بوۋاڭلارنىڭ داداڭلارنى كەتكۈزۈۋېتىپ، ئۆينى سېتىپ سىلەرنى باقىمەن، دېگىنى توغرا بولمىغان. ھازىر داداڭلارنىڭ سالامەتلىكى سىلەرنى بېقىشقا يار بەرمىسە، يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە بوۋاڭلارنىڭ سىلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئەگەر ئۆي بوۋاڭلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، ئۇ سىلەرگە بۇ ئۆينى قالدۇرۇش توغرىلىق ۋەسىيەت قىلغان بولسا، قانۇن بويىچە بۇ ۋەسىيەت ۋاسىيەت قالدۇرغۇچى ئۆلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. سىلەر بوۋاڭلارغا ئەمەلىي قىيىنچىلىقىڭلارنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلساڭلار بولىدۇ. بوۋاڭلارنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

. Q4 @( y1 H u- w+ q4 ]. n# }8 w1 v/ |# b+ Y

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.