يۆتكەلگەن قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىگە قوشۇلمىغان ئەھۋالدا كېپىللىك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ
  • يوللىغۇچى : ئالىي باشقۇرغۇچى
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 942 قېتىم كۆرۈلدى

يۆتكەلگەن قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىگە قوشۇلمىغان ئەھۋالدا كېپىللىك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ

$ D9 g% o. D2 r% @9 r7 H$ x / V1 j9 e1 ^3 M( P7 k4 t F

تاغام بانكىدىن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئالماقچى بولۇپ مېنى كېپىل قىلغانىدى. تاغامنىڭ باشقىلاردا ئېلىشى بولغاچقا، ئامانەت –قەرز كوپېراتىپىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تاغام ئالغان قەرزنى شۇ كىشى قايتۇرىدىغان بولدى. قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى يۆتكەلگەن ئەھۋالدا ئامانەت – قەرز كوپېراتىپى مېنى ئىزدەمدۇ؟

# M" E+ L, e4 q& T: X, h & d+ E$ D; b6 n% s, P4 q* ^% W

كېپىللىك قانۇنىدا، كېپىللىك مەزگىلىدە ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇشتا كېپىلنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم. كېپىلنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن قەرزدارلىق ئالدىدا كېپىل كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېپىللىك قانۇنىنى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتىدا، كېپىللىك مەزگىلىدە ھەقدار كېپىلنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ قەرزدارنىڭ قىسمەن قەرزدارلىقىنى ئۆتۈنۈشىگە ئىجازەت بەرگەن بولسا، كېپىل ئۇنىڭ قوشۇلۇشىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆتۈنگەن قىسمەن قەرزدارلىقىغا قارىتا كېپىللىك جاۋبكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن كېپىل ئۆتۈنۈپ بېرىلمىگەن قەزدارلىق قىسمى ئۈچۈن يەنىلا كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن. نەرسە ھوقۇقى قانۇنىدا، ئۈچىنچى كىشى كېپىللىك بېرىشتە ھەقدار ئۇنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلغان بولسا، كېپىل مۇناسىپ كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

+ ^" q C: Q* e, m! ? 1 @' k+ E8 D% p

دېمەك، ئامانەت قەرز كوپېراتىپى سىزنىڭ يازما ماقۇللۇقىڭىزنى ئالمىغان ئەھۋالدا يۆتكەلگەن قەرزگە قارىتا سىز كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىڭىزگە ئالمايسىز، سىز يۆتكەلگەن قەرزدارلىق مۇناسىۋىتىگە قوشۇلمىغان ئەھۋالدا كېپىللىك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

! k3 H- B ]/ c4 G- G; s9 s2 O6 G6 h+ _* L2 p9 Q; y6 G8 n3 A# `0 k$ }

شىنجاڭ ئادۋوكات تورى

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.