مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش
行政复议
  • يوللىغۇچى : xjadwokat292
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • 660 قېتىم كۆرۈلدى

بىر قىسىم كىشىلەر مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ چارىنىڭ قانۇن – نىزامغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمايدۇ – دە، زىيان تارتىدۇ. قىسمەن مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ قارار چىقىرىشتا خاتالىقتىن خالىي بولۇشى، چىقارغان مەمۇرىي قارارىنىڭ تامامەن قانۇن – نىزاملارغا ئۇيغۇن بولۇپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا قانۇنىي ئىگىلەر بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇنغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

+ a5 \/ c& q. i0 Q* ^- v 4 X. Z7 e- e K4 e! u4 D

    مەمۇرىي قاراپ چىقىش پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي قۇتقۇزۇش يولى ئارقىلىق مەمۇرىي تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىدۇر.

+ Y, [6 X" L$ y6 s8 E4 }! |( {/ y B

    1. مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغۇچى چوقۇم مەمۇرىي ئورگان يۈرگۈزگەن ھوقۇق ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى بار قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلدى، دەپ قارىغان بولۇشى كېرەك.

# L6 w1 C: N6 v, c, D% ]- |4 i2 e1 G- y

    2. ئالاقىدار تەرەپنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، چوقۇم مەمۇرىي ئورگان مەمۇرىي قارار چىقارغاندىن كېيىن بولۇشى كېرەك. مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنىڭ ۋەزىپىسى مەمۇرىي تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ھەق تەلەپ ئىشلىرى ياكى باشقا تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئەمەس.

0 U3 F3 v/ c4 B& k 5 ~9 ~. Y5 c4 B3 h

    3. ئالاقىدار كىشى مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش ھوقۇقىغا ئىگە مەمۇرىي ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

' S3 m9 w7 w: V9 ?1 L0 I1 U, z- _

    4. مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش خۇلاسىسى چىقىرىلغاندىن كېيىن، قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش قارارنامىسى ئەڭ ئاخىرقى كېسىم، دېگەن قانۇنىي قارار چىقىرىلمىغان بولسىلا، ئالاقىدار كىشى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغاندا، مەمۇرىي دەۋا قانۇننىڭ بەلگىلىمىسى ھەم مۇناسىۋەتلىك تەرتىپكە ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

; g" O- `/ k: S+ f5 q " O0 `$ Q2 N1 t( h/ C7 C1 ?) x

باي ناھيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئەخمەتجان توختى 

  • ئىنكاس يېزىش
  • ئىنكاس : 0

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنى يوللايلى !

كىرىش
18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.